ئەركىنلىك ياشىسۇن!!!
دەرىجە: باش ۋەزىر
UID: 59
نادىر تىمام: 111
يازمام: 9277
شۆھرىتى: 35030 نومۇر
پۇلى: 484227 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان : 2008-03-12
ئاخىرقى قېتىم: 2009-04-02

 ئۇيغۇرلاردا پەرھىز تۇتۇش ئادەتلىرى

ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائىي چۈشەنچىسىدىكى تەبىئەت مەۋجۇداتلىرىنى رەنجىتمەسلىك ۋە ئۇلارنىڭ جازاسىغا ئۇچرىماسلىق مەقسىتىدە ئۆزلىرىنىڭ بەزى ھەرىكەتلىرىنى مەنئى قىلىشى ۋە چەكلەپ تۇرۇش ئادىتى پەرھىز تۇتۇش دەپ ئاتىلىدۇ. پەرھىز كۆپىنچە مۇئەييەن بىر دىنىي ئېتىقاد ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك رېئال تۇرمۇش ئادىتىدە ئەكىس ئېتىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرھىز قويۇق ئۆرپ - ئادەت تۈسىگە ئىگە.
ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى كۆپلىگەن پەرھىزلەر بار. مەسىلەن، يېمەك - ئىچمەك جەھەتتە: ئۆزى ئۆلۈپ قالغان مالنىڭ گۆشىنى يېمەسلىك، بوغۇزلىغاندا قان چىقمىغان مالنىڭ گۆشىنى يېمەسلىك، ئاللادىن غەيرىينىڭ نامى تىلغان ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىش ھارام، ئېگىزدىن غۇلاپ چۈشۈپ ئۆلگەن ھايۋاننىڭ گۆشى ھارام، كۆشىمەيدىغان ھايۋاننىڭ گۆشى ھارام، چوشقا، ئىت، ئېشەك، قېچىر قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ گۆشى ھارام... دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن پەرھىزلەر بەلگىلەنگەن. بۇ يەردىكى <ھارام> سۆزى دىنىي ئاتالغۇ بولۇپ، پەرھىز مەنىسىنى بېرىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ بەلگىلەنگەن پەرھىزگە قەتئىي ئەمەل قىلىشقا ئادەتلەنگەن. يېمەك - ئىچمەك جەھەتتىكى بۇ پەرھىزلەر <قۇرئان كەرىم> دە بەلگىلەنگەچكە، ئۇنىڭغا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ئەمەل قىلىدۇ.
شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادىتىدە يەنە، نانغا دەسسىسەڭ كۆزۈك كور بولۇپ قالىدۇ؛ تاماقنى پاكىز يېمىسەڭ بالاڭ سەت بولۇپ قالىدۇ، دېگەندەك پەرھىزلەرمۇ بار. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار داستىخان ياكى جوزا ئۈستىگە چېچىلىپ قالغان ناننىڭ ئۇۋاقلىرىنى كۆرسە، ئۇنى تېرىۋېلىپ <بىسمىللا> دەپ ئاغزىغا سالىدۇ. يوللاردا تاشلىنىپ قالغان نان ياكى تاماق ئۇچراتسا <خۇدايا توۋا!> دەپ، ئۇنى يولنىڭ چېتىگە ياكى خالىي يەرگە ئېلىپ قويىدۇ. ئومۇمەن، يېمەك - ئىچمەكنى ئىسراپ قىلىش ۋە خارلاشنى ناھايىتى ئېغىر گۇناھ دەپ بىلىدۇ.
خەلق ئارىسىدا يەنە ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرمەسلىك، سۇغا تەرەت قىلماسلىق، يالغۇز دەرەخنى كەسمەسلىك، مۈشۈكنى ئۆلتۈرمەسلىك، قارلىغاچنى تۇتماسلىق، ئۆينىڭ ئىشىكىنى شەرققە قاراتماسلىق، قىبلە تەرەپكە پۇتىنى سوزۇپ ياتماسلىق، جۈمە كۈنىدە سەپەرگە چىقماسلىق... قاتارلىق دىنىي ئېتىقاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك پەرھىزلەر بولۇپ، ئۇنىڭ بەزىلىرى ئىپتىدائىي دەۋردىكى تەبىئەتكە چوقۇنۇش ئېتىقادىغا باغلانغان، بەزىلىرى ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرى ئاساسىدا پەيدا بولغان.
<كىيىمنى تەتۈر كىيسە ئىش تەتۈرىگە چۆرۈلىدۇ>، <سۈپۈرگىنى تىكلەپ قويسا، شۇ ئۆيگە بالا قازا كېلىدۇ>، <سۈپۈرگىنى بالىنىڭ بېشىدىن ئارتىلدۇرسا، شۇ بالا پاكار بولۇپ قالىدۇ>، <قازاندىن ئاتلىسا قارا گەپكە يولۇقىدۇ>، <ئەخلەت بىلەن كۈلنى بىرگە ئالسا شۇ ئۆيدە توي بىلەن ئۆلۈم بىرگە بولىدۇ>، <قوشۇقنى بىر - بىرىگە ئۇرسا ئۇرۇش - ماجرا بولىدۇ>، <تولغاق بار ئۆيگە كىرسە، بوۋاق بالايى - خەتەرگە يولۇقىدۇ>، <بالا دۈم يېتىپ يىغلىسا، ئاتا - ئانىسى بۇرۇن ئۆلىدۇ>، <قايچىدا تىرناق ئالسا بالا يۈزى كۆرمەيدۇ>، <ھۇقۇش قونغان جاي ۋەيران بولىدۇ>، <مېكيان قىچقارسا بالا - قازا ياغىدۇ>، <ئېڭەكنى تۇتۇپ ئولتۇرسا بەختسىز بولۇپ قالىدۇ> دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن پەرھىزلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پرىنسىپ بولۇپ قالغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى چۈشكە تەبىر بېرىش، قارغاش، تىلتۇمار پۈكۈش، قەسەم قىلىش، پال ئېچىش قاتارلىق ئادەتلەردىمۇ ھەر خىل پەرھىزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، كۆپچىلىكىدە خۇراپىي قاراشلار ئىپادىلەنگەن.
ئادەتتىكى تۇرمۇش پەرھىزلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى خەلقنىڭ ئەدەب - ئەخلاق قاراشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇپ، بەلگىلىك ئىجابىي رولغا ئىگە. ئالايلۇق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىدە ھاراق ئىچىش، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىش، قىمار ئويناش، ئوغرىلىق قىلىش، زىنا قىلىش، يالغان گەپ قىلىش، چېقىمچىلىق، غەيۋەت قىلىش... قاتارلىق ئىللەتلەر ئېغىر گۇناھ ھېسابلىنىپ، بۇ قىلمىشلاردىن پەرھىز تۇتۇشقا دەۋەت قىلىنغان. يىغىپ ئېيتقاندا، پەرھىز - خەلقنىڭ ئىدىيىۋى چۈشەنچىسىدە چەكلەشكە تېگىشلىك ئىشلارنى مۇئەييەن دىنىي ئېتىقاد بىلەن باغلاپ كۆرسىتىش دېمەكتۇر. شۇڭا ئۇ تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە كەڭ ئۇچرايدۇ. (ئا)"
awazlik