جۇڭگودا دېھقانلارنىڭ تېخنىكا سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىدۇ، دېھانلار مەلۇم تۈرلۈك خىزمەت بىلەن ۇغۇللىنىشتا زۆرۈر بولغان ئاساسىي بىلىم ۋە ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغاندىن كېيىن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن خىزمەت گۇۋاھنامىسى، يەنى يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ خىزمەت قىلىش لاياقەت گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئوخشىمىغان ئورۇنلارنىڭ گۇۋاھنامە ئىسىملىرى ئوخشىمايدۇ. دېھقانلارنىڭ تېخنىكا گۇۋاھنامىسى، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى ھەيدەش گۇۋاھنامىسى، يېزا بوغالتىرلىرىنىڭ بوغالتىرلىق گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېشىل تاشلىق گۇۋاھنامە نىڭ تارقىتىلىش دائىرىسىنى تېرىقچىلىق، مال دوختۇرلۇق، سۇ مەھسۇلاتلىرى، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش، يېزا ھەمكارلىق ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش، يېزا ئېنېرگىيە ۋە يېزا ئىگىلىك مۇھىتىنى قوغداش قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەرقايسى جايلارنىڭ ھۆكۈمەتلىرى يېزىلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆز رايونىنىڭ يولغا قويۇش دائىرىسى بەلگىلەيدۇ. جۇڭگونىڭ ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، يېشىل تاشلىق گۇۋاھنامە نى ئالىدىغانلار ئاساسلىقى تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە يېزا، كەنت دېھقانچىلىقىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىدىكى يېزا كادىرلىرى، كەسپىي ئائىلىلەر، تېخنىكا نەمۇنىچىلىرى ۋە بىر قىسىم تېخنىكا تەلىپى كۈچلۈك خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلار بولۇپ، ئاساسلىقى تېخنىك تايانچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ. دېھقانلارنىڭ يېشىل تاشلىق گۇۋاھنامە نى ئېلىشى تەربىيىلەش، ئەمەلىي مەشىق، باھالاش، گۇۋاھنامە تارقىتىش، قايتا باھالاش قاتارلىق بىرقانچە تەرتىپتىن ئۆتىدۇ. گۇۋاھنامىگە ئېرىشكەن خادىملار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئېتىبار بېرىشتىن بەھرىمان بولىدۇ. 1993 - يىلى شىنجاڭدا يېشىل تاشلىق گۇۋاھنامە قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، ھەرقايسى جايلار ئاكتىپ ھالدا دېھقان - چارۋىچىلارنى باشلانغۇچ كەسپىي تېخنىكا ئۆگىنىشىگە ئۇيۇشتۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈملەرگە ئېرىشتى. 1998 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن رايونىمىزدا 6000 دىن ئارتۇق ئادەم يېشىل تاشلىق گۇۋاھنامە گە ئېرىشتى.'