باراك ئوبامانىڭ تۇنجى قېتىملىق ئوكيان سىرتىغا قاراتقان زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى
[attachment=2066]
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ تۇنجى قېتىملىق ئوكيان سىرتىغا قاراتقان زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى.
باراك ئوبامانىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى ناھايىتى ئالدىراش ئۆتىدۇ.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو)، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە G20 گە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يىغىنلىرىدا ئىقتىساد مەركىزىي تېما بولسىمۇ، ئاتوم قوراللىرى، ئىنتېرنتتىن كېلىدىغان خەتەرلەر، كېلىمات ئۆزگىرىشى، ئېنىرگېيە بىخەتەرلىكى، تېررورىزىم ۋە ئوبامانىڭ يېڭى ئافغانىستان ۋە پاكىستان ئىستىراتېگىيىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
فرانسىيىگە قاراتقان زىيارىتى جەريانىدا ئوباما، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن ئاتلانتىك ئوكيان سىرتىدىكى مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا سۆز قىلىدۇ.
چېك جۇمھۇرىيىتى زىيارىتى جەريانىدا بولسا يادرو قوراللىرى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
ئوباما، تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ۋە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۇچرىشىدۇ، يەرلىك ۋە مەدەنىي ساھەلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ كۆرىشىدۇ ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىر يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.
ئاق ساراينىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى مەسلىھەتچىسى دېنىس مېك دونوغ، زىيارەت توغرىسىدا توختىلىپ، ‹تۈركىيە، بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر ئىتتىپاقداش كۈچ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئەزاسى. تۈركىيە، ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ئەمەلىي كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينايدۇ. پرېزىدېنت، بۇ نۇقتىلارغا مەركەزلىشىشنى سەۋرسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە› دېدى.