بوۋاقلار يېڭىلا تۇغۇلغاندا، ئاللىقاچان كۆرۈش سەزگۈسى بولغان بولىدۇ. 30 سانتىمېتىر ئارىلىقتىكى نەرسىلەرنى كۆرەلەيدۇ. شۇڭا، بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىن كۆرۈش سېزىمىنى مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك. ئىككى - ئۈچ ئايلىق بولغان بوۋاقلاردا ئوچۇق رەڭگە، بولۇپمۇ قىزىل، يېشىل، سېرىق رەڭلەرگە بولغان ئىنكاسى روشەن بولىدۇ، قىزىقىدۇ. شۇڭا، مەشىق قىلدۇرۇشنى باشلىغاندا، بالىلارنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ قويۇپ، بالىنىڭ كۆز ئالدىغا 20 ~ 30 سانتىمېتىر يىراقلىققا قىزىل شارچە ياكى رەڭلىك ئويۇنچۇقنى قويۇپ )ئويۇنچۇق خىلمۇخىل بولۇشى ۋە دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش(، يېنىك ھالدا پۇلاڭشىتىپ، بوۋاقنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ھەم ئاستا - ئاستا كۆرۈش نۇقتىسىدىن ئويۇنچۇقنى ئاستى - ئۈستىگە، ئوڭ - سولغا، يېقىن - يىراققا، يانتۇ تەرەپكە يۆتكەپ، بوۋاقنىڭ دىققەت بىلەن قاراش ئىقتىدارىنى ۋە كۆز قارىچۇقىنىڭ ھەرىكەتلىنىش جەھەتتىكى چاققانلىقى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى مەشىق قىلدۇرۇش ئارقىلىق كۆرۈش سېزىمىنىڭ يېتىلىشىنى غىدىقلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بوۋاقنىڭ دىققىتىنى ئاتا - ئانىسىنىڭ يۈزىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاندىن ئاتا - ئانا ئاستا - ئاستا ئۆزىنىڭ بېشىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بوۋاقنىڭ دىققىتىنى ئاتا - ئانىنىڭ باشقا قىسىملىرىغا يۆتكىتىش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇل بوۋاقنىڭ كۆرۈش سېزىمىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىللىقلىق، مېھرىبانلىق چىقىپ تۇرغان نەزىرىمۇ ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى ئالماشتۇرۇشقا ۋە ھېسسىيات يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.