ئەركىنلىك ياشىسۇن!!!
دەرىجە: باش ۋەزىر
UID: 59
نادىر تىمام: 111
يازمام: 9277
شۆھرىتى: 35030 نومۇر
پۇلى: 484227 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان : 2008-03-12
ئاخىرقى قېتىم: 2009-04-02

 نورۇز كەلگۈچە بۇنى ئوقۇپ تۇرۇڭ.

باشقۇرغۇچى ئەسكەرتمىسى: 本帖被 UyMuglaN 执行置顶操作(2009-03-17)
نورۇز - ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قۇتلۇق، ئەڭ چوڭ، ئەڭ زور تەنتەنە بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان قەدىمكى يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ، شەمسىيە (كۈن) كالېندارى بويىچە يىل ئاخىرلىشىپ يېڭى يىل كىرگەن كۈنى، مىلادى كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 
<نورۇز> ئۇيغۇرچە <يېڭى كۈن> يەنى <يىل يىڭىلانغان كۈن> دېگەن سۆز - تارىختا پارسلار (ئىرانلىقلار) بىلەن بولغان دىنىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قويۇقلىشىشى بىلەن كېلىپ چىققان <پارس تىلى قىزغىنلىقى> ئارقىسىدا تىلىمىزدىكى <يېڭى كۈن> دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئورنىدا پارسچە <نەۋرۇز> سۆزى قوللىنىدىغان بولغان. < نەۋرۇز> ئىستېمال جەريانىدا تەدرىجىي تاۋۇش ئۆزگىرىشى يۈز بېرىشى بىلەن <نورۇز> شەكلىگە كەلگەن. 
يېڭى يىل ئۆتكۈزۈش ئادىتى بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسسىسى سۈپىتىدە دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگەندەك ئومۇملۇققا ئىگە بىر ئادەت. مەلۇمكى، ھەر قانداق بىر مەدەنىيەت ھادىسسىسى ئەزەلدىنلا ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىش  ۋە تارقىتىلىشتىن خالىي بولغان ئەمەس. ئەمما ئۇنىڭ مەلۇم بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇشىدا ئادەت بولۇپ شەكىللىنىش تارىخىي جەريانىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى ياكى قىسمەن ئوخشاپ كېتىدىغان ئامىللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋاقتى، شەكلى، مەزمۇنىمۇ ھەر خىل بولىدۇ ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس پىسخولوگىيىلىك پائالىيەت شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئەجداردلىرىمىز بولسا، يېڭى يىلنى (مىلادى) 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۆتكۈزۈپ ئادەتلەنگەن. 
مەلۇمكى ئەجدادلىرىمىز دۇنيادىكى قەدىمكى تارىخىي رايونلارنىڭ بىرى بولغان ۋەتىنىمىز جۇڭگونىڭ شىمالىي ۋە غەربىي شىمالىي قىسىمىدا ياشىغان. ئۇرۇق، قەبىلە - ئايماقلار بويىچە ئۇزۇن بىر مۇددەت ئوۋچىلىق، كۆچمەنلىك، قوشۇمچە قىسمەن دېھقانچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان. بۇ جۇغراپىيىۋى شارائىتى مۇرەككەپ، قىشلىقى قار - مۇز دۇنياسىغا ئايلىنىدىغان رايونلاردىن بولغاچقا، ئەجدادلىرىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا كۆڭۈلسىز ئۇلىشىش ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. ئۇلار تەكرار ئەمەلىيىتىدە 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كۈن بىلەن تۈننىڭ تەڭلىشىپ يىل - پەسىلدە، جۈملىدىن پۈتۈن كائىناتتىكى شەيئىلەردە يېڭى باشلىنىش بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. دېمەك، باھار پەسلىگە ئۇلىشىپ جېنى ياشارغان ئەجدادلىرىمىز قايتىدىن ئوۋغا چىقىش، مال - ۋارانلىرىنى يايلاققا كۆچۈرۈش، تېرىلغۇ قىلىش ئالدىدا ھەممە ئىش - ئوقىتىگە ئوڭۇشلۇق، بەرىكەت، تۇرمۇشىغا باياشاتلىق تىلەپ (ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق) بۇ ھاياتى بەخىش باھارىنىڭ باشلانغان كۈنىنى تەنتەنە قىلىپ ئادەتلەنگەن. مۇناسىۋەتلىك تارىخىي خاتىرىلەر ۋە خەلق ئىچىدىكى رىۋايەتلەرمۇ <نورۇز> نىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمىمىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. 
تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن تارىجشۇناس خۇيلىن <مۇزىكا تەپسىرى> دېگەن ئەسىرىدە <نۇرۇز بايرىمى> توغرىسىدا توختىلىپ، بايرام ۋاقتىدا <ئارغىماق ئۇسۇلى>، <سالما تاشلاش ئۇسۇلى>، <سۇ - مۇز ئۇسۇلى> قاتارلىق نىقابلىق ئويۇنلار ئوينىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. بۇددا ئالىمى قەشقەرلىك ئۇيلاننىڭ (762 - 820) <نوم سۆزلۈكلىرىنىڭ شەرھى> دېگەن ئەسىرىدە <سۇ - مۇز> غەربىي يۇرت ئۇيغۇرلىرىنىڭ سۆزى دەپ شەرھىيلەنگەن. شاڭدا ئەپەندىنىڭ <تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي دىيار ۋە چاڭئەن مەدەنىيىتى> دېگەن ئەسىرىدە <نورۇز> پائالىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا <سۇ - مۇز> ئەسلى <غۇر (胡语)تىلى> دەپ قەيت قىلىنغان. روشەنكى بۇ ئىككى ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان <يەرلىك تىل> ۋە <غۇر تىلى> ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى كۆرسىتىدۇ. لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە 90 ياشتىن ھالقىغان پېشقەدەم مۇنەججىملەرنىڭ بوۋىلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىنى رىۋايەت قىلىشىچە لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا بۇرۇنقى زامانلاردا <يىل> (رىۋايەت قىلغۇچى <ئىل> تەلەپپۇز قىلىدۇ) دېگەن مەرەم بولغانىكەن. بۇ مەرەم ھەر يىلى دەريالاردا كۆمەل (مۇز پارچىلىرى) كەتكەن كۈنلەردە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. گەرچە بۇ رىۋايەتتە ۋاقىت ئۇقۇمى ئېنىق بولمىسىمۇ، <كۆمەل كەتكەندە> دە دېگەن ئىبارىدىن ئۇنىڭ باھار يېتىپ كەلگەندە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. 
تامامەن ئوۋچى، كۆچمەن قوۋملارنىڭ تۇرمۇشى، پىسخولوگىيىلىك پائالىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇ ئويۇنلارنىڭ <سۇ - مۇز ئويۇنى> دەپ ئاتىلىشىدىن ئەجدادلىرىمىز سۇنى باھارغا، مۇزنى زېمىستان قىشقا سىمۋول قىلىپ ئويۇن ئويناش ئارقىلىق باھارنى قارشى ئېلىش ئادىتىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى تارىختىن بۇرۇنلا شەكىللىنىپ، داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىىن دېرەك بېرىدۇ. 
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان <نورۇز> پائالىيەتلىرى گەرچە بىزنىڭ دەۋرىمىزگە ئەينەن يېتىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئويۇنلاردىكى باھار مۇناسىۋىتى بىلەن كىشىلەردە پەيدا بولغان مەنىۋى خۇشاللىق قاتارلىق ئىجتىمائىي مەزمۇنلار ۋە دەبدەبىلىك، جۇشقۇن پائالىيەتلەر يەنىلا بىزنىڭ دەۋرىمىزگە داۋاملىشىپ كەلگەن. بۇ تۆۋەندىكى نورۇز قوشاقلىرى ۋە پائالىيەتلىرىدە تولۇق ئىپادىلەنگەن: 
نورۇز كەلدى جاھانغا، باھار بولۇر كۈندۈر بۈگۈن، 
دەرەخلەرگە سۇ يۈگۈرۈپ، بىخ ئۇرار كۈندۇر بۈگۈن،
دېھقانلار قوش ھەيدەپ، ئۇرۇق سالۇر كۈندۇر بۈگۈن، 
ئىش بېشى سائەت كۈنى، ئامبار تولار كۈندۇر بۈگۈن، 
كەلدى نورۇز يىل باشى، كەتتى كۆڭۈل چىركىنى، 
نورۇز دىبان كېلۇرلەر خاتۇنلارنىڭ تۈركىنى، 
گۈللەر قىسىپ قىز - ئوغۇل، ئەگرى قويار بۇكۈنى،
مېلىس قىلىپ ئويناشۇر، قاچۇر كۆڭۈل مۈلكىنى. 
