بىز ئادەتتە ئىستېمال قىلىدىغان ئاق شېكەر، قارا شېكەرلەر شېكەر قومۇشى ياكى قىزىلچىدىن ئاجرىتىپ ئېلىنغان تەبىئىي بىرىكمىلەر. خىمىيە ئالىملىرى تەجرىبە جەريانىدا توساتتىن بىر خىل تاتلىق بىرىكمىنى بايقىغان. كېيىن، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق سۈنئىي ئۇسۇلدا بۇ خىل يېڭى بىرىكمە — ساخارىننى سىنتېزلاپ چىققان، بۇ بۇنىڭدىن100 نەچچە يىللار بۇرۇنقى ئىش ئىدى.
ساخارىن ساپ ئاق شېكەرگە ئوخشاش ئاق رەڭلىك كرىستال بولسىمۇ، ئەمما ئۇ سۇدا ئېرىمەيدۇ، شۇڭا ئۇ خىمىيىدە ئېرىمەيدىغان ساخارىن دەپ ئاتالغان. گەرچە ئۇ ناھايىتى تاتلىق تەمگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن مېتاللارغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل سېزىم بېرىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. بازارلاردا سېتىلىدىغان ساخارىن ئەمەلىيەتتە سۇدا ئېرىمەيدىغان ساخارىن بىلەن ناترىي ھىدروكاربوناتنى نېيتراللىنىش رېئاكسىيىسىگە كىرىشتۈرۈپ كرىستاللاش ئارقىلىق ئېلىنغان ناترىي ساخارىن (ساخارىننىڭ ناترىيلىق تۇزى) دىن ئىبارەت. ناترىي ساخارىن سۇدا ئېرىيدۇ، شۇڭا ئۇ ئېرىشچان ساخارىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئۇنىڭ تاتلىقلىقى ساخاروزىنىڭ300 ~500 ھەسسىسىچىلىك كېلىدۇ، شۇڭا تەركىبىدە100 مىڭدىن1 ئۈلۈش ناترىي ساخارىن بولغان ئېرىتمىسىدىمۇ تاتلىق تەم بولىدۇ.