ئەركىنلىك ياشىسۇن!!!
دەرىجە: باش ۋەزىر
UID: 59
نادىر تىمام: 111
يازمام: 9277
شۆھرىتى: 35030 نومۇر
پۇلى: 484227 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان : 2008-03-12
ئاخىرقى قېتىم: 2009-04-02

 قانداق ئەھۋال ئاستىدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى  يۇيۇش مۇۋاپىق ئەمەس؟

   يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قارشىلىق كۈچى ئاجىز بولغانلىقتىن بەزىبىر كېسەللەرگە گىرىپتار بولغاندا يۇيۇش مۇۋاپىق ئەمەس. مەسىلەن:
     1. قىزىش، زۇكامداش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللەر كۆرۈلگەندە بوۋاقلارنى يۇسا كېرەك. ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى يەڭگىل، روھىي ھالىتى ياخشى بولسا لايىقىدا يۇسا بولىدۇ. لېكىن ئېمكانقەدەر ئىسسىقلىق ساقلاش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش، يۇيۇش ۋاقتىنى قىسقارتىش، سوغۇق تېگىشتىن كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
    2. تېرە يۇقۇملىنىش، سۇلۇق قاپارتما، يىرىڭداش ھەم ھۆل تەمرەتكە قاتارلىق تېرە كېسەللىكلىرى كۆرۈلسە يۇماسلىق كېرەك. لېكىن كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەقەت كىچكرەك دائىرە ئىچىدە چەكلەنسە باشقا ئورۇنلارنى سۈرتۈپ يۇماسلىق بولىدۇ.
    3. ئۆپكە ياللۇغى، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، نەپەسلىنىش ئاجىزلىشىش، يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار بولغاندا ئېمكانقەدەر يۇماسلىق، يۇيۇش سەۋەبلىك يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.