ئەركىنلىك ياشىسۇن!!!
دەرىجە: باش ۋەزىر
UID: 59
نادىر تىمام: 111
يازمام: 9277
شۆھرىتى: 35030 نومۇر
پۇلى: 484227 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان : 2008-03-12
ئاخىرقى قېتىم: 2009-04-02

 دۇنياۋى ئېلېكترون جاسۇسلۇق تورى ئاشكارىلاندى


ئاساسىي قىسمى جوڭگودا يەر ئالغان جاسۇسلۇق تورىنىڭ جەمئىي 103 دۆلەتتىكى 1295 كومپيۇتېرغا سېڭىپ كىرگەنلىكى ئېنىقلاندى


[attachment=2061]


تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن خۇسۇسىي ئورگانلارنىڭ كومپيۇتېرلىرىغا سېڭىپ كېرىۋالغان دۇنياۋى خاراكتېرلىك ئېلېكترون جاسۇسلۇق تورى ئاشكارىلاندى.

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، كانادالىق تەكشۈرۈش ئەترىتى 10 ئاي داۋاملاشقان ئىنچىكە تەكشۈرۈش نەتىجىدە، ئاساسىي قىسمى جوڭگودا يەر ئالغان جاسۇسلۇق تورىنىڭ جەمئىي 103 دۆلەتتىكى 1295 كومپيۇتېرغا سېڭىپ كىرگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان.

ئېلېكترون جاسۇسلۇق تورى سېڭىپ كەرگەن ئورگانلار ئارىسىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، ھۆكۈمەت بىنالىرى، ئەلچىخانىلار، شۇنداقلا تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى روھانىي رەھبىرى دالاي لامانىڭ تەشكىلات ئەترەتلىرىمۇ بار ئىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بىرەر ئورگانغا سېڭىپ كىرگەنلىكى ھەققىدە ھېچ بىر پاكىت تېپىلمىدى.

مۇتەخەسسىسلەر، بۇ قانۇنسىز تورنىڭ جەنۇب ۋە جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىران، ھىندونېزىيە ۋە فىلىپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە سېڭىپ كىرگەن ئېلېكترون جاسۇسلۇق تورىنىڭ ھىندىستان، جەنۇبى كورىيە، قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى، گېرمانىيە ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەت ئەلچىخانىلىرىنىڭ كومپيوتېر سىستېمىسىغىمۇ سېڭىپ كىرگەنلىكى مەلۇم.

بۇ ئېلېكترون جاسۇسلۇق تورى ئىلخەتكە بىر ئارخىپنى ياكى بىرەر تور ئادرىسىنى قوشۇپ ئەۋەتىدىكەن ۋە قوشۇمچە قىلىنغان ئارخىپنى ياكى قوشۇمچە قىلىنغان تور ئادرىسىنى ئېچىش ئۈچۈن كونۇپكا بېسىلغان ھامان كومپيۇتېرغا سېڭىپ كېرىدىكەن.

جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەدە رول ئوينىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارنى رەت قىلدى.
دەرىجە: تۈتۈن بېشى
UID: 7428
نادىر تىمام: 0
يازمام: 27
شۆھرىتى: 275 نومۇر
پۇلى: 320 RMB
تۆھپە: 5 نومۇر
تىزىملاتقان : 2009-03-09
ئاخىرقى قېتىم: 2009-03-31
1 - قەۋەت  بۇ تىما : 3 كۈن ئىلگىرى يوللانغان
      
awazlik