1
بىر رىۋايەتتە، دولانلار مەكىتتىن تارتىپ لوپنۇرغىچە بولغان پايانسىز قۇملۇق ئەتراپىنى ئىگىلىگەچكە، «دولان» سۆزى «دالا» دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن دېيىلىدۇ؛ يەنە بىر رىۋايەتتە، «دولان» «دالان» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان، دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
دولانلار ئاساسەن چۆل - باياۋاننى ماكان قىلغان بولۇپ، ئوۋچىلىققا ماھىر خەلق ئىكەن. بۆرە، قاۋان، قاپلانلارنى خۇددى قوينى تۇتقاندەك ئەركىن تۇتالايدىكەن. ئۇلارنىڭ مازايى - ماشايىخلارغا بولغان ئېتىقادى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، قانداق مازار بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ھەممىنى ئۇلۇغلايدىكەن. شۇڭا، باشقا يۇرتتىن كەلگەنلەر ئۇلارنىڭ بۇ ئادىتىنى:«ئاچا توغراقنى كۆرۈپ مازار غوجام دېگەن دولان، قاشقا توڭگۇزنى كۆرۈپ مېنىڭ كالام دېگەن دولان» دەپ قوشاققا قاتقانىكەن.
دولانلار تولىمۇ خۇش چاقچاق، ناخشا - قوشاققا ماھىر خەلق ئىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر دولانلىقنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەپتۇ. ئۆي ئىگىسى لەيلىخان مېھماننى كۆرۈپ ئېرىگە:
ئۆيگە مېھمان كېلىپتۇ،
ئاش ئېتەيمە بەگچەك؟
نان ياقايمۇ بەگچەك؟
دەپ سوراپتۇ. ئېرى ئايالىغا :
قارا قوينى سويايلى،
گۆشنى ئېسىپ چۆپ ئەت.
قالغىنىنى ئۆزۈڭ بىل،
خۇدايىم بەرگەن لەيلەك.
دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان مېھمانلار ئۇلارنىڭ قوشاققا ئۇستىلىقىدىن ھەيران قاپتۇ.
ناغرىنى دەسلەپ دولانلىقلار ئىجاد قىلغانىكەن. ئۇلار كەڭ باياۋاندا تارقاق ئولتۇراقلاشقاچقا، ئۇلارنى بىر يەرگە توپلاشقا توغرا كەلسە، ناغرا ئاساسلىق خەۋەرچى ھېسابلىنىدىكەن. ئەينى ۋاقىتتا، ھەربىر مەھەللىدە بىردىن «ناغرىخانا» بولغانىكەن. دولان مەركىزىدىن ناغرا چېلىنسا، ئۇنىڭ ئاۋازى باشقا ناغرىخانىلارغا يەتكەن ھامان ناغرا ئاۋازى ئۈزۈلمەيدىكەن. ئاش پىشىمىغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا ھەرقانداق خەۋەر دولانلارنىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگە يېتىپ بارالايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن چوڭ - كىچىك، ئەر - ئايال دولانلىقلار بىردەمدىلا «ناغرىخانا »مەيدانىغا جەم بولىدىكەن. توي - تۆكۈن ۋە مەشرەپلەردىمۇ ئالدى بىلەن ناغرا چېلىنىدىكەن. دولان يۇرتىدىكى ھازىرقى «ناغرىخانا» دەپ ئاتالغان يۇرت ئىسىملىرى شۇنىڭدىن قالغانىكەن
2
دولانلار :«بىزنىڭ ئاتا - بوۋىمىز دەرۋىتتىن چىققان» دەپ رىۋايەت قىلىشىدۇ.
رىۋايەت قىلىنىشىچە ، قەدىمكى زامانلاردا شىمالدا ياشايدىغان «دولۇن» دەيدىغان بىر كۆچمەن قەبىلە بولغانىكەن. ئۇلار جەنۇبقا كۆچكەندە، بىر بۆلۈكى بەدەخشاننىڭ بىر چېتىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپتۇ. ئۇلار شۇ يەردە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، مۇسۇلمان بوپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئىگىلىگەن يەرگە ئون تۈپ سۆگەت تىكىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئاففانلار ئۇلارنىڭ « دەرۋىتلىكلەر» دەپ ئاتىلىپ قاپتۇ. ئۇلاردىن ئۈچ كىشى ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن دەسلەپ قەشقەرگە كەپتۇ. قەشقەر ئىسلامغا كىرگۈزگەندىن كېيىن كۇھچارغا كەپتۇ. بۇ يەردە قالماق دەپ ئاتايدىغان كۇپپارلار ياشايدىكەن. سۆگەتلىكلەر ئۇلارنى ئىمانغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، كۇھچار (كۇچار) نىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى قۇملۇق يېنىغا جايلاشقان چوڭ بىر شەھەرگە كېلىپ، ئۇ يەردىكى كۇپپارلارغا ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىپتۇ. بۇ شەھەردىكى خەلىقلەر ئۇلارغا ئىشەنمەي: «ئەگەر سۆزۈڭلار راست بولسا، بىزگە دۇئا قىلىڭلار. دۇئايىڭلارنىڭ خاسىيىتىدىن شەھرىمىز پۈتۈنلەي ئالتۇن بولۇپ كەتسۇن، شۇ چاغدا سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئىشىنىمىز. » دەپتۇ.
