بىرىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئەمدىلا مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش مۇھىتىغا قەدەم قويغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار تەلىم - تەربىيىنى ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا قوبۇل قىلىدۇ. ئۇلاردا سىرتقى مۇھىتقا قارىتا ئېنىق چۈشەنچە ۋە ھېسسىي تۇيغۇلار شەكىللەنمىگەن بولغاچقا ئۇلارنى قانداق يېتەكلىسە تەربىيىنى شۇ بويىچە قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۆزىدە بەزىبىر ئالاھىدىلىك ۋە ماسلىشىش خاراكتېرىنى يېتىلدۈرىدۇ، ئۇلارنى يېتەكلەش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلمىغاندا ئۆز خاراكتېرىدىكى مايىللىق ۋە ساغلاملىق ئەكسىچە يۆنىلىش بويىچە تەرەققىي قىلىپ ئۆزلىرىگە ھەرخىل بولمىغۇر ئىللەت ۋە كۆز قاراشلارنى يۇقتۇرۇۋېلىشتىن خالىي بولالمايدۇ.
ئۇنداقتا بىرىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قانداق قىلغاندا ئەتراپلىق يېتەكلىگىلى بولىدۇ؟
1. ئالدى بىلەن بىرىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. چۈنكى بىرىنچى سىنپ ئوقۇغۇچىلىرى ئائىلىسىدىن ئەمدىلا ئايرىلغان بولغاچقا ئۇلارنى مەكتەپكە، ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇش ئۈنۈملۈك ۋە قىزىقارلىق بولمىغاندا ئوقۇغۇچىلار سىرتقى مۇھىتنىڭ ئەكسىچە تەسىرىگە ئۇچراپ، ئوقۇش قىزغىنلىقى سۇسلىشىپ مەكتەپكە بېرىشتىن زېرىكىش ئەھۋاللىرى شەكىللىنىشكە باشلايدۇ شۇڭا بىرىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى دەرسكىلا زورلىماستىن، كۆپرەك دەرستىن سىرتقى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە تەشكىللەپ بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بولغان قىزىقىش ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
2. بىرىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى ئەتراپلىق ئىگىلەش ئارقىلىق نۇقتىلىق يېتەكلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. ئوقۇتقۇچى دەرس ئىچىدىكى يېتەكلەش ۋە ئىدىيىۋى تەربىيىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن، دەرستىن سىرتقى تۈرلۈك پائالىيەتلەر جەريانىدىمۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىردىشىشقا، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە مۇۋاپىق ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە شارائىتى، ھەرخىل قىزىقىش ئوبيېكتلىرىنى ئىگىلەپ چىقىش، بۇ ئارقىلىق ئومۇمىي جەھەتتىن يېتەكلەش بىلەن نۇقتىلىق يېتەكلەش ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق قوللىنىش كېرەك. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بىرىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىخ ھالىتىدە تۇرغان قىزىقىش ۋە ئىنتىلىش خاراكتېرىگە قارىتا زور دەرىجىدە رىغبەتلەندۈرۈش كۈچى ھاسىل قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئەقلىي ئىقتىدارىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغىلى ۋە ھەرتەرەپلىمە يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
3. بىرىنچى يىللىقلارنىڭ سىنىپ مۇدىرلىرى ۋە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىرىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېشى كىچىك، ئەقلىي ئىقتدارى تۆۋەن بولغاچقا سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرى ۋە تەلىم - تەربىيىنى ۋاسىتىلىق ياكى بىۋاسىتە ھالدا قوبۇل قىلىدۇ. يەنى، ئۇلاردا ئىستىخىيىلىك ھالدىكى دوراش خاراكتېرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ. دېمەك، بىرىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خاراكتېرى، ئالاھىدىلىكلىرى ۋە كۆز بىلەن بىۋاسىتە كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان ئىش - ھەرىكەتلەرنى دوراش ۋە شۇ خىل كۆز قاراشلارنى ئۆز ئىدىيىسىگە تەدرىجىي سىڭدۈرۈشتىن شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. ئەگەر ئوقۇتقۇچى ئەخلاق - پەزىلەت، بىلىم - قابىلىيەت، كىيىنىش ۋە يۈرۈش - تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا بىۋاسىتە ئۈلگە بولالمىسا ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەكسىچە ئىش - ھەرىكەتلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن مۇستەسنا بولالمايدۇ - دە، ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر قىسىم نا مۇۋاپىق قىلىقلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىدە كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. شۇڭا سىنىپ مۇدىرلىرى ۋە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بىرىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى يېتەكلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، بىرىنچى يىللىقلارنىڭ سىنىپ مۇدىرلىرى يۇقىرىقى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن بەلكى، يەنىمۇ ئەتراپلىق ئىزدىنىشى، ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە مايىل بولۇشنى قولىغا كەلتۈرۈشى شۇنداقلا ئوقۇتۇش پائالىيىتى داۋامىدا ئىگە بولغان ئەمەلىي ۋە ئىجابىي تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا بىرىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەتراپلىق يېتەكلىگىلى ھەم بىرىنچى يىللىقلار خىزمىتىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
(چىرا ناھىيە نۇرى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپتىن) گۈلقىز سالاھىدىن