ئەركىنلىك ياشىسۇن!!!
دەرىجە: باش ۋەزىر
UID: 59
نادىر تىمام: 111
يازمام: 9277
شۆھرىتى: 35030 نومۇر
پۇلى: 484227 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان : 2008-03-12
ئاخىرقى قېتىم: 2009-04-02

 داغۇر مائارىپى

شىنجاڭدىكى داغۇرلار مەكتەپ مائارىپى 18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلانغان بولۇپ، داغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچىشىگە ئەگىشىپ پەيدا بولغان. 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى داغۇرلار مائارىپى ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېتىبار بېرىشكە ئېرىشتى. 1943 - يىلى داغۇرلارنىڭ ھەر خىل مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار سانى 127 نەپەرگە يەتكەن. يڭېى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن داغۇرلار مائارىپى ئىنتايىن تېز تەرەققىياتقا ئېرىشكەن. 1965 - يىلى داغۇرلارنىڭ ھەر خىل مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار سانى، باشلانغۇچ مەكتەپتە 556 نەپەرگە، يېزا ئىگىلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە يەتتە كىشىگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 39 كىشىگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكا مەكتەپتە بەش كىشىگە، ئالىي مەكتەپتە بىر كىشىگە يەتكەن. ئوقۇتقۇچىلار سانى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئالتە نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۈچ كىشىگە، ئوتتۇر ادەرىجىلىك تېخنىكا مەكتەپتە بىر نەپەرگە يەتكەن. 1999 - يىلى ھەرخىل مەكتەپلەردىك داغۇر ئوقۇغۇچىلار سانى بالىلار باغچىسىدا 97 نەپەرگە، باشلانغۇچ مەكتەپتە 578 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپتە 302 نەپەرگە،  ئادەتتىكى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكومدا 39 كىشىگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە 18 نەپەرگە يەتكەن. داغۇر ئوقۇتقۇچىلىرى سانى بالىلار باغچىسىدا ئىككى كىشىگە، باشلانغۇچ مەكتەپتە 44 نەپەرگە ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 15 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئالتە كىشىگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە ئالتە كىشىگە يەتكەن. 1999 - يىلى داغۇرلارنىڭ ھەر 10 مىڭ نوپۇسى ئىچىدە مەكتەپتىكى داغۇر ئوقۇغۇچىلار سانى باشلانغۇچ مەكتەپتە 903 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 472 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 167 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپتە 61 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە 28 نەپەرگە يەتكەن.'