شاتىۋان تون كېيىنىپ، جۇۋا - تۇماقنى تاشلىدۇق، 
كوكۇلچىلىكتە ئولتۇرۇپ، نەغمە - ناۋا باشلىدۇ. 
بەيگە - ئوغلاق ئالىپ مەشرەپ قىلۇر كۈندۈر بۈگۈن، 
قايغۇ - ھەسرەتلەر كېتىپ يايرا شۇر كۈندۇر بۈگۈن. 
كەلدى نورۇز يىل باشى ئەلدە تاماشا ئارىلاش، 
بولدىلار راھەت جاھان، يوق بولدى جاپا ئارىلاش، 
كوچىدا قىلدى گاداي، شاھلار تاماشا ئارىلاش، 
ئوينىدى پوڭزەك ئوغۇل، لەگلەكنى قىزلار ئارىلاش،
بارچە خۇشلۇق يېتىپ كەلدى تاماشالار كۆپ بۈگۈن. 
بۇ قوشاقلاردا باھاردىن ئىبارەت يىل، پەسىل، كۈندە يېڭىلىنىش باشلىنىپ كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەرگە ھاياتىي بەخش بۇ كۈننىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن تەبىئەتتىكى ئويغىنىش، كىشىلەردە پەيدا بولغان زور مەنىۋى خۇشاللىق ۋە دەبدەبىلىك، جۇشقۇن ئىجتىمائىي كەيپىيات كۈيلەنگەن. 
نورۇز كەلدى يىل باشى، يوقتۇر ئانىنىڭ تەڭدىشى، 
نورۇز كۈنىدىن ئىپتىدا قىلسا ئىشى ، 
ھېچ زايا كەتمەس، ئۇشبۇ كۈن قىلغان ئىشى،
مۇرادى ھاسىل بولۇپ مەقسىتىگە يېتەر كىشى، 
ھەممە ئىشنىڭ ئەۋزىلى، غايەت مۇبارەكتۇر بۈگۈن. 
كەلدى نورۇز يىت سېلىڭ، سويغان قوينىڭ يېغىدا، 
مېھمانلارنى چاقىرىڭ، ئولتۇرغۇزۇڭ ئايۋاندا
نازۇ - نېمەتلەر تولدۇرۇڭ، مېھمانلارنىڭ ئالدىغا، 
ئاشلىرىڭ ئوبدان بولۇر، ئىش ئىپتىدا كۈندۇر بۈگۈن.
كەلدى نورۇز يىل باشى، كۆپ سائادەتتۇر بۈگۈن، 
نورۇز قىلماق كۆپكە ئادەتتۇر بۈگۈن، 
تەجرىبە قىلساڭ ئەگەر، كۆپ ئالامەتتۇر بۈگۈن.  
ئۆيدىن - ئۆيگە ھېيتلىشىپ مېھمان بولۇر كۈندۈز بۈگۈن. 
بۇ قوشاقلاردا <نورۇز> نىڭ ئۇيغۇرلاردىكى <ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈن، ياخشى سائەتتە باشلانغان ئىش راۋاج تاپىدۇ>، <يىل قانداق باشلانسا، شۇنداق ئاخىرلىشىدۇ> دېگەن ئەقىدىسىنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكى، بۇ كۈننى نەقەدەر ئۇلۇغلاپ خۇشال - خورام قارشى ئالىدىغانلىقى ۋە ئەجدادلىرىمىزدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مېھماندوست ئادەت گەۋدىلەندۈرۈلگەن. 
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا <نورۇز بايرىمى> نى ئۆتكۈزۈش بويىچە دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئادەت - قائىدىلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 
تەييارلىق كۆرۈش: نورۇزنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن يۇرت - مەھەللىلەر بويىچە چوڭ تازىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەر بىر ئائىلە ئۆي، تام - تۇرۇس، ھويلا - ئاراملىرىنى سىرىپ - سۇپۈرۈپ، كىگىز - بىساتلىرىنى قېقىپ كىر - قاتلىرىنى يۇيىدۇ. شەخسلەر يۇيۇنۇپ، تارىنىپ، چاچلىرىنى ئالدۇرۇپ، ساقال - بۇرۇتلىرىنى ياسىتىپ، پاكىز كىيىنىدۇ. بولۇپمۇ ياش جۇۋان - چوكان، ئوغۇل - قىزلار، ئۆسمۈرلەر مەخسۇس يېڭى ئۈستىباش ھازىرلايدۇ. كوچا - يوللار پاكىز تازىلىنىپ گۈزەل مۇھىت يارىتىلىدۇ. بۇ نورۇز قوشاقلىرىدا مۇنداق كۈيلەنگەن.
