باشقۇرغۇچى ئەسكەرتمىسى:
本帖被 UyMuglaN 设置为精华(2009-03-04)
ئەرلەرنىڭ ئەخلاقسىز جىنسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى، ئەگەر ھۇشيار بولمىسىڭىز، ئۆزىڭىزگە كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋالسىز.
ئېرىڭىز سىزنى ئالدىدىمۇ يوق؟ ئېرىڭىز سىزگە يالغان ئېيتتىمۇ يوق؟ تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېرىڭىزنىڭ سەمىمىيىتىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
ئاۋۋال چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى، ئەرلەر بىلەن تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن، ھەر بىر ئايال كىشى جەزمەن تۆۋەندىكى ھالەتلەرنىڭ بىرىدە ياشايدۇ:
بىخەتەر ھالەت
بۇ خىل ھالەت گۆھەرگە ئوخشاش ئەتىۋارلىق ۋە كەمدىن - كەم ئۇچرايدۇ، بۇنداق ھالەتتە ياشىغان ئايال ئېرىنىڭ ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلىشىدىن، ئۆزىنى ئالدىشىدىن ۋە قاقتى - سوقتى قىلىشىدىن، يېقىن دوستلىرىنىڭ قورسىقىنى تومپايتىپ قويىشىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ )ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە چەكسىز بەخىتلىك ھالەتتۇر، بىراق ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، ھەممە ئاياللار بۇنداق بەخىتتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ(
ھۇشيار ھالەت
مۇشۇ ھالەتتە ياشىغۇچى ئاياللارنىڭ ھەممىسى بەختسىز ئاياللاردۇر. ئۇلار كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، ھۇشيار تۇرمىسا، ئەرلىرى شۇئان چاتاق چىقىرىدۇ، شۇڭا، ئېرىڭىزنىڭ قىلغان ئىشلىرى گۇمانلىق بولسىلا، ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمەي، ئاداققىچە سۈرۈشتۈرۈڭ.
قاتتىق ھۇشيار ھالەت
ئېرىڭىز شەھۋەتپەرەس، چىرايلىق ئاياللارنى كۆرسە تۇرالمايدىغان، ۋۇجۇدى كېسەللىك باكترىيىسى بىلەن تولغان، مەخسۇس يالغان - ياۋىداق گەپلەرنى توقۇش بىلەن جان باقىدىغان، ئەخلاقى چىرىك، سورۇن تاللىماي ئاشنا ئوينايدىغان پەسكەش ئادەم بولسا، قەلبىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئۇنىڭ سىزدىن بىر نەرسىلەرنى يوشۇرىۋاتقانلىقىنى، سىزگە ئاسىيلىق قىلغانلىقىنى، ياكى ئاسىيلىق قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ياكى ئاسىيلىق قىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ۋە بىر سەتچىلىكنى يوشۇرۇپ قېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى سەزگەن بولسىڭىز جەزمەن تۆۋەندىكى ئىشنىڭ بىرىنى قىلىڭ.
بىرىنچى: نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقىنىڭ ماڭا بەش قولدەك ئايان، ئۆزۈڭنى سەل يىغىشتۇرۇپ يۈرگىن دەپ ئۇنىڭغا ئوچۇق ئېيتىڭ.
ئىككىنچى: دەرھال ئۇنى تۇرمۇشىڭىزدىن قوغلاپ چىقىرىڭ. سىز تۇرۇۋاتقان قىيىن شارائىتىڭىزنى توغرا مۆلچەرلەش ئۈچۈن، جەزمەن ياۋاشلىق بىلەن تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەندە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، پەقەت بىرىنچى قول ئاخباراتقىلا يەنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرگەن ئەھۋاللارغىلا ئىشىنىڭ. ھەرگىز خاتالىشىپ >ئىشىنىش< بىلەن >پاكىت< نى ئارىلاشتۇرۇپ قويغۇچى بولماڭ.
ئېرىڭىزنىڭ ئۇن ئالغۇلۇق تېلېفونىنىڭ سىفىرىنى بىلەمسىز؟ ئەگەر بىلسىڭىز تىرناق ئىچىگە 2 نى يېزىڭ )〓(دېمەك. ئېرىڭىز ھازىرچە سىزگە سادىق ئىكەن.
