ئەركىنلىك ياشىسۇن!!!
دەرىجە: باش ۋەزىر
UID: 59
نادىر تىمام: 111
يازمام: 9277
شۆھرىتى: 35030 نومۇر
پۇلى: 484227 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان : 2008-03-12
ئاخىرقى قېتىم: 2009-04-02

 مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئاغزاكى ئالاقە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا

ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ مىللەت، كۆپ خىل تىل - يېزىقلىق رايون بولۇپ، رايونىمىز ئىقتىسادى ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى قوش تىللىق ئىختىساس ئىگىلىرىگە موھتاج بولماقتا. 
  باش شۇجى جياڭ زېمىن ئاپتونوم رايونىمىزدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئېنىق قىلىپ: >ھازىرقى زامان پەن  -  مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتە تىلنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم.  تىل ئۆگەنمەي تۇرۇپ ئۆز ئارا ئالاقە قىلغىلى بولمايدۇ< دەپ كۆرسەتتى. شۇڭا تىل ۋاسىتىسىنى كۆۋرۈك قىلغاندىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتكىلى، يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى ئۇچۇرلارنى تېز سۈرئەتتە قوبۇل قىلىپ، رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي  قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ئىقتىدارلىق تىل خادىملىرىنى تەربىيىلەپ چىقىش بارلىق خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىدۇر. كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئىمتىھان مائارىپىنى تۇتقا قىلغان ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكى خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە نوقۇل ھالدا خەت يېزىش، ئوقۇش كۆپ تەكىتلىنىپ، سۆزلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە سەل قارىلىپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە خەنزۇ تىلىنى پەن قاتارىدا ئۆگەنمەي ئالاقە قورالى سۈپىتىدە ئۆگىنىشى كېرەك. تىلنىڭ ئالاقە قورالى  ئىكەنلىكىدەك مۇھىم نۇقتىغا سەل قارالسا بۇ بىر چوڭ خاتالىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 
  ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە ئەمەلىيەتچانلىق تەكىتلىنىپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگىلەش ماھارىتىنى چۈشىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندا تىل ئۆگىنىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ. خەنزۇ تىلى دەرسى مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن  خەت ئۆگىنىش،  يېزىشلا  بولماستىن، ئۇنى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان قورال قىلىش لازىم. ئەگەر تىلدىن پايدىلانمىغاندا تىل ئالاقىسى ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ ھەم چوڭ خاتالىق سادىر قىلىپ قويغان بولىمىز. بۇ، پەقەت يازما ئىمتىھانغىلا ئەھمىيەت بېرىلىپ، سۆزلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە سەل قارىغانلىق بولىدۇ. شۇڭا خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى بۇ نۇقتىغا مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن قارىشىمىز كېرەك. 
  خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇتۇش ۋە يېزىش ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم. ئوقۇتۇش پىلانىنىڭ چەكلىمىسى بولغانلىقتىن، ئوقۇتۇشتا سۆزلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلماق تەس. 
  ئۇنداقتا بۇ ئېغىر مەسىلىنى خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا قانداق قىلغاندا مۇۋاپىق تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندە بۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچى: 
  1. ھەرقانداق بىر تىلنى ئۆگەنگەندە چوقۇم ئۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلاش، داۋاملىق تىل مۇھىتى ئىچىدە تۇرۇش كېرەك. تىل ئۆگىنىش پەيدىنپەي  شەكىللىنىدىغان جەرياندۇر. خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۇزاق مەزگىل مەشىق قىلىش ۋە ئالاقە قىلىش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئاۋال ئىمكانقەدەر ئەلا بولغان تىل ئۆگىنىش مۇھىتىنى بەرپا قىلغاندا ئاندىن  ئۇزاق مۇددەتلىك تىل مۇھىتىدا تەدرىجىي تىل تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ. 
  2. دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارغا كۆپرەك سۆزلەش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلەش ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارغا ماقالە تاللىتىپ، ماقالىنىڭ مەزمۇنىنى سۆزلىتىپ، خەنزۇچە ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. يەنى ئوقۇغۇچىلارغا مۇنبەرگە چىقىپ سۆزلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تۇرۇش شەكلى بىلەن ئىككىنچى دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى سىناق تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىشى كېرەك. 
  3. ئۈنئالغۇنى كۆپ ئاڭلاپ، كۆڭۈل قويۇپ سۆزلەشنى مەشىق قىلىش كېرەك. ئون نەچچە يىللىق خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە شۇنى ھېس قىلدىمكى،  مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا ھېكايە، شېئىر نەسرگە ئوخشاش ئەسەرلەرنى ئۈنئالغۇ ئارقىلىق يەتكۈزسەك ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. 
  4. ئۈنلۈك دېكلاماتسىيە قىلىش كېرەك. مېنىڭچە ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن تېكىست يادلاش ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار تېكىستلەرنى بۆلەك، ئابزاسلارغا بۆلۈپ، چۈشىنىپ ئۈنلۈك ئوقۇشى، تېكىستنى ئۆز تىلىغا ئايلاندۇرۇپ سۆزلەشنى مەشىق قىلىشى كېرەك.

       (چاپچال ناھىيە جاغىستاي يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن) يالقۇن ئابدۇللام
دەرىجە: يېڭى قاراۋۇل
UID: 7633
نادىر تىمام: 0
يازمام: 16
شۆھرىتى: 165 نومۇر
پۇلى: 60 RMB
تۆھپە: 5 نومۇر
تىزىملاتقان : 2009-03-19
ئاخىرقى قېتىم: 2009-03-21
1 - قەۋەت  بۇ تىما : 14 كۈن ئىلگىرى يوللانغان
رەھمەت سىزگە  ،

  ھازىر خەنزۇچە ئۆگىنىش مۇھىم بوپ قالدى ، خەنزۇچە بىلمىگەنلەرنىڭ جىنىنى باقمىقى تەس بوپ قىلىۋاتىدۇ !