كىگىزلەرنى قېقىشتۇرۇپ، ئۆيلەرنى قىلغىن يورۇق، 
بۇلۇڭلاردا قالمىسۇن پايتىما ئەسكى چورۇق، 
بولسۇن مۇھىت پاكىز، ئەخلەت - چاۋادىن ئەسەر يوق، 
كەلسە مېھمانلار كۆرۈپ، كۆڭۈللىرى بولسۇن ئوچۇق، 
بەھۇزۇر كەيىپ سۈرۈپ، يايرىسۇن مېھمان بۇ كۈن. 
بۇندىن باشقا <نورۇز ئېشى> نىڭ ئامادىلىرى تەقلىنىدۇ ۋە <نورۇز سۈيى> (ھەپتە سالام سۈيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھازىرلىنىدۇ. <نورۇز ئېشى> بۇرۇن بۇغداي، ئارپا، قوناق، نوقۇت، گۈرۈچ، ماش، تېرىقتىن ئىبارەت يەتتە قىل دان بىلەن جىگدە قوشۇپ (ئارىلاشما كۈچە) ئېتىلىدىكەن. كېيىنچە بۇغداي كۈجىسى ئېتىلىدىغان بولغان. شۇنىڭدەك <نورۇز سۈيى> چىلان، جىگدە، شاپتول قېقى (ئومۇمەن مېۋە قاقلىرىدىن بىر خىل قاق سېلىنىدۇ) گۆش، قوينىڭ چوقىسى، سامساق، سىركە قاتارلىق يەتتە خىل نەرسىنىڭ چىلانمىسىدىن ھازىرلىنىدۇ. يەنە خەلق ئىچىدىكى سەنئەتكارلار، داستانچىلار، مەدداھلار، چەۋەندازلار، پوڭزەكچىلەر، دارۋازلار... ئۆز ماھارەتلىرىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلىق كۆرۈشىدۇ. 
بايرام پائالىيىتى: نورۇز پائالىيىتى ھەر قايسى جايلاردا شاد - خۇراملىق ئاساس قىلىنغان ھەر خىل شەكىللەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ. كۆپنچە جايلاردا بىر يۇرت ياكى بىر مەھەللىنى ئاساس قىلغان ھالدا كۆپچىلىك شۇ جايدىكى سەيلىگاھ ياكى تاغ - دەريا بويلىدىكى ھاۋالىق جايلارغا بېرىپ جاي تۇتۇپ، سورۇن تۈزۈپ نورۇز پائالىيىتىنى باشلايدۇ. نورۇز پائالىيىتى سورۇن تۈزۈپ نورۇز پائالىيىتىنى باشلايدۇ. نورۇز پائالىيىتى ئەتىدىن كەچكىچە، بەزى جايلاردا بىر نەچچە كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ. 
نورۇز كۈنى ئالدى بىلەن مەھەللە ئىچىدە ھېيىتلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. كىشىلەر بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ ئۆيمۇ ئۆي يۈرۈپ ھېيىتلاپ، <نورۇز سۈيى> ئىچىشىپ ئۆز ئارا مۇبارەكلىشىدۇ. ئاندىن كېيىن پۈتۈن يۇرت - تۆگە، كالا، قوتاز، ئېشەك قاتارلىق ئۇلاغلار بىلەن خۇددى كۆچكەن قۇشقا ئوخشاش قازان - قومۇچ، كىگىز - بىساتلاردىن تارتىپ ئېلىپ چىقىپ چېدىر - سايىۋەن، كەپە - ساتمىلارنى تىكلەيدۇ. ئاشپەز، ناۋاي، قاسساپ، سودىگەر - يايمىچى قاتارلىق ئوقەتچىلەرمۇ چىقىپ دۇكان - يايما ئېچىپ بۇ سەھرايى دالاغا ئاۋاتچىلىق بەخش ئېتىدۇ. <نورۇز خادىملىرى> بىر چەتتە داش قازانلارنى ئېسىپ <نورۇز ئېشى> ھازىرلاش بىلەن شۇغۇللانسا، نورۇز سەيلىسىگە چىققان ئائىلىلەرمۇ ئۆز كەپە - ساتمىلىرىدا قازان - قومۇچلىرىنى ئېسىپ قۇدرەتلىرىنىڭ يېتىشىچە نورۇزغا ئاتاپ خالىغان بىر خىل تاماق ئېتىش بىلەن بەنت بولىدۇ. 