ئېرىڭىز
ئۈن ئالغۇلۇق تېلېفونىغا قالدۇرۇلغان گەپلەرنى سىزدىن يوشۇرامدۇ - يوق؟ ئەگەر يوشۇرمىسا، تىرناق ئىچىگە 2 نى يېزىڭ)〓(
ئەگەر ئۇ سىزگە قارىتىپ تۇرۇپ، ئۈن ئالغۇلۇق تېلېفونىنى قويغان بولسا، ئۇنىڭدىن ناتونۇش بىر ئايالنىڭ ئاۋازى چىققاندا، ئۇ ئاۋازنى پەسلىتىۋەتكەن ھەتتا ئۆچۈرىۋەتكەن ئەھۋال كۆرۈنگەنمۇ يوق؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 5 نى يېزىڭ )〓(. باشقا ئاياللار قالدۇرغان سۆزلەرنى خوتۇنىدىن يوشۇرغان ئەرلەر چاتاق ئەرلەردۇر.
ئېرىڭىز پاھىشىۋازلىققا قارشى. شۇنداقمۇ؟ شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 1 نى يېزىڭ: )〓(. بىراق مۇشۇنداق دېگۈچى ئەرلەر تەپ تارتماستىن سىزگە يالغان ئېيتىدۇ.
ئېرىڭىز ئۆزىنىڭ ئىلگىرى مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ باققىنىنى ئېتىراپ قىلامدۇ - يوق؟ ئەگەر ئېتىراپ قىلسا، تىرناق ئىچىگە 5 نى يېزىڭ )〓(. ناۋادا ئېرىڭىز ئىلگىرى ئۆزىنىڭ بىر نەچچە قېتىم پاھىشىۋالىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلسا، ئۇ ھالدا ئۇنى كونا پاھىشىۋازكەن دەپ ھۆكۈم قىلىڭ، يۈزمۇ - يۈز سورىسىڭىز، ئۇلار ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدۇ.
ئۇ >قۇرۇق سۆلەت بەگزادە< دىكى رەسىملەرگە ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلامدۇ - يوق؟ ناۋادا ئۇ بۇنداق نەرسىلەرگە قىزىقمايمەن دېسە، تىرناق ئىچىگە 2 نى يېزىڭ )〓(. بۇنداق ئەرلەر ھېلىقىدەك رەسىملەرگە كۆزىنىڭ قىرىنىمۇ سېلىپ قويمايدۇ تاكى ئۇلار يالغۇز مۇنچىغا تىقىلىۋالغانغا قەدەر. شۇ چاغدىلا ئۇلار بۇ رەسىملەردىن ئۆزىگە تەسەللى ئىزدەيدۇ. بۇنداق ئەرلەردىن ئاياللار ھېيىقىدۇ. چۈنكى ئۇ كۆزلەر توختىماي پىرقىرايدۇ.
ئۇ بارغان سورۇنلاردا سەتەڭ ئاياللار بىلەن مۇڭدىشامدۇ؟ مۇشۇنداق قىلسا، تىرناق ئىچىگە 3 نى يېزىڭ )〓(. گەرچە ئۇ ئىقرار قىلمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقەتەن مۇشۇ ئاياللار بىلەن يېقىنلاشقۇسى، ھەتتا ئويناش قىلغۇسى بار ئىكەن.
ئۇ يېقىندا تونۇشۇپ قالغان بىرەر تۇل ئايالنى ماختاپ يۈرەمدۇ - يوق؟ يەنە تېخى >بىز ئۇنى پالانچىغا تونۇشتۇرۇپ قويساق قانداق< دېدىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق قىلسا، تىرناق ئىچىگە 3 نى يېزىڭ )〓(.
سىلەر بىر سورۇنغا داخىل بولغان چېغىڭلاردا، ئۇ سىزگە دىققەت قىلامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق قىلسا، تىرناق ئىچىگە 2 نى يېزىڭ )〓(. )نىيىتى بۇزۇق ئەرلەر ھەر ۋاقىت سېرىق ئاگاھلاندۇرۇش ھالىتىدە تۇرىدۇ(.
