يول مېڭىش — بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا چوڭ ھەرىكەتكە تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ ئۆلچىمى. نۇرغۇنلىغان بالىلار بىر ياش ئەتراپىدا مېڭىشنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. ئائىلە باشلىقى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، قانداق قىلغاندا بالىڭىزنى بالدۇراق، مۇستەقىل ماڭغۇزالايسىز؟ ئالدى بىلەن بالىغا بىر جۈپ چوڭ - كىچىكلىكى مۇۋاپىق بولغان يۇمشاق پاشنىلىق ئاياغ ياكى مېڭىشنى ئۆگىنىش پايپىقى تەييارلاپ، تۈز يەردە ماڭغۇزۇپ مەشىق قىلدۇرسا بولىدۇ. مەشىق قىلدۇرۇشتىن ئاۋۋال كىچىك تەرەت قىلغۇزۇش. مەشىق ۋاقتىدا ئائىلە باشلىقى بالىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ئىككى قولى بىلەن بالىنىڭ قولتۇقىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ مېڭىشىغا ياردەملىشىشى، بالىنىڭ ئىككى قولىنى يېتىلەپ ماڭماسلىقى كېرەك. چۈنكى بالا تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشسە، ئائىلە باشلىقى ئىختىيارسىزلا ئۇنى تارتىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ بوغۇملىرى چىقىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلە باشلىقلىرى كىچىك ھارۋا، يول مېڭىشنى ئۆگىتىش ھارۋىسى قاتارلىقلارنى ئىتتىرىشكە ياردەم بېرىپ، بالىنى ماڭدۇرۇش، بىراق يول مېڭىش ئۆگىتىش ھارۋىسى ئارقىلىق يول مېڭىش ئۆگىنىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولماسلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارۋىدا تۇرىدىغان ۋاقتىمۇ ئۇزۇن بولماسلىقى كېرەك. بولمىسا توغرا بولمىغان يول مېڭىش قىياپىتى شەكىللىنىپ قالىدۇ. چوڭلار ياندا تۇرۇپ، ھارۋىنىڭ ئۆرۈلۈپ بالىنىڭ يىقىلىپ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.