<نورۇز ئېشى> تەييار بولۇشىغا بىر جاكا بىلەن نورۇز مۇراسىمى باشلىنىدۇ: كۆپچىلىك ئوتتۇرىدىكى ئوتتۇرىدىكى بوشلۇقتا چەمبەرسىمان كەڭ سورۇن ھاسىل قىلىپ، دەرىجە، مەرتىۋە ئايرىماي نۆۋىتى كەلگەن يەردىن ئورۇن تۇتۇپ ئولتۇرىدۇ. سورۇننىڭ بىر چېتىدىن ئىشىك ئورنىدا مەلۇم كەڭلىكتە بوشلۇق قالدۇرۇلىدۇ. سورۇن تۈزۈلۈپ بولۇشىغا شۇ <ئىشىك> ئارقىلىق چىنە، چۆچەك - ھىجىرلاردا نورۇز ئېشى تارتىلىدۇ. كۆپچىلىك نورۇز ئېشىغا ئېغىز تەگكۈزۈپ بولۇشى بىلەن ئائىلىلەر بويىچە نورۇزغا ئاتاپ ئېتىلگەن غىزا - تائاملار ئارقا - ئارقىدىن ئېلىپ كېلىنىپ بىر ۋاقتىدىن كۆپچىلىك ئالدىغا قويىلىدۇ. بۇ غىزا - تائاملارنىڭ ئېسىل ياكى ئاددىي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كىمنىڭ ئالدىغا قانداق خىلدىكىسى توغرا كەلسە، شۇ قويۇلىدۇ. ھەر قانداق ئادەم تاللىمايدۇ ۋە تاللىماسلىقى شەرت قويۇلىدۇ. تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن ئادەت بويىچە كۆپچىلىك بىردەك قول كۆتۈرۈپ، سۇ - يامغۇرنىڭ موللۇقىنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا بەرىكەت، نەرخ - ھاۋاغا ئەرزانلىق تىلەپ دۇئا قىلىدۇ ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا بەرىكەت، نەرخ - ھاۋاغا ئەرزانلىق تىلەپ دۇئا قىلىدۇ ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا ئائىت پاراڭ - مۇزاكىرىلەر بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مۇراسىم ئاخىرلىشىپ <نورۇز چېيى> (تۇغقان چېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى باشلىنىدۇ. 
نورۇز چېيى: بۇ ئەمەلىيەتتە نورۇز مۇناسىۋىتى بىلەن بولىدىغان ئۆز ئارا مېھماندارچىلىق چېيى بولۇپ، ئۇرۇق - تۇغقان، ئەل - ئاغىنە، قولۇم - قۇشنا، تونۇش - بىلىشلەر ئۆز ئارا ساتما - كەپىلىرىنى ئارىلاپ ئايرىم - ئايرىم ھالدا مېھمان بولۇشىدۇ. قۇدىلىشىش، سودا - سېتىق، نەرخ - ھاۋا ۋە شۇ يىل قىلماقچى بولغان ئىشلىرى ئۈستىدە پاراڭلىشىدۇ. 
كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى: كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ھەر خىل ئۇيۇن تۈرلىرى بويىچە ئايرىم - ئايرىم سورۇندا ئېلىپ بېرىلىدۇ: 
ئەلنەغمىچىلەر ھەر خىل چالغۇلارنى تەڭكەش قىلىپ نورۇز قوشاقلىرى، ئون ئىككى مۇقام كۈي - غەزەللىرى ۋە ھەر خىل مەزمۇندىكى يۈرۈشلەشكەن خەلق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ، سەھرايى - دالانى بايرام كۈيلىرى ئورۇندالغاندا توپ ئىچىدىن چوڭ - كىچىك، قېرى - ياش، ئەر - ئايال ئىختىيارسىز بەس - بەستە ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. تاماشىبىنلار ئۆز خاھىشىچە ئۇسسۇلچىلارنىڭ بېشىدىن پۇل قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆرۈپ ئەلنەغمىچىلەرنىڭ ئالدىغا تاشلايدۇ. بۇ تاماشىبىنلارنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغۇچىلار بىلەن ئەلنەغمىچىلەرگە بىلدۈرگەن تەشەككۈرى بولۇپ، ئادەتتە <چۆرۈمە> دەپ ئاتىلىدۇ. 