سۆگەتلىكلەر قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشىپتۇ. كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە پۈتۈن شەھەر ئالتۇن بىلەن قاپلىنىپ كېتىپتۇ. لېكىن، بۇ شەھەردىكى بۇتپەرەسلەر ئۆز ئېتىقادلىرىدىن پەقەت يانماپتۇ. سۆگەتلىكلەر:«بۈگۈن ئاخشام بىز يەنە دۇئا قىلىمىز، ئۇ چاغدا شەھرىڭلارغا قۇم ياغىدۇ. شۇنىڭغىچە ئىمان ئېيتمايدىغان بولساڭلار ھەممىڭلار قۇم ئاستىدا قېلىپ ھالاك بولىسىلەر» دەپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ ئون تۆت ئادەم ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بوپتۇ. قالغانلىرى بىر كېچىدىلا قۇم ئاستىدا قېلىپ ھالاك بوپتۇ. مۇسۇلمان بولغان ئون تۆت كىشى بۇ يەردىن ئايرىلىپ، تارىم دەرياسىنى بويلاپ ھەر بىرى بىردىن شەھەر قۇرۇپتۇ. ھازىرقى دولانلىقلار ئەنە شۇ ئون تۆت كىشىنىڭ ئەۋلادى ئىكەن.
3
«دولان»دېگەن سۆز موڭغۇلچە «يەتتە» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققانىكەن. موڭغۇللار قەدىمكى چاغلاردا مەكىتلىكلەرنى «يەتمىش ئىككى مىڭ ياغاچ ئۆيلۈك دولان» دەپ ئاتاشقانىكەن.
دولانلار دەسلەپتە گەمە ئۆيدە ياشىغان بولۇپ، بىر قانچە كىچىك بەگلىكلەرگە بۆلۈنگەنىكەن. ئۇلار ئەمەت بەگ، سىيىت بەگ، ئەمتەم بەگ، ئەزىز بەگ، ئامان بەگ، يامان بەگ، زامان بەگ دېگەن يەتتە بېگى بولغانىكەن. ئۇلار داۋاملىق يىرتقۇچ ياۋايى ھايۋانلار ۋە مانجۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرغانلىقتىن ، باياۋانلاردا كۆچۈپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغانىكەن.
سائادەت بەگ زامانىسىغا كەلگەندە، بۇ بەگلەر دولانلىقلارنى يىغىپ، «لەمپە دۆڭ» ۋە «قارلىغاچدۆڭ» دېگەن ئىككى يۇرتنى تەشكىللەپتۇ. سائادەت بەگ مانجۇ خانلىقىغا بېرىپ، بەگلىك دەۋاسى قىلغاندا، مانجۇ خانى ھىيلە ئىشلىتىپ ئۇنىڭغا بىر بىر ياغاچ تامغىنى تۇتقۇزۇپ: «سەن ياغاچ ئۆيلۈك دولانلىقلارنىڭ بېگى بول» دسەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سائادەت بەگ دولانلىقلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، دولانلارنىڭ مەركىزى دەپ ئاتالغان «لەمپە دۆڭ» بىلەن «قارلىغاچدۆڭ »نى لايدىن قوپۇرۇپ شەھەر بىنا قىپتۇ. سائادەت بەگ يەكەن دەرياسىنىڭ نېرىقى قىرغىقىدىكى «لەمپەدۆڭ»دە تۇرۇپتۇ. يەكەن دەرياسىنىڭ بۇ قېتىدىكى «قارلىغاچدۆڭ» دە مامۇر پالسا(پالۋان)نىڭ قالىغاچخان ئىسىملىك بىر ئايالى بولۇپ، ئىنتايىن گۈزەل ئىكەن. ئۇ ناخشا - ئۇسسۇلدا تەڭدىشى يوق ، قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان باتۇر ئايال ئىكەن. سائادەت بەگ «قارلىغاچدۆڭ» گە كەلگەندە، قالىغاچخان ئۇنىڭغا ئۇسسۇل ئويناپ بېرىدىكەن ۋە ئەقىل كۆرسىتىدىكەن. شۇڭا قارلىغاچخاننى سائادەت بەگ ئۆزىگە ياردەمچى قىلۋاپتۇ. «قارلىغاچدۆڭ» ئاشۇ قارلىغاچخاننىڭ نامىنى كۆرسىتىدىكەن. سائادەت بەگ بىلەن قارلىغاچخان بىر - بىرىنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن «لەمپە دۆڭ» بىلەن «قارلىغاچدۆڭ» گە ئىككى راۋاق سالدۇرۇپتۇ. ئۇلار ئىككى دۆڭلۈكتە نۆۋەت بىلەن داۋاملىق مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىكەن. