رۇمئېلى تۈرك تىياتىر سەنئەت ئۆمىكى، «خالتا كوچىغا كىرىپ قالغان بالىلار» ناملىق درامىنى تىياتىرخۇمارلار بىلەن ئۇچراشتۇردى
[attachment=2070]
تۈركىيە ئاۋازى راددىئوسى خەۋىرى: كوسوۋا تۈرك تىياتىر سەنئىتى غەلىبىسىرى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشمەكتە.
رۇمئېلى تۈرك تىياتىر سەنئەتچىلەر ئۆمىكى تەرىپىدىن ئورۇنلانغان «خالتا كوچىغا كىرىپ قالغان بالىلار» ناملىق دراما تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
رۇمئېلى تۈرك تىياتىر سەنئەت ئۆمىكى، دۇنيا تىياتىر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن لېيلا كېسسلېرنىڭ «خالتا كوچىغا كىرىپ قالغان بالىلار» ناملىق نومۇرلىرىنى تىياتىرخۇمارلار بىلەن ئۇچراشتۇردى.
كوسوۋالىق كومپوزىتور نافىز گۈرجىئەلى كومپوزىتورلۇق قىلغان، خەيرۇللاھ شۇرتاق، دېڭىز دادالە ۋە ئەتەم كازاز رول ئالغان «خالتا كوچىغا كىرىپ قالغان بالىلار» ناملىق تىياتىر دراممىسى كوسوۋانىڭ پرىزنە شەھرىدە ئوينالدى.
بۇ دراما، ئاپرىل ئېيى بويىچە كوسوۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان «خەلقئارا تۈركچە تىياتىر ئىشلەيدىغان دۆلەتلەر فېستىۋالى» غىمۇ قاتناشتۇرىلىدۇ.