داستانچىلار ئۆزىگە خاس قىزىقارلىق قىياپەت - ھەرىكەت ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشقان ئاھاڭ - تەلەپپۇزىدا <مىڭ بىر كېچە>، <كەمەك ھەييا>، <باھار دەرۋىش> قاتارلىق داستان - ھېكايىلەرنى سۆزلىسە، توپ ئىچىدە ئولتۇرغان شاكىرتلىرى  ئارىلاپ دوست تارتىپ كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىننى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ياشانغانلار، بالىلار ناھايىتى قىزىقىپ ئاڭلايدۇ. ھەر بىر داستان، ھېكايە ئاخىرلاشقاندا ئاڭلىغۇچىلار ئۆز خاھىشىچە داستانلارغا پۇل ئىنئام قىلىدۇ. 
چېلىشچىلار سورۇندا يۇرت - مەھەلىلەردىن كەلگەن چېلىشچى ئەزىمەتلەر بىر - بىرىگە قارشى نۆۋەت بىلەن مەيدانغا چۈشۈپ كۈچ - ماھارەتلىرىنى نامايان قىلىدۇ، ئۇتۇپ چىققانلارغا <كۈچتۈڭگۈر> دەپ ئاتاق بېرىلىدۇ. 
دارۋازچىلار تەخمىنەن 40 - 50 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا، 20 - 30 مېتىر ئېگىزلىكتە تارتىلغان ئارغامچا ئۈستىدە، پەستە چېلىنىۋاتقان ناغرا - سۇناينىڭ رېتىملىق ئاۋازىغا كەلتۈرۈپ گاھ يالىڭاچ، گاھ پۇتىغا تۈنىكە تەخسە تېڭىپ، گاھ قولىغا تەڭكەش ئېلىپ ئالدى - ئارقىسىغا مېڭىش، ئولتۇرۇپ قويۇش، موللاق ئېتىش، تاختا پەرىگە چىقىش، چىغرىق ئۇچۇشتەك كىشىنى چۆچۈتىدىغان خەتەرلىك، قىيىن ھەرىكەتلەرنى ئورۇنداپ تاماشىبىنلارنى مەپتۇن قىلىدۇ. 
ئوۋچى، پالۋان - مەرگەنلەر: 
<نورۇز كەلدى جاھانغا، ئوۋ قىلغىلى چىقارمىز، 
قايغۇ باسقان كۆڭۈلنى تاغدا يۈرۈپ ئاچارمىز، 
جىرغىلاردا ئاڭ ئاتىپ بۇغا - كىيىك ئاشارمىز، 
تېرىسىنى تاسما قىلىپ، مۈڭگۈزىنى ساتارمىز، 
قول - پۇتىنىڭ پاچىقى قامچىغا دەستە بۈگۈن>. 
دېگەندەك ئۇۋچىلارنىڭ نورۇز قوشىقىنى ئېيتىپ، قۇنداقلىق مىلتىقلىرىنى ئېسىپ، تايغانلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ جىلغا ئورمانلارغا قاراپ ئات سالىدۇ. 
ئوغلاقچى، بەيگىچىلەر ئايرىم كەڭتاشا مەيدندا ئۆز ماھارەتلىرىنى نامايان قىلىدۇ. 
