ئەركىنلىك ياشىسۇن!!!
دەرىجە: باش ۋەزىر
UID: 59
نادىر تىمام: 111
يازمام: 9277
شۆھرىتى: 35030 نومۇر
پۇلى: 484227 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان : 2008-03-12
ئاخىرقى قېتىم: 2009-04-02

 قاراداغ خەلقى ئومۇمىي سايلامغا قاتناشتى


تېخى يېقىندىلا سېربىستان (سېربىيە)دىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەن قاراداغ خەلقى ئىككىنچى قېتىملىق ئومۇمىي سايلامغا قاتناشتى

[attachment=2063]


تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تېخى يېقىندىلا سېربىستان (سېربىيە)دىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەن قاراداغ خەلقى ئىككىنچى قېتىملىق ئومۇمىي سايلامغا بىلەت تاشلاش ئۈچۈن ساندۇق بېشىغا باردى.

مۆلچەرلىنىشىچە 18 ئاي ئالدىغا تارتىلغان ئومۇمىي سايلامنىڭ نەتىجىسى ئەتە چىقىدىكەن.

خەلق رايىنى سىناش ئېستاتىستىكىسىغا كۆرە، باش مىنىستىر مىلو جۇكانوۋىچنىڭ پارتىيىسىنىڭ ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەن.

قاراداغ باش مىنىستىرى جۇكانوۋىچ، دۆلەتنى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ۋە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشقا يېقىنلاشتۇرىدىغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار ئۈچۈن يېڭى بىر ھاكىمىيەت قورۇپ چېقىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، مۇددەتتىن ئىلگىرى سايلام ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان ئىدى.

سابىق يۇگوسلاۋىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بىرسى بولغان قاراداغ 2006 - يىلى 21 - مايدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، سېربىستان (سېربىيە)دىن ئايرىلىپ، مۇستەقىللىقنى جاكارلىغان ۋە 2006 - يىلى 28 - ئىيۇندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 192 - ئەزاسى بولغان.
awazlik