پاكىستان ئارمىيسىنىڭ ئافغانىستان چېگرىسىدا تالىبانغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇمى داۋاملاشماقتا
[attachment=2060]
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيسىنىڭ ئافغانىستان چېگرىسىدا تالىبانغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇمى داۋاملاشماقتا.
يېڭى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاخىرقى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا 26 مىلىتان ئۆلتۈرۈلگەن.
پاكىستان تەرەپنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ھۇجۇم پاكىستاننىڭ مۇھەممەد رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ياردىمىدىكى بۇ ھۇجۇمدا 26 مىلىتاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدە بولسا، تالىبان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى(ناتو) ئىشلىتىۋاتقان تىرانسىپورت بىكىتىگە ھۇجۇم قىلغان.
راكىتا بومبىلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھۇجۇمدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى(ناتو) غا ئەشيا توشۇشتا قوللىنىلغان 12 دانە يۈك ساندۇقى بۇزىۋېتىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى(ناتو) نىڭ ھەربىي بازىلىرىغا يەتكۈزۈلىدىغان ئەشيالارنىڭ 75 پىرسەنتى پاكىستان ئارقىلىق توشۇلىدىكەن.