باشقۇرغۇچى ئەسكەرتمىسى:
本帖被 UyMuglaN 设置为精华(2009-03-03)
بالىنىڭ قورسىقى تويۇپ، رازى بولغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟
نۇرغۇنلىغان ئانىلار بالىلىرىنىڭ تولۇق ئېمەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيدۇ، قانداق قىلغاندا بالىنىڭ تويغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ؟ بۇ نۇرغۇنلىغان ئانىلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىغان مەسىلە. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئەمدىلا تۇغۇلغان بالىلار بىلەن بۇ توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرالمايمىز، بىراق بىز باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپالايمىز.
1. بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى. بەدەن ئېغىرلىقى بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى بىلىشتىكى ئەڭ روشەن ئۆلچەملەرنىڭ بىرى، نورمال بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر ھەپتىدە 110 - 200 گرام ياكى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بىر ئاي ئىچىدە 450 گرام ئېغىرلىق قوشۇلىدۇ. تۇنجى قېتىم ئانا بولغانلار بالىسىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئاشقان - ئاشمىغانلىقىغا ناھايىتى تەستە ھۆكۈم قىلىدۇ. شۇڭا، دوختۇر يېڭى تۇغۇلغان ھەربىر بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچىتىپ، بوۋاقنى بەلگىلىك ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا ئەكىرىپ ئېغىرلىقنى ئۆلچەپ، ئاندىن بالىنىڭ ئېغىرلىقى بويىچە ئېمىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئادەتتە، ئانا سۈتى بىلەن بېقىپ ئىككى ئايدىن كېيىن ئىشىغا ئىنچىكە بولغان ئانىلار بالىسىنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن بالىسىنىڭ يېتەرلىك ئەمگەن - ئەممىگەنلىكىنى بىلىۋالالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بىرقانچە ئايدا بالىدىكى ئۆزگىرىش ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، بۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەندىزىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىز دائىم دوختۇرلارنىڭ >فىزىئولوگىيە جەھەتتە بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈش< دېگىنىنى ئاڭلايمىز، بۇ بالا تۇغۇلۇپ ئۈچ - تۆت ئاي ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈپ كېتىش بولۇپ، ئاساسلىقى سۇ مۇلېكۇلىلىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تارقىلىشى بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى يېڭى تۇغۇلغان ۋاقتىدىكىدىن 5%~7% كىچە كام چىقىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئانا سۈتى بىلەن بېقىش مۇۋاپىق بولسا، ئەمگۈسى كەلگەندە ئېمىتىشتىن بىر ئاز ياخشى بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى كېمەيمەسلىكى كېرەك.
2. ئېمىتىش ۋاقتى. ئېمىتىش ۋاقتىمۇ بالىنىڭ تويغان - تويمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى دەلىل. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر ئانىنىڭ سۈتى تولۇق بولسا، سۈت تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق مىقدارىمۇ تولۇق بولىدۇ. ئۇنداقتا ئىككى ئايلىقتىن بەش ئايلىققىچە بولغان بالىلار ئون مىنۇتتىن 15 مىنۇت ئەتراپىغىچە ئەمسە مۇۋاپىق بولىدۇ، ئەمگەن ۋاقىتتا ئانا چوقۇم بالىنىڭ سۈتىنى يۇتۇۋاتقان ۋاقىتتىكى ئاۋازنى ئاڭلىشى كېرەك. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن بالىنىڭ تويغان - تويمىغانلىقىنى ئۇققىلى بولىدۇ، بالا ئادەتتە ئېمىپ بولغاندىن كېيىن ئىككى - ئۈچ سائەت ئۇخلايدۇ. ئەگەر بالا بىر تەرەپتىن ئېمىپ، بىر تەرەپتىن ئۇخلىسا، ئانىلار چوقۇم بالىنى ئويغىتىپ، داۋاملىق ئېمىتىشى كېرەك.
