دەرىجە: يېڭى قاراۋۇل
UID: 122
نادىر تىمام: 0
يازمام: 5
شۆھرىتى: 50 نومۇر
پۇلى: 50 RMB
تۆھپە: 0 نومۇر
تىزىملاتقان : 2008-03-23
ئاخىرقى قېتىم: 2009-03-30

 ئېگەرچىلىك دېھقانلار ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا

ئېگەرچىلىك دېھقانلار ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا تۈركۈملەپ قاتناشماقتا


‹‹ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش فوندىدىن ماڭا 24 مىڭ 300 يۈەننى ئاتچوت قىلىپ بەرگەچكە، قايتىدىن داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتىم›› دېدى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېگەرچى يېزا يېڭى باغ كەنتىدىكى گۈلنىساخان مەتنىياز.  
     ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېگەرچى يېزىسى ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا، كەنت، داۋالاش ئۆيلىرىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاپ، داۋالاش سۈپىتىنى ئۆستۈرگەنلىكتىن، بۇلتۇر 4295 ئائىلىدىكى 20 مىڭ 952 دېھقان ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىپ، قاتنىشىش نىسبىتى%100كە، داۋالىنىش خىراجىتى 1 مىليون 293 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
     بۇلتۇر بۇ يېزا 315 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، يېزىلىق شىپاخانا ۋە 17 كەنتتىكى داۋالاش ئۆيلىرىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلىدى؛ 496 نامرات، مېيىپ، ‹‹بەشتە كاپالەتلىك ئائىلە››لەرنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلدى. دورا كىرگۈزۈش ۋە داۋالاشتا ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، قارىغۇچىسى يوق ئاغرىقلارنىڭ ئائىلىسىگىچە بېرىپ داۋالاشنى يولغا قويدى. سەييارە داۋالاش ئەترىتى قۇرۇپ، ئىش مەيدانلارغا، ئېتىز – ئېرىق باشلىرىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلدى. نەتىجىدە، بۇلتۇر دېھقانلارنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا تاپشۇرغان پۇلى 314 مىڭ يۈەنگە يەتتى. 3576 دېھقان ھەر دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا يېتىپ داۋالىنىپ، 2مىليون 556 مىڭ 395 يۈەن داۋالىنىش ھەققىدىن 1 مىليون 293 مىڭ يۈەننى  ئاتچوت قىلدى


مەنبە ؛ شىنجاڭ گېزىتى



www.bazirim.com
awazlik