سىز ئۇنىڭغا سىزگە دېگەنلىرى بىلەن كۈندۈلۈك خاتىرە دەپتىرىگە يازغانلىرىنىڭ تامامەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىدىڭىزمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا تىرناق ئىچىگە 3 نى يېزىڭ )〓(.
سىز ئۇنىڭ خاتىرە دەپتىرىگە قەستەن يالغاندىن بىر نېمىلەرنى يېزىۋاتقانلىقىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئەگەر كۆرگەن بولسىڭىز، تىرناق ئىچىگە 5 نى يېزىڭ )〓(. ئۆزىنىڭ خاتىرە دەپتىرىگىمۇ ساختىپەزلىك قىلغان ئەرلەر قورقۇنۇچلۇق ئەرلەردۇر.
سىز ئىلگىرى ئۇنى ساداقەتسىزلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنەمدۇ - يوق دەپ سىناپ بېقىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنى ساداقەتسىزلىك قىلغانلىقىڭىزنى ئىقرار قىلغانمۇ قانداق؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسىڭىز تىرناق ئىچىگە 01 نى يېزىڭ )〓(. )ئاياللارنىڭ ساداقەتسزلىكنى قوبۇل قىلغان ئەرنى دۇرۇس ئەر دېگىلى بولمايدۇ(.
ئۇ ئىلگىرى مەن بۈگۈن كەچلىك غىزانى بىر >كەسپىي خادىم< بىلەن )مەسىلەن، ئادوۋكات، بانكىر قاتارلىقلار( بىللە يېمەكچى دېگەن گەپنى قىلغانمۇ؟ ئەگەر شۇنداق دېگەن بولسا تىرناق ئىچىگە 2 نى يېزىڭ )〓(.
ئېرىڭىز سىز بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بېرىشتا، بەزىدە يېڭى ئۇسۇللارنى قوللىنىشنى تەكلىپ قىلامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ پىشقان ماھارىتى سىزنى ھەيران قالدۇردىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 3 نى يېزىڭ )〓(.
ئېرىڭىزنىڭ قەۋەتلا زوقى كېلىدىغان بىر قىز دوستىڭىز سىزگە: ئېرىڭ نېمە دېگەن ئوبدان - ھە، سەن ھەقىقەتەن تەلەيلىك ئىكەنسەن دېگەنمىدى؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئېسىڭىزدە مەھكەم تۇتسىڭىزلا بولدى، تىرناق ئىچىگە يېزىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى بۇ ئېرىڭىزدىكى سەۋەنلىك بولۇشى ناتايىن.
ئېرىڭىز ئىلگىرى ئۇشتۇمتۇتلا بىر ئەر دوستۇم ئازراق قىيىنچىلىق تارتىپ قاپتۇ، ئۇ مەندىن جىددى ياردەم تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، دېگەنمىدى؟ ئەگەر شۇنداق دېگەن بولسا، تىرناق ئىچىگە 2 نى يېزىڭ)〓(.
ئېرىڭىز سىزگە: مەن تېلېفون بېرىپ پۈتۈن شەھەرنى قېزىۋەتكەن بولساممۇ، سەن بىلەن ئالاقىلىشالمىدىم دېگەن گەپنى قىلغانمىدى؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسا، تىرناق ئىچىگە 2 يېزىڭ )〓(.
ئۇ >بىر توپ خۇمپەرلەر بىلەن بىر كېچە بىللە بولغاندىن كېيىن<، ئۆيگە قايتىپ كېلىپ دەرھال مۇنچىغا چۈشكەنمۇ؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسا، تىرناق ئىچىگە 5 نى يېزىڭ )〓(. يېرىم كېچىدە مۇنچىغا چۈشىدىغان ئەرلەر ھەزەر ئەيلەشكە تېگىشلىك ئەرلەردۇر.
ئۆيۈڭلاردا ئېرىڭىز ھەمىشە قۇلۇپ سېلىپ قويىدىغان ئىشكاپ - ساندۇقلار بارمۇ؟ ئەگەر بار بولسا، تىرناق ئىچىگە 3 نى يېزىڭ )〓(.
ئېرىڭىزنىڭ سىز ئاچالمايدىغان بىخەتەرلىك ئىشكاپى بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، تىرناق ئىچىگە 1 نى يېزىڭ )〓(.