3. تەرەت لاتىسى ۋە سۈيدۈك. يېتەرلىك ئەمگەن بالىلار تۇغۇلۇپ تۆت كۈندىن كېيىن ھەر كۈنى تۆت قېتىمدىن ئالتە قېتىمغىچە تەرەت لاتىسىنى ئالماشتۇرغۇزىدۇ، بىر قېتىمدا تەخمىنەن ئىككى قوشۇق ئەتراپىدا سىيىدۇ. ئېيىغا توشقاندىن كېيىن بىر قېتىمدا تۆت - بەش قوشۇق ئەتراپىدا سىيىدۇ، سۈيدۈكنىڭ رەڭگىمۇ بارغانسېرى بالىنىڭ يېتەرلىك ئەمگەن - ئەممىگەنلىكىنى، سۈت تەركىبىدىكى سۈتنىڭ بەدەن ئېھتىياجىنى قامدىيالايدىغان - قامدىيالمايدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. سۈيدۈك رەڭگى سۇس ياكى سۇنىڭ رەڭگىدە بولسا، بالىنىڭ يېتەرلىك سۈت قوبۇل قىلغانلىقىنى، قويۇقراق ياكى سېرىق ئالمىىڭ رەڭگىدىرەك بولسا، بالىنىڭ يېتەرلىك سۈتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
4. چوڭ تەرەتنىڭ قېتىم سانى ۋە ئالاھىدىلىكى. نورمال بالىلارنىڭ چوڭ تەرىتى خالىغان ۋاقىتتا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بۇ خىل ئۆزگىرىش نورمال. بالا ئەمدىلا تۇغۇلغان بىرقانچە كۈن ئىچىدە، بالىنىڭ تەرىتى قارامتۇل رەڭدە بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى تەرەت ھامىلە تەرىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ھامىلە ۋاقىتتىكى ئۈچەيدە ساقلانغان كېرەكسىز ماددىلار بولۇپ، ئانا سۈتى بىلەن باققاندا ھامىلە تەرىتىنىڭ ئاجرىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ھامىلە تەرىتىنىڭ چىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، سۈتمۇ كۆپىيىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ چوڭ تەرىتى ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ، تۇغۇلۇپ تۆت كۈندىن يەتتە كۈنگىچە سۇس قوڭۇر رەڭ ھالىتىدىكى چوڭ تەرەت كېلىدۇ، بۇ >سۈت ئوغۇتلىرى< دېيىلىدۇ. سۈيدۈكنىڭ قويۇقلۇقىمۇ بالىنىڭ يېتەرلىك قوبۇل قىلغان - قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، چوڭ تەرەتنىڭ رەڭگى سۈتنىڭ سۈپىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بىرىنچى ھەپتىدىن تۆتىنچى ھەپتىگىچە سۈتنى يېتەرلىك قوبۇل قىلغان بالىلار بىر كۈندە ئىككى - ئۈچ قېتىم چوڭ تەرەت قىلىدۇ، بىر - ئىككى ئايدىن كېيىن چوڭ تەرەت قىلىش سانىمۇ بارغانسېرى ئازلاپ، بىر كۈندە بىر قېتىم چوڭ تەرەت قىلىدۇ.
5. بالىنى ئېمىتىشتىن ئىلگىرى، كېيىنكى ئانا كۆكسىنىڭ سەزگۈسى. بۇمۇ بالىنىڭ ئانا سۈتىنى تولۇق قوبۇل قىلغان - قىلمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى بىر ئۆلچەم. ئېمىتىشتىن ئىلگىرى ئانا دائىم كۆكسىنىڭ چىڭقالغانلىقىنى، ئېمىتىپ بولغاندىن كېيىن بوشىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بالىنىڭ ئەمگەك ۋاقىتتىكى سۈتنىڭ چىقىش ئەھۋالىمۇ ئانىنىڭ بالىنى ئېمىتىشنى ھېس قىلىشىدىكى ئۆلچەم. بالىنىڭ ئەمگەن ۋاقىتتىكى يۇتۇش ئاۋازىنى ئاڭلاپ، سۈتنىڭ كېلىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان غىدىقلىنىشنى ھېس قىلىپ، بالىنىڭ قانائەتلەنگەن چىرايىغا قاراپ، بالىنىڭ ئېمىپ بولغاندىن كېيىنكى تاتلىق ئۇيقۇسىغا قاراپ، بالىنىڭ تويغان - تويمىغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.