ئەركىنلىك ياشىسۇن!!!
دەرىجە: باش ۋەزىر
UID: 59
نادىر تىمام: 111
يازمام: 9277
شۆھرىتى: 35030 نومۇر
پۇلى: 484227 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان : 2008-03-12
ئاخىرقى قېتىم: 2009-04-02

 جىڭ ناھىيىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى

ئەسلى ئاساسى جىڭ ناھىيىلىك يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ. 1988 - يىلى جىڭ ناھىيە بازىرىدا قۇرۇلغان. جىڭ ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىگە قارايدۇ. 1995 - يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1330000 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 10000 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلىدۇ. 10 يىلدىن كۆپرەك تەرەققىيات ئارقىلىق بۇ مەكتەپ مەخسۇس كۇرس، تېخنىكوم كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا، ئىجتىمائىي تەربىيىلەش، خىزمەتتىن بۇرۇن، خىزمەتتىن كېيىنكى تەربىيىلەش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن. بىرلىككە كەلگەن كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ئۆلچەملىك، كۆپ شەكىللىك ئۇنىۋېرسال ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپكە ئايلانغان. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئارقىمۇ - ئارقا ھالدا بورتالا ئوبلاستلىق رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خىزمەت پونكىتى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتى كەسپىي مائارىپ تەربىيىلەش پونكىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا دەرىجىلىك كومپيۇتېر تەربىيىلەش پونكىتى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ چىققان. 1996 - يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن دەپ نام بېرىلگەن. 1998 - يىلى كەسپىي تېخنىكوم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. مەكتەپ شتاتى 86. 1999 - يىلدىكى كەسپىي ئوقۇتقۇچى 53 نەپەر. ئوقۇغۇچى 980 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان تەربىيىلەپ چىققان ئوقۇغۇچى 2000 نەپەردىن ئارتۇق.'