ئەركىنلىك ياشىسۇن!!!
دەرىجە: باش ۋەزىر
UID: 59
نادىر تىمام: 111
يازمام: 9277
شۆھرىتى: 35030 نومۇر
پۇلى: 484227 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان : 2008-03-12
ئاخىرقى قېتىم: 2009-04-02

 مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا

ساغلاملىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسىغا ئايلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مەكتەپلەردە بولۇپمۇ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تەنتەربىيە ئوقۇتۇشىنى زور كۈچ بىلەن تىرىشىپ جانلاندۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن: 
  1. ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن سۈپىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىن ساغلام تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن تەنتەربىيە دەرسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى چوقۇم مائارىپ مېتودى  ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپلا قالماي، سىياسىي ئىدىيىۋى جەھەتتىنمۇ چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولۇش، كەسىپكە پىششىق بولۇپ ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ، بەدەن، تەنتەربىيە تەشنالىقىنى قاندۇرۇش، ئوقۇتۇش ئوبيېكتىغا چوقۇم مۇھەببەت باغلاش، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن سالامەتلىكى،  جىنسى ۋە جىسمانىي قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىز - كۈچلۈكلىكىگە قاراپ پىلان تۈزۈپ چىقىپ پىلان بويىچە ئۆلچەملىك ھەرىكەت ئىشلىتىش، ئوقۇغۇچىلارنى كۆتۈرۈش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن ھەرىكەتلەرگە سالماسلىق، ئۇنىڭدىن باشقا ئىنتىزامسىزلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا ئادەتتىكى ھەرىكەت ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇپ ھەرىكەت جازاسى بەرمەسلىك كېرەك. 
  2. تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇشى، دەرسكە تەنتەربىيە كىيىمىنى كىيىپ كىرىشى، تەنتەربىيە كىيىمىنى كىيمەيدىغان، تەنتەربىيە دەرسىگە قاتتىق ئاياغ كىيىپ چىقىدىغان ئەھۋاللاردىن قاتتىق ساقلىنىپ مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىككى دەرس، ئىككى گىمناستىكا، ئىككى پائالىيەتنى پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىش، پىلاننى پۇختا تۈزۈپ ئوقۇتقۇچى ئۆتمەكچى بولغان دەرسنىڭ ئۈلگىلىك ھەرىكىتىنى ياخشى مەشق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ئۈلگىلىك ھەرىكەتنى تولۇق كۆرەلەيدىغان، ئورۇننى تاللاپ ئېنىق ھەرىكەتنى كۆرسىتىپ بېرىش كېرەك.
  3. تەنتەربىيە دەرسى باشقا پەنلەردىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. باشقا پەنلەردە ئەقلىي  بىلىم ئىشلىتىشنى كۆپرەك تەلەپ قىلىدۇ. تەنتەربىيە دەرسى بولسا كۈچ تەلەپ قىلىدىغان، دوراش خاراكتېرىنى ئالغان، ساختىلىق  ئىشلەتكىلى بولمايدىغان دەرس. دەرس مەزمۇنىدىن ئوقۇتقۇچى ئېنىق ئۈلگە كۆرسىتىپ ھەپتىدە ئۆتۈلىدىغان ئىككى سائەت تەنتەربىيە دەرس ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مەشىققە ياخشى تەشكىللەپ، شارائىت يارىتىپ دەرس مەزمۇنىنى تولۇق ئۆتۈش كېرەك. 
  4. دەرستىن سىرتقى ئىككى گىمناستىكا، ئىككى پائالىيەتنى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىپ بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە دەرسىگە بولغان قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ھەمدە ئۇلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ خاتىرجەم ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش. شۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ھەر مەۋسۇمدا  ئېلىپ بېرىلىدىغان تەنتەربىيە پائالىيەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ پىلان بويىچە مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش كېرەك. 
  5. تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى چوقۇم ئۆز كەسپىگە سادىق بولۇشى،  تەنتەربىيىنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشى، دەرسكە مۇناسىۋەتسىز خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى كۆرسەتمەسلىكى لازىم. چۈنكى ياش - ئۆسمۈرلەر دوراشقا ئامراق بولۇپ، دەرسكە مۇناسىۋەتسىز خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى كۆرگەندە، دوراپ ھەرىكەت ئىشلەپ خەتەرلىك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىسى ھېسسىياتقا بېرىلىپ دەرسكە مۇناسىۋەتسىز ھەرىكەتلەرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا ئىشلەشتىن ساقلىنىش كېرەك. 
  مېنىڭچە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ   تەنتەربىيىنى چىڭ تۇتۇپلا قالماي پۈتكۈل مائارىپ سېپىدىكى كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئوقۇتقۇچىلار - ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش بولمىغان تەنتەربىيە ۋە چېنىقىش  ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي  ۋە جىسمانىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ تەنتەربىيىگە بولغان قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، مەكتەپلەردە تەنتەربىيە دەرسىگە سەل قارايدىغان،  تەنتەربىيە دەرسىنىڭ ۋاقتىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلمايدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلانغاندىلا، ئاندىن تەنتەربىيە دەرسىنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.


            (چىرا ناھىيىلىك كەسپىي  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن) ئۆمەرجان مەتتۇرسۇن