باشقۇرغۇچى ئەسكەرتمىسى:
本帖被 UyMuglaN 设置为精华(2009-03-01)
1
ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن شەرقتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇيغۇر ئىلىگە يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەيىن بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە «ئىنانخۇز خۇرەند»(يەنى بۇلار باشقىلارغا مۇھتاج بولماي، ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن، بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قاچان خالىسا، شۇ چاغدا ئېتىپ يېيەلەيدۇ) دەپتۇ. شۇندىن تارتىپ بۇ ئەل «خۇزخۇر»دەپ ئاتىلىپ، بۇ سۆز بارا - بارا «ئۇيغۇر »غا ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ.
2
رىۋايەتتە ئېيتىلىشچە، ئۇغۇز نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى يافەسنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇ بارلىق تۈركىي ۋە موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ ئەجدادى ھېسابلانغان قاراخاننىڭ ئوغلى ئىكەن. ئوغۇزخاننىڭ بوۋىسى ئەبۇلچەخان (بۇلچەخان) ئەسلىدە ئاۋۇر تاغ بىلەن قىزتاغ ئارىسىدىكى ئىنانچ شەھىرىدە ياشايدىكەن. ئۇنىڭ قاراخان، ئۇرخان، كۆزخان، گۆرخان ناملىق تