ئەركىنلىك ياشىسۇن!!!
دەرىجە: باش ۋەزىر
UID: 59
نادىر تىمام: 111
يازمام: 9277
شۆھرىتى: 35030 نومۇر
پۇلى: 484227 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان : 2008-03-12
ئاخىرقى قېتىم: 2009-04-02

 كۆك گۈمبەز رېۋايىتى

  
  
  1
  بۇرۇنقى چاغلاردا ، پەرغانە تەرەپتىن  ھەبىبە ھەجەم ئىسىملىك بىر ئايال كېلىپ، ھازىرقى ئاتۇش ئېكىساق كەنتىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغانىكەن.  ئەسلىدىلا ئىقتىسادىي  جەھەتتتىن «بېلى چىڭ » بۇ ئايال جازانىخورلۇق بىلەن مەشغۇل بولىدىكەن. ئۇ ئېكىساق كەنتىدە ياشاش جەريانىدا ئەتراپتىدىكى دېھقانقانلارغا ئاشلىق جازانە قىلىدىكەن: ئېرىشكەن بايلىقىغا يەر - زېمىن سېتىۋالىدىكەن . شۇڭلاشقا بۇ كەنت خەلقى ئۇنى ناھايىتى باي ھېسابلايدىكەن.
  ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشلىق جازانىسىنى سۈيلەپ دېھقانلارنىڭ بىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. قول ئىلكىدە بولمىغان بۇ دېھقان ھەبىبە ھەجەمگە كۆپ قېتىم  ھال ئېيتىپ بىر مەزگىل سەۋر قىلىپ تۇرۇشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ھەبىبە ھەجەم «ئەگەر ئاشۇ دېھقاننىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان گەپ راست بولسا، كۈندىلىك تۇرمۇشنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتقاندۇ؟ ئۇنىڭ ھالىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن  كۆرۈپ باقمايمەنمۇ؟» دەپتۇ - دە، بىر بېسىپ - ئىككى بېسىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپتۇ.
  قوشنىسى ھەبىبە ھەجەمنى ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋاپتۇ. ئاستىغا كۆرپە سېلىپ،  ئالدىغا داستىخان ساپتۇ. بىراق پەتنۇستا كۆتۈرۈپ كەلگىنى پەقەتلا ئىككى زاغرا نېنى ۋە بىردانە ئارپانېنىلا بوپتۇ. ئايال داستىخانغا قاراپ: «بۇلارنىڭ ئاشلىقى ئۆكسۈپ قالاي دەپتۇ» دەپ ئويلاپتۇ ۋە ئۆي ئىچىنى زەن قويۇپ كۆزىتىپتۇ. دېمىسىمۇ ئۆي ئىچىدە پۇلغا يارىغۇدەك ھېچقانداق مال - مۈلۈك، بېسات دېگەنلەر يوق ئىكەن. بىراق، شۇ ئارىدا   ئوچاقتىكى قازاندا پۇرقىراپ ھور كۆتۈرلۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. بۇرنىغا پىشقان گۆش ھىدى ئۇرۇلۇپتۇ. «ئېھتىمال گۆش پىشۇرۇۋاتقان چېغى، ئۇنى نەدىن تاپقاندۇ، - دەپ ئويلاپتۇ ھەبىبە ھەجەم ئۆز كۆڭلىدە، -  گۆش تېخى پىشمىغان چېغى، قايتىپ كەتسەم ئەدەبسىزلىك بولمىسۇن، ئازراق كۈتمەيمەنمۇ»دەپتۇ. ئۇ خېلى ئۇزاق كۈتۈپتۇ.  ئالدىغا گۆش ئېلىپ كېلىنمەپتۇ، كەتمەكچى بوپتۇ، بىراق ئۆي ئىگىسى يەنىلا «گۆش يەپ ماڭمامسىز» دېمەپتۇ. بۇ ئىش ھەبىبە ھەجەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىپتۇ ياكى ئۆيىگە قايتىپ ئۇخلاپ قالغۇچە قوشىنىسىنىڭ «گۆش يەڭ »دېمىگەنلىكى ئەلەم بۇپتۇ.
  ھەبىبە ھەجەم شېرىن ئۇيقۇغا كېتىپتۇ ۋە مۇنداق چۈش كۆرۈپتۇ: ئۇ ئاپئاق ئېھرام باغلىغان قىياپەت بىلەن ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان بىر قەبرىستانلىق ئىچىدە تۇرغۇدەك. تاسادىپىي بىر گۈمبەز يېرىلىپ، ئىچىدىن بىر توپ يىلان، بىر توپ چايان چىقىپتۇدەك. شۇ ئەسنادا قەبرە ئىچىدىن ئاق پەرەنجىلىك بىر ساھىبجامال چىقىپ، كۆزلىرىدىن ئوت چاچراتقان ھالدا:
  _ سەن دېگەم بىر جازانىخور! سەن باشقىلارنىڭ قان - تەرى بىلەن ياشاۋاتىسەن. سەن ئۆلىسەن، بىراق، بۇ قەبرىستانلىققا يولىغۇچى بولما. بۇ قەبرىستانلىق سەندەك جازانىخورغا قۇچاق ئاچمايدۇ، - دەپلا كۆزدىن غايىب بوپتۇ. ھەبىبە ھەجەم «قارا باسقان» ئۇيقۇسىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپتۇ. چۈشىنى ئەسلەپ چاچلىرىنى يۇلۇپ  داد - پەرياد چېكىپتۇ، ئۇزاق يىغلاپتۇ. شۇ ئەسنادا، ئالدىنقى گۆش يېيىشكە تەكلىپ قىلمىغان قوشنا ئايال كىرىپتۇ. ھەبىبە ھەجەم كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ قوشنىسىنى كۆرپىگە تەكلىپ قىپتۇ. ئۇزاق ئىززەت - ئىكراملاردىن كېيىن  قوشنىسىدىن :
  _ تۈنۈگۈنكى قازاندىكى گۆشكە نېمە ۋەجىدىن مېنى تەكلىپ قىلغۇڭىز كەلمىدى؟ - دەپ سوراپتۇ.
  _ قوشنا ئايال كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئالغان ھالدا:
  _ ھۆرمەتلىك خېنىم، ئۆزلىرىگە ئۇ گۆشنى تەڭلىگىلى بولمايتتى، - دەپتۇ.
  _ ھاراممىدى؟ - دەپتۇ ھەبىبە ھەجەم دەرھاللا.
  _ يوقسۇ، - دەپتۇ ئايال قوشنا،- ئاڭلىشىمىزچە ئاز - تولا يېسە ھارام ئەمەسمىش.
  _ ئاپلا! - دەپتۇ ھەبىبە ھەجەم ئورنىدىن سەكرەپ قوپۇپ، - ئەسلىدە سىلەر ئېشەك گۆشى پىشۇرۇۋاتقان ئىكەنسىلەردە!
  _ ئەسلىدە شۇنداق ئىدى، - دەپتۇ قوشنا ئايال بوزلاپ يىغلىغىنىچە.
  _ مەندىن نېمىشقا ئاشلىق سورىمىدىڭلار؟ - دەپتۇ  ھەبىبە ھەجەم ئەجەبلىنىپ.
  _ ئۆسۈمى ئارتىپ كېتىدىكەن،- دەپتۇ قوشنا ئايال ئېسەدەپ تۇرۇپ.
  بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھەبىبە ھەجەم تامامەن گاڭگىراپ، بېشى قېيىپ، ساراڭ بولايلا دەپ قاپتۇ.  چۈنكى ئۇ جازانىخورلۇق ۋۇجۇدىنى ئەسىر قىلىۋالغانلىقى تۈپەيلى ئۆزىنىڭ خەلقنىڭ ھۆرمىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى بىلىپتۇ.
  ئەتىسى جۈمە كۈنى ئىكەن. ھەبىبە ھەجەم تەرەت ئېلىپ ئەرلەرنىڭ ئارقىسىدىن ئىز بېسىپ جۈمە نامىزىغا ئېكىساق جاماسىگە كىرىپتۇ. ناماز ئوقۇلۇپ بولۇنغاندىن كېيىن جامائەت ئالدىغا چىقىپ:
  _ مۆھتىرەم جامائەت،  ھەرقايسىلىرىنىڭ ئالدىدا شۇنى ئېلان قىلايكى، بۈگۈندىن باشلاپ كىمدە ئېلىشىم بولسا ئېلىشتىن ۋاز كەچتىم ، ئولتۇرغان ئۆيۈم ۋاپاتىمدىن كېيىن جامائەتنىڭ مۈلكى بولۇپ كەتسۇن، پۈتكۈل يەر - زېمىنىمنى ئېكساق كەنتىگە ۋەخپە قىلىۋەتتىم. بۈگۈندىن باشلاپ تاكى نەپسىم ئۈزۈلگۈچە خۇدادىن گۇناھىمنى تىلەپ تائەت - ئىبادەت قىلغايمەن، - دەپتۇ.
  2
  ئارىدىن مەلۇم يىللار ئۆتۈپ ھەبىبە ھەجەم ۋاپات بوپتۇ ھەمدە ئېكىساققا دەپنە قىلىنىپتۇ. كېيىنچە ئېكىساق خەلقى مۇسابايوفقا ئۇنىڭ قەبرە گۈمبىزىنى ياسىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىپتۇ. بۇ پەزىلەتلىك مۇساپىر ئايالنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئاستىن ئاتۇشتىن توپا ئەكەلدۈرۈپ، قەشقەردىن تۆگە بىلەن پىششىق خىش يۆتكەپ كېلىپ گۈمبەزنى بىنا قىلدۇرغانىكەن. گۈنبەز رەڭگەر رەڭلىك كاھىشلاردا زىننەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن كۆك گۈمبەز دەپ ئاتالغان. شۇ چاغلاردىن تاكى ھازىرغىچە خەلق ھەبىبە ھەجەم دەپنە قىلىنغان بۇ كۆك گۈمبەز ئەتراپىغا يىغىلىپ ئۇنىڭ نامىغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىدىغان، قەسىدە ئوقۇيدىغان ئادىتىنى ئادا قىپتۇدەك.
  
awazlik