ئەركىنلىك ياشىسۇن!!!
دەرىجە: باش ۋەزىر
UID: 59
نادىر تىمام: 111
يازمام: 9277
شۆھرىتى: 35030 نومۇر
پۇلى: 484227 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان : 2008-03-12
ئاخىرقى قېتىم: 2009-04-02

 باراك ئوباما، دۇنيانىڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچلىرىنى يىغىنىغا چاقىردى


ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، دۇنيانىڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچلىرىنى، كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا دەۋەت قىلدى

[attachment=2064]


تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، دۇنيانىڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچلىرىنى، كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا دەۋەت قىلدى.

كېلەر ئاينىڭ ئاخىرلىرى ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «ئېنېرگىيە ۋە كىلىمات ھەققىدە چوڭ ئىقتىسادىي كۈچلەر مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ مەقسىدى، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا ھەسسە قوشۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.

چوڭ ئىقتىسادى كۈچلەردىن 16 سى قاتنىشىدىغان ”تەييارلىق يېغىنى“دا سېرا گېزىنىڭ تەسىرىنى تۆۋەنلىتىش مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

يېغىنغا ئاۋسترالىيە، برازىلىيە، ئەنگلىيە، كانادا، جۇڭگو، ياۋرۇپا بىرلىكى، فرانسىيە گېرمانىيە، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، جەنۇبى كورىيە، مېكسىكا، جەنۇبىي ئافرىقا، ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى قاتنىشىدىكەن.

ئىككىنچى قېتىملىق يېغىننىڭ ئىيۇل ئېيىدا ئىتالىيىدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا.

يىل ئاخىرىدا يەنە، كيودو كېلىشىمنامىسىنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان بىر ئەھدىنامىنى ئىمزالاش مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دانىيەدە يىغىن ئۇيۇشتۇرماقچى.
دەرىجە: تۈتۈن بېشى
UID: 7428
نادىر تىمام: 0
يازمام: 27
شۆھرىتى: 275 نومۇر
پۇلى: 320 RMB
تۆھپە: 5 نومۇر
تىزىملاتقان : 2009-03-09
ئاخىرقى قېتىم: 2009-03-31
1 - قەۋەت  بۇ تىما : 3 كۈن ئىلگىرى يوللانغان
رۇس لارچۇ؟
awazlik