ئۇنىڭ ئېلېكترونلۇق خەت سانۇقىنىڭ مەخپىي سىفىرىنى سورىسىڭىز، ئەگەر ئېيتىپ بېرىشنى رەت قىلسا، تىرناق ئىچىگە 3 نى يېزىڭ )〓(.
ئۇ ھەپتىسىگە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق ئۆزىگە تەسەللى بېرەمدۇ؟ ئەگەر شۇنداق قىلسا، تىرناق ئىچىگە 3 نى يېزىڭ )〓(. )دائىم ئۆزىگە تەسەللى بېرىدىغان ئەرلەر، جىنسىي تۇرمۇشى كۆڭۈللۈك بولمىغان ئەرلەردۇر.(
ئەگەر ئۇنىڭ ئۆزىدە تەسەللى بېرىدىغان قېتىم سانى ئۇنچىلا كۆپ بولمىسا، ئۇنىڭ مۇنچىغا ياكى باشقا ئۆيلەرگە تىقىلىۋالىدىغان ۋاقتى زىيادە كۆپمۇ قانداق؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 5 نى يېزىڭ )〓(.
ئېرىڭىزنىڭ بىر توپ ئاتالمىش >مەنىۋى جەھەتتىكى< ئايال دوستلىرى بارمۇ - يوق؟ يەنە تېخى سىزنى ئۇلار بىلەن ئارىلىشىڭ، ئۇلارنى >چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز< دېدىمۇ؟ ئەگەر بار بولسا تىرناق ئىچىگە 4 نى يېزىڭ )〓(. بۇنداق ئەرلەر ناھايىتى قاپاقباش، مەككار تۈلكە ئىكەن.
ئەگەر ئۇنىڭ راستىنلا مۇشۇنداق ئايال دوستلىرى بار بولسا، ئۇ دائىم ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 5 نى يېزىڭ )〓(.
ئۇنىڭ تېلېفون دەپتىرىنى ئېچىپ كۆرۈپ، ئىچىدە فامىلىسى يېزىلمىغان بىر مۇنچە ئاياللارنىڭ ئىسىمى بار - يوقلىقىغا قاراڭ، ئەگەر بار بولسا، تىرناق ئىچىگە 3 نى يېزىڭ )〓(. )ناۋادا ئۇ سىزگە تېلېفون دەپتىرىنى كۆرسەتمىسە تىرناق ئىچىگە 5 نى يېزىڭ(.
ناۋادا ھەقىقەتەن بىر مۇنچە ئاياللارنىڭ ئىسىمى يېزىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ چاقىرغۇ نومۇرىنى يازغان - يازمىغانلىقىغا قاراڭ. ئەگەر يازغان بولسا، تىرناق ئىچىگە 5 نى يېزىڭ )〓(. )مەھبۇبلىرىنىڭ چاقىرغۇ نومۇرىنى خاتىرىلىۋالغان ئەر كىشى، جىنىسىي تەلىپى كۈچلۈك ئەر كىشىدۇر(.
ئېرىڭىز ئۇشتۇمتۇتلا بەدەن چىنىقتۇرۇشقا كىرىشىپ كەتتىمۇ قانداق؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسا، تىرناق ئىچىگە 2 نى يېزىڭ )〓(. )جىسىي تۇرمۇش جەھەتتە قانائەتچان ئەرلەر ئۆزىنىڭ پىگورىغا ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ(
سىلەر ماشىنا ھەيدەپ كېتۋاتقاندا، ناۋادا يولدا ئاستا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان بىر گۈزەل سىلەرگە قاراپ كۈلۈمسىرىسە، ئۇ ئېتىبار بېرەمدۇ - يوق؟ ئەگەر ئېتىبار بەرسە، بۇ نورمال ئەھۋال، ناۋادا ئۇ ھېچنىمىنى كۆرمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالسا، تىرناق ئىچىگە 3 نى يېزىڭ )〓(. بۇ خۇدۇكى بار ئەرلەرنىڭ قىلىقىدۇر.
