ئاياللارغا سوۋغا بەرگەندە: ئامېرىكىدا >ئالماس قىزلارنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى< دېگەن ناخشا بار، ئۇنىڭ ئاساسى مەزمۇنى: > بىر قىز قىممەت باھالىق سوۋغىغا ئېرىشكەندە، پاكلىقى ۋە ئۆزىنى سۆيۈش خاراكتېرىنى يوقىتىپ قويىدۇ< دېگەندىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە، ئاياللار ئادەتتىن تاشقىرى قىممەت باھالىق سوۋغىلاردىن ھەزەر ئەيلەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىن، لېكىن ئانچە قىممەت بولمىغان سوۋغىلارنى ياقتۇرىدۇ. دەل جايىدا تاللاغان سوۋغا يىگىتلەرنىڭ سەمىمىي كۆڭلى ۋە قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
ئاياللارنى ماختىغاندا: ئۆزىنى گۈزەل دەپ ھېسابلايدىغان ئاياللار ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. چۈنكى ئۇلار كۈندىن - كۈنگە چىرايىدىن قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ. ئەرلەر ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى ماختىغاندا ئۇنىڭ چىرايىنى ئەمەس، بەلكى ياسىنىشىنى ماختىشى كېرەك. مەسىلەن: >مەن سىزنىڭ مۇشۇ خىلدىكى چاچ پاسۇنىڭىزنى ياقتۇرىمەن<، قىزىل رەڭلىك كىيىم سىزگە بەك يارىشىدىكەن<دېگەندەك.
ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ كەسپىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئەرلەرنى ياقتۇرىدۇ: ئاياللارمۇ ئۆز كەسىپىنى ئىنتايىن مۇھىم بىلىدۇ. چۈنكى كەسىپ ئاياللارنى باراۋەر ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ. ئەرلەرنىڭ ئايالىنىڭ كەسپى ۋە خىزمەت ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە ئائىلە ئىناقلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.
ئاياللار ھېسسىياتىنى تىل ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ئەرلەرنى ياقتۇرىدۇ: ئاياللارنىڭ قۇلىقى مۇھەببەتلىك سۆزلەرنى ئاڭلاشقا خۇشتار. ئەرلەر ئۆز - ئارا پاراڭلىشىشنى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى دەپ قارىسا، ئاياللار ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنىڭ ۋاستىسى دەپ قارايدۇ. پاراڭنىڭ مەزمۇنى ئانچە مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئۇنىڭ ئاياللارنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلىيالىشىدا. شۇڭا ئەرلەر ئاياللارنىڭ گېپىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ بەرسىلا بولىدۇ. ئەگەر سىز ئايالىڭىزنىڭ ھېسسىياتىنى ئىگىلەشكە ماھىر بولسىڭىز، چوقۇم ياخشى سرداشلاردىن بولالايسىز.
ئاياللار تەمكىن ئەرلەرنى ياقتۇرىدۇ: نىكاھ مەسىلىسىدە ئاياللار بىر قەدەر ئەمەلىيەتچان كېلىدۇ. ئۇلار ئەرلەرنى ئۇزاق مۇددەت تەپسىلى كۆزىتىپ، ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشتا ئۆزىگە ماسلىشىشى ۋە يار - يۆلەكتە بولۇشىنى ئويلايدۇ. ئەگەر سىز مۇھەببەتلىشىۋاتقان بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ۋاقىتنى بىر ئاز ئۇزارتىڭ.
ئاياللار بەزىدە يالغۇز قېلىشقا مۇھتاج:: ئەرلەر يالغۇزلۇقتىن قورقىدۇ. بۇنىڭ ئەكسچە ئاياللار بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىدىغان >ئىختىيارى ۋاقىت< قا مۇھتاج بولىدۇ. ئالايلۇق، نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش، كىتاب ئوقۇشنى تەلەپ قىلسا ئۇنچە قورقۇپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئاياللار ئېرىنىڭ كۆيۈنىشىگە مۇھتاج: مۇھەببەت - ئاشخانىدىن باشلىنىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۆي ئىشلىرىنى تەڭ قىلىش، نىكاھ ۋە ئائىلىگە نىسبەتەن جىنسىي تۇرمۇشتىنمۇ مۇھىم. ئاياللار بىر كۈنلۈك خىزمەتتىن كېيىن بالىغا قاراپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ چارچايدۇ. نەتىجىدە جىنسىي تەلىپىمۇ تەبىئىي ھالدا ئاجىزلىشىدۇ. شۇڭا ئەر - ئايالنىڭ ئاشخانىدا بىللە تۇرغان ۋاقتى كارىۋاتتىكى ۋاقتىدىنمۇ مۇھىم.
ئاياللار ئېرىنىڭ ھەم دوست، ھەم ئەر بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ: ھەر قانداق بىر ئايال بالا باققۇچى بولۇشنى ياكى ئەرنىڭ كاتىپى بولۇشنى خالىمايدۇ. ئۇلار ئېرى بىلەن باراۋەر بولۇشنى، ئۆز قابىلىيىتىنى كۆرسىتىشنى، كەمچىللىكلىرىنى ئېرىنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى ھەمدە ئۆزىنى ئەڭ يېقىن دوستى دەپ بىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.