ئەركىنلىك ياشىسۇن!!!
دەرىجە: باش ۋەزىر
UID: 59
نادىر تىمام: 111
يازمام: 9277
شۆھرىتى: 35030 نومۇر
پۇلى: 484227 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان : 2008-03-12
ئاخىرقى قېتىم: 2009-04-02

 تۈركىيىدىكى يەرلىك سايلام دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى


تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى يەرلىك سايلام، دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

[attachment=2074]


تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى يەرلىك سايلام، دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

دۇنيادىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئات ئورگانلىرى ، تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلغان يەرلىك سايلامنىڭ نەتىجىسىنى « ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى تۇنجى قېتىم سايلامدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى، 2007- يىلىدىكى ئومۇمىي سايلامغا قارىغاندا چېكىنىش بار» دەپ ئىزاھلىدى.

نىيويورك ۋاقىت گېزىتى، يەرلىك سايلام ھەققىدە « باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان پارتىيە چوڭ شەھەرلەردە ھەم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى ھەمدە غالىبىيەت قازاندى، بىراق پەرق ئۇنچىۋالا چوڭ ئەمەس» دەپ ئانالىز ئېلىپ باردى.

ئەنگلىيىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولغان BBC بولسا، « ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى، باش مىنىستىر خەلقنىڭ ئىنكاسى ھەققىدە سۆز قىلدى» دەپ ئىزاھلىدى.

فرانسىيە گېزىتى لى موندېنىڭ بۇ ھەقتىكى ئانالىزى باشقىچە بولۇپ، گېزىتتە مۇنداق دېيىلدى،« بۇ قېتىمقى يەرلىك سايلامنىڭ غالىبەتچىسى يەنىلا باش مىنىستىر تاييىپ ئەردوغاننىڭ پارتىيىسى بولغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى روشەن پەرق بىلەن بىرىنچى بولدى».

ئەنگىلىيىنىڭ ئىندېپەندت گېزىتى بۇ قېتىمقى يەرلىك سايلامنىڭ نەتىجىسىنى،« ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى بۇ قېتىم يەنە ئۇتۇپ چىقتى، بىراق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى ئاز بولۇپ قالدى» دەپ ئىزاھلىدى.

گېرمانىيىنىڭ دىيۇتسچې ۋېل گېزىتى بۇ ھەقتە، «بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ نەتىجىسى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنى سەگىتىپ قويدى» دېگەن ئانالىزىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
awazlik