ئەركىنلىك ياشىسۇن!!!
دەرىجە: باش ۋەزىر
UID: 59
نادىر تىمام: 111
يازمام: 9277
شۆھرىتى: 35030 نومۇر
پۇلى: 484227 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان : 2008-03-12
ئاخىرقى قېتىم: 2009-04-02

 ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى دەۋھەدە چاقىرىلدى


ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى قاتارنىڭ پايتەختى دەۋھەدەا بۈگۈن رەسمىي چاقىرىلدى

[attachment=2072]


تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى قاتارنىڭ پايتەختى دەۋھەدەا بۈگۈن رەسمىي چاقىرىلدى.

ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزۇن مۇدەتلىك تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى، ئىرانىڭ يادرو قوراللىرى ياساش لايھىسى ۋە سۇدان دۆلەت رەئىسى ئۆمەر ئەل بەشىر ھەققىدە چىقىرىلغان قولغا ئېلش بۇيرۇقى قاتارلىق مەسىلىلەر بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى.

22 دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن يولغا قويۇلىدىغان سىياسەت ۋە تەدبىرلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىسرائىلىيىدە رادىكال ئوڭچىل پارتىيە ھاكمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك قاراشلارنىڭ قانداق بولدىغانلىقى ھەممىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، قاتارنىڭ پايتەختى دەۋھە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىلغان سۇدان دۆلەت رەئىسى ئۆمەر ئەل بەشىر تولۇق قوللاشقا ئېرىشىدىكەن.