ئەركىنلىك ياشىسۇن!!!
دەرىجە: باش ۋەزىر
UID: 59
نادىر تىمام: 111
يازمام: 9277
شۆھرىتى: 35030 نومۇر
پۇلى: 484227 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان : 2008-03-12
ئاخىرقى قېتىم: 2009-04-02

 رىمدا ئىقتىسادىي كرىزىسقا مۇناسىۋەتلىك يىغىن چاقىرىلدى


تەرەققىي تاپقان8 دۆلەتنىڭ ئەمگەك مۇلازىمەت مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرلىرى ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىمدا بىر يەرگە جەم بولدى

[attachment=2073]


تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئىتاليىنىڭ پايتەختى رىمدا نۆۋەتتىكى يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىسقا مۇناسىۋەتلىك يىغىن چاقىرىلدى.

20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئالدىمىزدىكى 2- ئاپرېلدا لوندوندا چاقىرىلىدىغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدىن ئىلگىرى، تەرەققىي تاپقان8 دۆلەتنىڭ ئەمگەك مۇلازىمەت مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرلىرى ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىمدا بىر يەرگە جەم بولدى.

ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى OECD ئالدىمىزدا چاقىرىلىدىغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىندىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان دۆكلاتىدا، كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە دۇنيا مىقياسىدا ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يەنە 10 پىرسەنت ئۆرلەپ كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

تەشكىلاتنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ۋەيران بولغان بانكىلارنى يۆلىگەن ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرگە قارىتا پەيدا بولغان سەلبىي ئىنكاسلار بارغانسېرى كۆپەيگەن ۋە نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي كرىزىس تۈپەيلى 200 مىليون كىشى ئاچارچىلىققا دۇچار بولىدىكەن.
awazlik