1) كۆزنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارى تۇيۇقسىز ناچارلاشسا، بۇ جىگەر خىزمىتىنىڭ زەئىپلەشكەنلىكىنىڭ بەلگىسى.
2) بۇرۇننىڭ پۇراش سىزىمى تەدىرىجى يوقالغان بولسا، ئۆپكە خىزمىتىنىڭ زەئىپلەشكەنلىكىنىڭ بەلگىسى.
3)كالپۇكلار قۇرۇپ يېرىلغان بولسا، ئاشقازان قىسمى زەخمىلەنگەنلىكىنىڭ بەلگىسى.
4)قۇلاق ئېغىرلىشىپ ئاۋاز ئاڭلىيالمىسا ياكى غۇڭۇلدىسا، بۆرەك خىزمىتىنىڭ زەئىبلەشكەنلىكىنىڭ بەلگىسى.
5)تىلنىڭ تەم سېزىشى ناچارلاشسا ياكى تەم سېزەلمىسە، يۈرەك خىزمىتىنىڭ زەئىبلەشكەنلىكىنىڭ بەلگىسى.
كۆپلىگەن كېسەللىك ئالامەتلىرى ئەتىگەندە كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئەتىگەندە تۆۋەندىكى غەيرى نورمال ئالامەتلەر كۆرۈلسە دەرھال سەۋەبىنى ئېنىقلاش لازىم.
6)باش قېيىش: ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن باش ئېغىرلىشىدىغان، باش قايىدىغان ئالامەت كۆرۈلسە، بويۇن ئۇمرۇتقىسىغا ئۇستىخان ئۆسۈپ، قىزىل قان تومۇرىنى بېسىۋالغانلىقىنى ۋە چوڭ مېڭىگە قان يەتكۈزۈش توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قاننىڭ يېپىشقاقلىقى يۇقىرىلاپ كەتسىمۇ چوڭ مېڭىگە قان ۋە ئوكسىگىن يەتكۈزۈش تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
7)بەك سەھەر ئويغىنىپ كېتىش: ئەتىگەن سائەت بەشلەردە ئويغىنىپ كېتىش، ئويغاندىن كېيىن ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلىش، كەيپىياتى چۈشكۈن بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆپىنچە خامۇشلۇق ۋە روھىي ھالەت ناچارلىشىشنىڭ ئالامىتىدۇر. بولۇپمۇ خامۇشلۇق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.
8)يۈزى ئىششىپ قىلىش: ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا يۈزى ئىششىپ قېلىش، بولۇپمۇ قاپىقى ۋە بەدەن ئىششىپ قېلىش ئەھۋاللىرى بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئالامەتلەر بۆرەك ياكى يۈرەك كېسەللىكى بارلاردا كۆرۈلىدۇ. قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردىمۇ يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەمما ئىشىش دەرىجىسى نىسبەتەن تۆۋەنرەك بولىدۇ.
9)بەدەن قېتىپ قېلىش: ئەتىگەندە بەدەن قېتىپ قېلىپ ئۈگىلەر تولۇق ھەرىكەتكە كەلمىسە ياكى مۇسكۇللار قاتتىق بولۇپ قالسا، بۇ رىماتىزىم ياكى ئۇستىخان ئۆسۈپ قېلىش كېسەللىكىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بەزى سېزىمچانلىق زىيادە ئېشىپ كېتىش كېسەللىكلىرىمۇ )مەسىلەن، قىزىل داغ، تېرە مۇسكۇلى ياللۇغى( ئەتىگەندە روشەن كۆرۈلىدۇ.
10)قورساق ئېچىپ، يۈرەك تارتىشىش: ئەتىگەندە قورساق ئېچىپ، يۈرەك تارتىشىش ۋە ھالسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ناشتىدىن كېيىن، ئېغىزى قۇرۇپ سۇ، ئۇسسۇزلۇق ئىچكۈسى كەلسە، بۇ قەنت كېسەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
11)باش ئاغرىش: داۋاملىق باش ئاغرىش بىر خىل ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى بولۇپ، ئۇنىڭ دائىم كۆرۈلىشىنىڭ سەۋەبى، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە زىيادە جىددىيلىشىش ۋە قان تومۇرلارنىڭ تارتىشىشىدىن بولىدۇ. كۆزنىڭ نۇر سۇندۇرۇشى توغرا بولمىسىمۇ باش ئاغرىيدۇ. باش تۇيۇقسىز ئاغرىپ كەتسە ئۇچلۇق نېرۋا زەخىملەنگەن بولۇشى مۇمكىن.
12)ئېغىز پۇراش: ئەگەر نەپەس ئالغاندا ئېغىزدىن ئاتسىي پۇرىقى كەلسە قەنت كېسىلىدىن دەپ گۇمانلىنىشقا بولىدۇ. ئەگەر ئېغىزدىن سىغىز توپىنىڭ پۇرىقى كەلسە، بۇ جىگەر قېتىش ياكى جىگەر ياللۇغلىنىش قاتارلىق كېسسەللىكلەرنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. سۈيدۈك پۇرىقى كەلسە، بۆرەك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگرى سېسىق پۇراق كەلسە، چىش ياللۇغلانغان ياكى چىش مىلىكى ياللۇغلانغان بولۇشى مۇمكىن.
13) باش قىيىش: ئەگەر قۇلاق تۇيۇقسىز سېزىمىنى يوقاتسا ياكى پۇت قولىدا چۆمۈلە ماڭغاندەك سېزىم پەيدا بولسا، بۇ سەكتە بولۇشنىڭ بىشارىتىدۇر، ئەگەر باش تۇيۇقسىز ھەددىدىن زىيادە قېيىپ ھەم ئاغرىپ، كۆڭلى ئايىنىپ ياندۇرسا ياكى سېزىمى ناچارلاشسا، بۇ مىڭىگە قان چۈشكەنلىكىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.
14) پاچاق مۇسكۇللىرى تارتىشىش: بۇلجۇڭ گۆشكە يەتكۈزىدىغان قان مىقتارى ئازىيىپ كەتسە، بەدەندىكى سۇ ۋە تۇز تەركىبى ياكى كالىتىسىي يېتىشمەي قالسا مۇشۇنداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
15)بەدەن ئېغىرلىقى كېمىيىپ كېتىش: ئادەمنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ئىككى ئۈچ كىلوگىرام ئېشىشى ياكى كېمىيىشى نورمال ئەھۋال. لېكىن سەۋەبى ئېنىق بولمىغان بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ كېمىيىپ كېتىشى كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقنىڭ ئالامىتى. ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقى تۇيۇقسىز يەڭگىللەپ كەتسە، راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن بولۇشى مۇمكىن.