جوست لاگېندىجك: تۈركلەر ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ۋىزىسىز بېرىشى كېرەك
جوست لاگېندىجىك: تۈركلەردىن ۋىزا تەلەپ قىلىش تۈركىيە- ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە توسالغۇ بولىدۇ
[attachment=2075]
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تۈركىيە - ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىرلەشمە پارلامېنتنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق باشلىقى جوست لاگېندىجك ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ، تۈرك گراژدانلىرىغا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ۋىزا سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش لازىملىقىنى ئېيتتى.
ياۋروپا سوت مەھكىمىسىنىڭ، تۈرك گراژدانلىرىغا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ۋىزا سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك قارارنامىسىنى بىر قۇر ئەسلىتىپ ئۆتكەن گوللاندىيىلىك پارلامېنت ئەزاسى، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مەزكۇر قارارنامىنى ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى
لاگېندىجك، گوللاندىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ، ياۋروپادىكى تۈرك شىركەتلىرىدە ئىشلەش ئۈچۈن كەلگەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى گراژدانلىرىدىن ۋىزا تەلەپ قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
لاگېندىجك، يەنە داۋالىنىش، ساياھەت قىلىش ياكى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلىرىگە بارماقچى بولغان تۈرك گىراژدانلىرىدىنمۇ ۋىزا تەلەپ قىلماسلىقى لازىملىقىنى ئېيتتى.
جوست لاگېندىجكنىڭ قارىشىچە، ۋىزا تەلەپ قىلىش ئەمەلىيەتتە تۈركىيە- ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە توسالغۇ بولىدىكەن.