سىز ئۇنىڭ سىزگە ئېيتىپ بەرگەن بەزى تارىخلىرىنىڭ بارا - بارا ئاشكارا بولۇشقا باشلىغان پاكىتلار بىلەن ئۇيغۇن كەلمەيۋاتقانلىقىنى بايقىدىڭىزمۇ - يوق ئەگەر شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 3 نى يېزىڭ )〓(.
)ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدە يالغان سۆزلىگەن ئەرلەرنىڭ ھازىرمۇ دۇرۇس ئەر بولۇشى ناتايىن(.
سىز تۇنچى قېتىم ئېرىڭىز بىلەن بىرەر جايدا ئۇچرىشىپ سۆيۈشكەندە، ئۇ ھەددىدىن ئېشىپ سىزگە چېقىلىشقا ئۇرۇندىمۇ - يوق؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 2ى يېزىڭ )〓(. دېمەك ئۇ ئىشتان بېغى بوش، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان ئەرلەردىن ئىكەن.
ناۋادا ئۇ ھېچقانداق ئىش قىلمىغان بولسا، تىرناق ئىچىگە 5 نى يېزىڭ )〓(.
سىلەر بىرىنچى كۈنى ئاخشىمى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزدۈڭلارمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 5 نى يېزىڭ )〓(. )ئاياللارنى ئوڭايلا كەلتۈرىۋالىدىغان ئەرلەر، تەجرىبىلىك ئەرلەردۇر(.
ئۇنىڭ يېقىن دوستى خوتۇنپۇرۇچ كىشىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇلارنىڭ پەزىلىتىگە باھا بەرگىلى بولىدۇ(.
ناۋادا ئۇنىڭ دوستى ئائىلىسىگە كۆيۈنىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى ئەھۋالىدىن رازى، قانائەتچان كىشى بولسا، تىرناق ئىچىگە 3 نى يېزىڭ )〓(.
ئېرىڭىز باشقا ئاياللارنىڭ تەن قۇرۇلۇشىغا بەكلا دىققەت قىلىدۇ ھەمدە سىزنىڭ فىگورىڭىزنىمۇ ئانچە يارىتىپ كەتمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا تىرناق ئىچىگە 1 نى يېزىڭ)〓(.
ئۇنىڭ يانفونى جىرىڭلىغاندا، سىز دائىم ئالسىڭىز قارشى تەرەپ دائىم تېلېفوننى ئۈزىۋېتەمدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 3 نى يېزىڭ )〓(.
مەلۇم بىر ئايالنىڭ ئىسىمى غىل - پاللا پەيدا بولۇپ، يەنە ئۆزىچە يوقالدىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 1 يېزىڭ )〓(.
ئېرىڭىز بەزىدە چاچلىرى پاخپايغان پېتى ئۆيگە قايتىپ كېلىدۇ، ئەمما سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 5 نى يېزىڭ )〓(.
سىلەر تۇنجى قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، ئۇ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى ئىشلەتكەنمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 01ى يېزىڭ )〓(.
ناۋادا بىرىنچى قېتىم ئىشلەتمىگەن بولسا، ئىككىنچى قېتىمچۇ؟ ئەگەر ئىشلەتكەن بولسا، تىرناق ئىچىگە 6ى يېزىڭ )〓(.
ئۇنىڭ چىرايلىق ئايال كاتىپى بارمۇ؟ قول ئاستىدا چىرايلىق خىزمەتداشلىرىچۇ؟ ئەگەر بار بولسا، تىرناق ئىچىگە 3 نى يېزىڭ )〓(.
سىز ئۇنىڭ ساداقەتمەنلىكىگە گۇمان قىلىپ، ئۇنى ئەيىپلىگەندە، ئۇ دەرغەزەپ بولۇپ چىچاڭشىپ كېتەمدۇ )شۇنداق بولسا، بۇ نورمال ئەھۋال(؟ ياكى سىزنى گۇمانخور دەپ مازاق قىلامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 2 نى يېزىڭ )〓(. )ئايالى ئۆزىنى ئەيىپلەۋاتقان چاغدىمۇ، قىلچە ئۇيالماي خوتۇنىنى مازاق قىلغان ئەرلەر خوتۇنىنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئەرلەردۇر(.