ياش ئوغۇل - قىزلار، ئۆسمۈرلەر ھەتتا ياش قۇرامىغا يېتىپ قالغانلارمۇ قانىشىدۇ. بىر چەتتە <سارغايدى - پىشتى> ساداسى ئىچىدە چاقپەلەك ئۇچۇشسا ( بەزى قورقىنىش بېسىپ <ۋاي!>دەپ سالىدۇ. بۇ چاغدا تاماشىبىنلار <ۋاي سارغايدى - پىشتى> دەپ ۋارقىرىشىپ قىزىقچىلىق قىلىدۇ. شۇڭا بۇ ئويۇن <سارغايدى - پىشتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، بىر لەگلەك ئۇچۇرۇشىدۇ. بەزىلىرى بولۇپمۇ دەرەخ ئاستىلىرىغا ئىلەڭگۈچ سېلىپ ئېگىز، ئۇزاق ئۇچۇش ۋە دەرەخ شاخلىرىدىكى بىخ سۈرۈپ چىقىشقا باشلىغان يۇمران يوپۇرماقلارنى چىشلەپ ئۈزۈۋېتىش بويىچە مۇسابىقىلىشىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ بۇ قەدىمىي ئەنئەنىۋى بايرىمىنى ئۆزىگە خاس پىسخولوگىيىلىك پائالىيەتلىرى ئارقىلىق شاد - خۇرام، باياشات ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. 
بۇنىڭدىن باشقا بەزى جايلاردا مەسىلەن، قەشقەرنىڭ ئوپال رايونىدا بۇ قۇتلۇق بايرام كۈنى ئىلىممەرىپەت تەرغىباتى ۋە كىشىلەرنىڭ پەم - پاراسىتىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ئىلمىي پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈپ كېلىنگەن. 
14 -  ئەسىرگىچە ئوپالدىكى <نورۇز بۇلاق> كاتتا نورۇز سەيلىگاھى بولۇپ كەلگەن. بۇ بۇلاق شۇ جايدىكى <ھەزرىتى موللام مازىرى> (1982 - يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ مەشھۇر ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مەقبەرىسى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى) يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، 14 -  ئەسىردىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىلا ھەر يىلى نورۇز پائالىيىتى شۇ بۇلاق بويىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنگەن. شۇڭا بۇ بۇلاق <نورۇز بۇلاق> دەپ ئاتالغانىكەن. بۇ يەردە شۇ بۇلاق قاتارىدا يەنە < زەر (ئالتۇن) بۇلاق>، <چەشمە زۇلان بۇلاق> (مەقبەرە ئالدىدىكى< ھاي - ھاي تېرەك>تۈۋىدە)، <مارجان بۇلاق>دەپ ئاتىلىدىغان بۇلاقلارمۇ بار. 
قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئوپالىدا تۇرۇشلۇق خادىمى ئابلا سېقى (ساقى) نىڭ توپلىغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا بايان قىلىشىچە 14 - ئەسىرگىچىلىك ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنگەن نورۇز سەيلىسىدە شېئىر - نەزمە مۇسابىقىسى ئاساس قىلىنغان ھالدا خەلققە ئاپەت كەلتۈرىدىغان جىن - شاياتۇنلارنى قوغلاش مەقسەت قىلىنغان قەدىمكى ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىمىز <سۇ چېچىش ئويۇنى>، ئەقىللىك بولۇشقا جۇرۇلىدىغان <بۇلاق نېنىنى يېيىش ئويۇنى>، <تۇمارلىق ئېلىش ئويۇنى> قاتارلىق ئويۇنلاردىن باشقا چېلىشىش، بەيگە، ئوغلاق تارتىش قاتارلىق ئويۇنلار ئوينىلىپ كېلىنگەن. بۇ پائالىيەتلەر تۆۋەندىكىدەك شەكىلدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن: 
شېئىر - نەزمە مۇسابىقىسى: بۇ مۇسابىقە يۇرت - يۇرتلاردىن نورۇز سەيلىسىگە كەلگەن داڭلىق ئۆلىما، داموللا، مۇدەررىسلەرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۇلارنىڭ شاگىرت - تالىپلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مۇسابىقە بىر - بىرىگە شېئىر - نەزمە بېغىشلاش شەكلىدە بولۇپ، A تەرەپ ئۆز ئاخىرىدىنمۇ يەنە بىر شەرەتلىك ھەرپ بىلەن چۈشۈرۈشى يەنى ئۆز ئىسىمىنىڭ باش ھەرىپى بىلەن باشلاپ ئاخىرىنى B تەرەپنىڭ ئىسىمىنىڭ ئاخىرقى ھەرپى بىلەن چۈشۈرۈشى شەرت قىلىنىدىكەن. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا باھالاش بولۇپ، نەتىجىسى ئەلالىرى تاللىنىپ، ئۇنۋان بېرىلىش بىلەن جايلارغا دىنىي ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىكەن. 