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئاپاق غوجا ئۇلارنى «شەرىئەتتىن چىقتى» دەپ ئەيىبلەپ لەشكەر تارتىپ كەپتۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ سائادەت بەگكە كۈچى يەتمەي، ئۆزلىرى مەغلۇپ بولۇپ قايتىپتۇ. ئاخىر ئاپاق غوجا نۇرغۇن سوۋغا - سالام ۋە ئىنئاملار بىلەن چيەنلۇڭ خاندىن ياردەم سوراپتۇ ھەمدە قىزىنى چيەنلۇڭخانغا ئىنئام قىپتۇ. بۇنىڭ بەدىلىگە چيەنلۇڭ خان ئاپاق غوجىغا ئەسكىرىي كۈچ جەھەتتىن زور ياردەم بېرىپتۇ. نەتىجىدە ئاپاق غوجىنىڭ لەشكەرلىرى چيەنلۇڭنىڭ ئەسكەر كۈچىگە تايىنىپ دولانلىقلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ كەپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى ۋەيران قىپتۇ. بۇ قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان دولانلار يۇرتىنى تاشلاپ، تەرەپ - تەرەپكە قېچىپ كېتىپتۇ. ئاپاق غوجا ئەسكەرلىرى بىلەن سائادەت بەگ ۋە قارلىغاچخانلارنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى دولانلار ئۇزۇنغىچە قاتتىق جەڭلەر بوپتۇ. ھازىرقى «سەردارلار گۈمبىزى» دەپ ئاتالغان جاي ئاشۇ جەڭدە شېھىت بولغانلارنىڭ قەبرىستانلىقى ئىكەن. بەزىلەر ئۇنى «ئاق موللا گۈمبىزى »دەپمۇ ئاتايدىكەن.
4
چيەنلۇڭ خان زامانىسىدا دولانلار مانجۇلارغا بويسۇنماي، ئۇزاققىچە ئۇلارغا قارشى جەڭ قىپتۇ. دولانلار ئۆز يۇرتلىرىنى مانجۇلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر كالىنىڭ تېرىسىدە يوغان بىر پاي ئۆتۈك تىكىپ ئىچىگە قۇم قاچىلاپتۇ. ئۇنىڭغا :«ئالتە ياشلىق دولاننىڭ كىيىدىغان ئۆتۈكى» دېگەن خەتنى چاپلاپ، دولان چېگىرىسىغا ئېسىپ قۇيۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن مانجۇلار:«ئالتە ياشلىق بالىنىڭ ئۆتۈكى بۇ بولسا چوڭلىرى كېيىدىغان ئۆتۈكى قانچىلىكتۇ» دەپ قورقۇشۇپ، دولانلىقلارغا چېقىلىشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار بۇ ئىشتىن گۇمانلىنىپ بىر مانجۇنى سېتىقچى قىياپىتىدە ياساپ، تارغاق، سۈزگۈچ،يىپ - يىڭنە بىلەن دولان يۇرتىغا كىرگۈزۈپتۇ. ئۇ قارىغۇدەك بولسا دولان يۇرتىدا بۇنداق يوغان ئۆتۈك كىيىدىغان ئادەمنى ئۇچرىتالماپتۇ. «سېتىقچى» قايتىپ كېتىپ، مانجۇ خانىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىپتۇ. دولانلارنىڭ ھىيلىسىگە ئالدىنىپ قالغان مانجۇ خانى قايتا لەشكەر تارتىپ، دولان يۇرتلىرىغا بېسىپ كىرىپتۇ. دولانلىقلارمۇ ئۇزاققىچە تىز پۈكمەي مانجۇلار بىلەن قاتتىق ئېلىشىپتۇ. ئاخىر يۇرتلىرى ۋەيران بولغان دولانلىقلار تەرەپ - تەرەپكە قېچىشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئۇلار يۇرتىدىن ئايرىلىش ۋاقىتىدا ھەتتا ئۆز يۇرتىنىڭ پاشلىرىنىمۇ قوشاققا قېتىپ، ناخشائېيتىپ ماڭغانىكەن.
ئەل بۇيەرنى چۆل دەيدۇ،
چۆل ئەمەس گۈلزار ئىدى.
توغرىقى ئالمىغا ئوخشاش،
يۇلغۇنى مازار ئىدى.
چارۋىمىز يايلاق ئىدى،
بالىمىزغا بازار ئىدى.
تۇمشۇقلىرى بېگىزدەك،
قاناتلىرى كېگىزدەك،
پاشىلىرىمىز ئايرىلىپ،
قالدى بىزدىن يىراقتا ئەي - يائاللا.
دولانلىقلار تارقالغان يۇرتلار مارالبېشى دولان، ئاۋات دولان، مەكت دولان، ئاقسۇ قاراتال دولان، شايالۇچىمەن، شىنچىمەن، ئاقئېرىق، ئىچئېرىق دولان، لوپنۇر دولان دەپ ئاتالغانىكەن. بۇ يۇرتلار ھازىرمۇ شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.$$