دائىم كېسەلخانىدىن >دوختۇر، مەن بۇ ئايدا ئىككى كىلوگرام ئېغىرلىشىپ كېتىپتىمەن. بۇ نورمالمۇ - ئەمەسمۇ؟< دېگەن سوئاللارنى ئاڭلايمىز، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ بېرىشى بولغۇسى ئانا ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلە. ئەمەلىيەتتە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئېغىرلىقى قانچە يۈز گرام ئاشسا بولىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئوخشاشلا ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى بەدەن ئېغىرلىقىنى بىلىش كېرەك. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى بەدەن ئېغىرلىقى 64 كىلوگرام كېلىدىغان ئانىلار، ئەگەر ئاي - كۈنى تولۇق توشسا، بەدەن ئېغىرلىقى قانچىلىك ئېشىشىدىن قەتئىينەزەر يېڭىدىن تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ 95% نىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 2500 گرام ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەلۋەتتە، ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى مەيلى سېمىز ۋە ياكى ئورۇق بولسۇن، ھامىلىدار مەزگىلىدە بەدەن ئېغىرلىقى 14 كىلوگرامدىن ئاشقان بولسا ئاي - كۈنى توشۇپ تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ 98% نىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 2500 گرامدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بولغۇسى ئانىنىڭ بوي ئېگىزلىكى بىلەن بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش يوق. ھامىلىدارلىق مەزگىلىنى ئومۇملاشتۇرغاندا، بىرىنچى قېتىملىق باسقۇچىدا (0 ھەپتىدىن 14 ھەپتىگىچە) تەخمىنەن 4.1 كىلوگرام ئاشىدۇ، 15 ھەپتىدىن 40 ھەپتىگىچە بولغاندا ھەر ھەپتىدە تۇراقلىق ھالدا 45.0 كىلوگرام ئاشىدۇ. بىراق بولغۇسى ئانىلارنىڭ ئورۇق - سېمىزلىكىگە ئاساسەن، ۋاقتىدا تەڭشەش كېرەك. شۇڭا، ئەڭ ئالدىدىكى مەسىلىگە كەلسەك، بىر ئايدا ئىككى كىلوگرام ئېغىرلاشسا نورمالمۇ ئەمەسمۇ، سېمىز ئانىلارغا نىسبەتەن، تاماقتا سەل پەرھىز تۇتۇش. بىراق، ئورۇق ئانىلارغا نىسبەتەن، ناھايىتى مۇۋاپىق بولۇش كېرەك.