سۇ چېچىش ئويۇنى: بۇ ئويۇن يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەقسەتتە سەيلىگە كەلگەن بارلىق چوڭ - كىچىك، ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدا بۇلاق ئېقىمى بويلاپ بىر - بىرىگە سۇ چېچىش شەكلىدە ئوينىلىدىكەن. 
بۇلاق نېنىنى يېيىش ئويۇنى: گىرۋىكىگە چۆرۈلدۈرۈپ خاسىيەتلىك سۆزلەر ئويۇلغان مەخسۇس بىر نەچچە نان ھازىرلىنىپ ئۆلىمالار تەرىپىدىن بۇلاق بېشىغا تاشلىنىدىكەن. ياشلار، تالىپلار بۇلاق ئېقىمنى بويلاپ يۈگۈرۈپ يۈرۈپ، سۈزۈۋېلىپ، تالىشىپ يەيدىكەن. ھازىرقى شىرمان ناننىڭ گۈلى شۇنىڭدىن قالغانلىقى مەلۇم. 
تۇمارلىق ئېلىش: مۇسابىقىدە باھالانغان شېئىر - نەزمىلەر يېزىلغان قەغەزلەر ئۈچ بۇرجەك قىلىپ قاتلىنىپ ئۆلىمالار تەرىپىدىن بۇلاق بېشىغا تاشلىنىدىكەن. سەيلىگە كەلگەن باشقا ياشلار ئۇلاردىن ئۇدۇم ئېلىش مەقسىتىدە بۇلاق ئېقىمى بويلاپ تالىشىپ، سۈزۈۋېلىپ، دوپپىلىرى ئۈستىگە ئېلىپ قويۇپ، كېيىن رەختتىن ئۈچ بۇرجەك قاپچۇق تىكىپ، تۇمار قىلىپ بويۇنلىرىغا ئېسىۋالىدىكەن. ئۇيغۇرلاردىكى تۇمار ئېسىش ئادىتى شۇنىڭدىن كەلگەنلىكى مەلۇم. ئەمما <تۇمار> كېينكى دەۋرلەر خوجىلار، ئىشانلار تەرىپىدىن خۇراپىيلاشتۇرۇۋېتىلگەن. 
يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان بۇ نورۇز پائالىيەتلىرى 14 -  ئەسىردىلا ئىجرا قالغان بولسىمۇ، ئۇ پائالىيەتلەردە گەۋدىلەندۈرۈلگەن خەلقىمىزدىكى ئىلىم - مەرىپەتكە ئىنتىلىش ئادىتى دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن خەلق ئىچىدىكى مەشرەپ ئويۇنلىرى، مەشرەپتە شېئىر - نەزمە، تېپىشماق ئېيتىشتەك شەكىللەر ئارقىلىق داۋاملىشىپ كەلگەن. 
دېمەك >نورۇز بايرىمى< ئەنە شۇنداق ئۇزۇن تارىخ، چوڭقۇر ئىجتىمائىي تەسىر ۋە كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولغاچقا، يەكلىمەچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئىسلام دىنى ئومۇملاشقاندىن كېيىنمۇ 30 - يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. شىنجاڭدا مىللىتارىست شىڭ شىسەي ھاكىميەت بېشغا چىققاندىن كېيىن نورۇز بايرىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان 12 - ئاپرېل كۈنىنى >بايرام< سۈپىتىدە خاتىرىلەشنى بېكىتتى. بۇنىڭ بىلەن نورۇز بايرىمى تەدرىجىي ئومۇميۇزلۈك تەنتەنە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈشتىن قالغان بولسىمۇ، خەلق ئىچىدە غەيرىي - رەسمىي ئۆتكۈزۈلۈپ كەلدى. ئازادلىقتىن كېيىن، بولۇپمۇ زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە 3 - ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ئارقىسىدا باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭمۇ بەزى ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمىنى شاد - خۇرام ئۆتكۈزۈش پۇزىتسىگە ئېرىشىپ، ھازىر بۇ بايرامنى بەختىيار يېڭى دەۋرىمىزنى، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىقنى كۈيلەش مەزمۇن قىلىنغان داغدۇغىلىق ئەدەبىيات كېچىلىكى شەكلىدە ئۆتكۈزمەكتە. "
awazlik