بۇ بەدىئىي يېتىلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يازغۇچى، سەنئەتكارلارنىڭ تۇرمۇشنى تونۇش، تۇرمۇشنى ئىپادىلەش قابىلىيىتى ۋە سەۋىيىسىگە قارىتىلغان. ئۇ مول مەدەنىيەت بىلىمىگە ئىگە بولۇش، توغرا ئەدەبىيات - سەنئەت قارىشى، ئۆتكۈر كۆزىتىش كۈچى، چوڭقۇر ھۆكۈم قىلىش كۈچى، كۈچلۈك بەدىئىي قوبۇل قىلىش كۈچى، مول تەسەۋۋۇر كۈچى، ھەمدە يۇقىرى دەرىجىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت زوقلىنىش قابىلىيىتى ۋە بەدىئىي ئىپادىلەش قابىلىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەدەبىي ئىجادىيەت بىر خىل مۇرەككەپ، جاپالىق، ئىجادىي ئەقلىي ئەمگەك بولۇپ، ئەدەبىي زوقلىنىش كىتابخان بىلەن ئاپتورنى باغلاپ تۇرىدىغان كۆۋرۈكتۇر. ئاپتور ۋە كىتابخانلار چوقۇم كۆپ تەرەپلىمىلىك بەدىئىي تەربىيىلىنىشكە ئىگە بولۇشى، ماركىش كۆرسەتكەندەك <ئەگەر سەنئەتتىن لەززەتلىنەي دېسە، چوقۇم بەدىئىي جەھەتتىن تەربىيىلەنگەن ئادەم بولۇشى كېرەك.>
بەدىئىي تەربىيلىنىشنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشى مول ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەجرىبىلىرى، توغرا دۇنيا قاراش ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت قارشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يازغۇچىدا يۈكسەك دەرىجىدىكى بەدىئىي تەربىيىلىنىش بولۇشى ئۈچۈن، ئۇ ئاڭلىق ھالدا تۇرمۇشقا چۆكۈشنى داۋاملاشتۇرۇشى، ماركىسىزم، لېنىنىزمنى تىرىشىپ ئۆگىنىشى، سىياسىي نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى، شۇنداقلا جۇڭگو ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىلىرىنى ئوقۇپ، ھەر خىل بەدىئىي تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە پايدىلىنىپ زوقلىنىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشى، جاپالىق ئىجادىي ئەمەلىيەت ئېلىپ بېرىشى، جاپاغا چىداپ بەدىئىي ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشى، ھەر خىل بەدىئىي ئىپادىلەش ۋاستىلىرى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى ئىگەللەپ تۇرۇشى لازىم."