سىز بالا باققۇچى تاپماقچى بولغاندا، ئېرىڭىز 20 ياش ئەتراپىدىكى قىز بالىدىن بىرنى تاپايلى دەپ تۇرىۋالامدۇ - يوق؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 5 نى يېزىڭ )〓(.
سىلەرنىڭ بالاڭلار يوق تۇرۇقلۇق، ئۇ يەنىلا ئىشلەمچى قىزدىن بىرنى ئالايلى دەپ تۇرىۋالغان بولسا، تىرناق ئىچىگە 10 نى يېزىڭ)〓(.
ئېرىڭىز ئەتراپتىكى قايسى تۈرلۈك ماللار شىركىتىدە ئاياللار كىيىم - كېچەكلىرىگە نىسبەتەن خەۋەرداردەك قىلىدۇ؟ ئەگەر خەۋىرى بولسا، تىرناق ئىچىگە 1 نى يېزىڭ )〓(.
مەلۇم تۈرلۈك ماللار شىركىتىدە ئاياللار كىيىم - كېچەكلىرى بۆلۈمىدىكى ئايال پىركازچىك ئېرىڭىزنى تونۇيدىكەنۇ، سىزنى تونۇماي قالامدۇ؟ شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 5 نى يېزىڭ )〓(.
ئېرىڭىز ھازىر سىزنى سىلەر دائىم بېرىپ تۇرىدىغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئاپارمايدىغان بولۇپ قالدى - شۇنداقمۇ؟ شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 2 نى يېزىڭ )〓(.
ئېرىڭىز مودىللار شىركىتىدە ئىشلەمدۇ ياكى مودا كىيىملەر ژۇرنىلىدىمۇ؟ ۋە ياكى دائىم قىپيالىڭاچ ئاياللارنى ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان باشقا بىرەر ئورۇنلاردا ئىشلەمدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 10 نى يېزىڭ )〓(.
ئۇ ھۆسۈن تۈزەش ئورنىدا خىزمەت قىلامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 5 نى يېزىڭ )〓(.
تۈرلۈك ماللار شىركىتىنىڭ گىرىم بۇيۇملىرى، ئەتىر سېتىش بۆلۈمىدە ئىشلەمدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 5 نى يېزىڭ )〓(
ئۇنىڭ سىزنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئىستىكى كۈچىيىشكە باشلاپ، سىزنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشىڭىزدىن گۇمانسىرايدىغان بولۇپ قالدى، شۇنداقمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا تىرناق ئىچىگە 3 نى يېزىڭ )〓(.
ئۇ خىزمەتكە بېرىشتىن بۇرۇن، ئۆزىگە ئادەتتىكى چاغلاردىن جىقراق ئەتىر چاچامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 2 نى يېزىڭ )〓(. )ئۆزىگە ئەتىر چېچىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئەرلەر، ئاياللارنى جەلب قىلىش، غەيرى سېزىم پەيدا قىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەرلەردۇر(.
ئۇ ئۆزىنىڭ كاماندۇرۇپكىغا بارماقچى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى، ئەمما بارىدىغان جاي ۋە ئورۇنلارشماقچى بولغان مېھمانخانىنىڭ تېخى بېكىتىلمىگەنلىكىنى ئېيتتى )ئۇ بېكىتكەن چاغدا سىزگە ئۇقتۇرماقچى بولدى(، شۇنداقمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 5 نى يېزىڭ )〓(.
ئۇ يېقىندا سىزنىڭ ياردىمىڭىزنى تەلەپ قىلمايلا، ئۆزىنىڭ كىرلىرىنى ئۆزى يۈيۇپ كەتتىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا تىرناق ئىچىگە 5 نى يېزىڭ )〓(.
ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئەرمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 5 نى يېزىڭ )〓(. )ئايال ياردەمچى ئىشلەتمەي، ئەر ياردەمچى ئىشلەتكۈچىلەر، جىنسىيەتكە ئەمەس، ئىش ئۈنۈمىگە كۆڭۈل بۆلگۈچىلەردۇر.(
ئېرىڭىز قوش ئىسمىنا ئىشلەيمەن دەپ، شىركەتتىن ئۆيگە قايتمىغىلى ئىككى ھەپتىدىن ئاشتىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا تىرناق ئىچىگە 3 نى يېزىڭ )〓(. )خىزمەتنى باھانە قىلىپ ئۆيگە قايتمايدىغان ئەرلەر، كۆپ ھاللاردا شىرىن مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتقان ئەرلەردۇر.(
ئېرىڭىز ئېيىغا قانچە قېتىم يىغىن بار دەپ، قاق سەھەردە ئىشىغا كېتەمدۇ )سەھەر 6 لەردە(؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 3 نى يېزىڭ )〓(. )بەك سەھەردە ئىشقا چۈشۈشتىن بەك بۇرۇن ئىشقا ماڭىدىغان ئادەملەرنىڭ بەزىسى سەھەردە بۇزۇقچىلىق قىلىشقا ئادەتلەنگەنلەردۇر، چۈنكى بۇ چاغدا ئاياللىرى تېخى شىرىن ئۇيقۇدا بولىدۇ(
ئۇ خىزمەتكە بېرىشنىڭ ئالدى - كەينىدە ھېچقانداق پايدىسىنى كۆرمىسىمۇ >چېنىقىش ئۆيى< گە كىرىدىغان بولۇپ قالىدىمۇ، قانداق؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 2 نى يېزىڭ )〓(. )ئادەتتە چېنىقمايدىغان بىر ئەر تۇيۇقسىزلا چېنىقىشقا ئالاھىدە قىزىقىپ قالسا، بۇ ئەرنىڭ تەن قۇرۇلۇشى جەھەتتىن كېتىپ قالغانلىقىنى، ياكى بولمىسا - بىرسى بىلەن ئىچ - پەش تارتىشىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.(
ئېرىڭىزنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيدىغان مەلۇم بىر ئايال ئېرىڭىزنى ئىزدەپ ئۆيىڭىزگە تېلېفون بەردى، قارىماققا شىركەتنىڭ ئىشى ئۈچۈن بەرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما بىر - ئىككى مىنۇتلا پاراڭلىشىپ تېلېفوننى قويۇپ قويدى، شۇنداقمۇ؟ ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بولغان بولسا، تىرناق ئىچىگە 3 نى يېزىڭ )〓(، )ئاياللار تەپ تارماستىن ئەر باشلىقىنىڭ ئۆيىگە تېلېفون ئۇرغان بولسا، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئادەتتىكى مۇناسىۋەت ئەمەس(
ئۇ گاھىدا ئاشۇ >بۇرادەرلىرى<بىلەن چىقىپ كېتىپ، يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا ئاندىن قايتىپ كېلەمدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، تىرناق ئىچىگە 3 يېزىڭ )(. )ئابدالدەك يەتتە كېچىگىچە تالادا يۈرىدىغان ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىرەسى بىلەن ئويناش ئۈچۈن پۇرسەت تاپقانلار بولىشى مۇمكىن(.
ئەگەر ئالغان نومۇرىڭىز 0 دىن 30 گىچە ئارىلىقتا بولسا، دېمەك سىز بىخەتەر ھالەتتە ياشاۋېتىپسىز.
ئېرىڭىز سىزگە سادەقەتمەن ئىكەن، سىزنى چەكسىز سۆيىدىكەن، ياخشى خەۋەر: ئۇ جەلپكار ئەمەس ئىكەن، شۇڭا ئۇنى سىزدىن باشقا ئاياللار ياراتمايدىكەن، يامان خەۋەر: بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، سىزمۇ شۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
ئەگەر ئالغان نومۇرىڭىز 30 دىن 50 گىچە بولغان ئارىلىقتا بولسا: >مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ< دېگۈندەك، ئۇ بىرەر يېڭى ھەم شېرىن نەرسىلەرنىڭ تەمىنى تېتىپ قالسا، ھاياجانلىنىپ ھۇشىنى يوقىتىپ قويىدىغان تەنتەك ئەر ئىكەن سىز ھەر ۋاقىت ھۇشيار تۇرسىڭىز بولغۇدەك.
ئەگەر ئالغان نومۇرىڭىز 50 دىن 100 گىچە بولغان ئارىلىقتا بولسا: ئۇنىڭ ئەخلاقسىز جىنىسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تېپىۋالسىز، شۇڭا ھەر زامان قاتتىق ھۇشيار بولۇڭ.