ئاۋاز بېلەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سانىلىپ بولدى
[attachment=2071]
تۈركىيە ئاۋازى راددىئوسى خەۋىرى: تۈركىيىدە يەرلىك سايلامنىڭ نەتىجىسى ئاساسەن ئايدىڭلاشتى.
ئاۋاز بېلەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سانىلىپ بولدى.
3 چوڭ شەھەردە بۇرۇنقى شەھەر باشلىقلىرى قايتىدىن سايلاندى.
ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا ئادالەت ۋە تەرىققىيات پارتىيىسى بىلەن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت، پايتەخت ئەنقەرەدە مەلىھ گۆكچەكنىڭ، ئىستانبۇلدا قادىر توپباشنىڭ زەپىرى بىلەن نەتىجىلەندى.
ئىزمىردىمۇ نۆۋەتتىكى شەھەر باشلىقى ۋە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى ئەزاسى ئازىز كوجائوغلۇ قايتىدىن سايلاندى.
پۈتكۈل تۈركىيە مىقياسىدا 177 مىڭ 221 ساندۇقتا 39 مىليۇن 841 مىڭ سايلىغۇچى ئاۋاز بەردى. ئاۋازلاردىن 38 مىليۇن 992 مىڭ 536 سى كۈچگە ئىگە دەپ ھېسابلاندى.
ھازىرغىچە ئاۋاز بېلەتلىرىنىڭ %97.05 ى سانىلىپ بولدى.
شەھەرلىك كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سايلىنىش نەتىجىسىگە كۆرە،
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى % 39.02 ئاۋازغا،
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى %23.22 ئاۋازغا،
مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى %16.14 ئاۋازغا،
دېموكراتىك جەمئىيەت پارتىيىسى %42 ئاۋازغا ئېرىشتى.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى 40 شەھەردە، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى 11 شەھەردە، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى 8 شەھەردە، دېموكراتىك جەمئىيەت پارتىيىسى 6 شەھەردە، دېموكراك سول قانات پارتىيىسى 2 شەھەردە، دېموكراتلار پارتىيىسى 1 شەھەردە، بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى 1 شەھەردە ئايرىم – ئايرىم شەھەر باشلىقلىقىنى قازاندى، شانلىئۇرفادا مۇستەقىل نامزات ئەشرەف فاقىرئوغلۇ غالىب كەلدى.
سايلامدا دۆلەت مىقياسىدا ناھايىتى ئاز ئاۋازغا ئېرىشكەن بىر قىسىم پارتىيىلەرنىڭ ۋىلايەت ۋە ناھىيىلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.
ئوردۇ ۋە ئىستانبۇلنىڭ شىشلە ناھىيىسىدە دېموكراتىك سول قانات پارتىيىسى، خاتاي ۋىلايىتىنىڭ سامانتاغ ناھىيىسىدە ھۆررىيەت ۋە ھەمكارلىق پارتىيىسى شەھەر باشلىقلىقىنى قازاندى.
سائادەت پارتىيىسى 23، ئانا ۋەتەن پارتىيىسى 4، ئەمگەكچىلەر پاررتىيىسى 1 ناھىيىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، دېموكراتلار پاررتىيىسى نامزاتى ياقۇپ كوچال يالوۋادا شەھەر باشلىقلىقنى قازاندى.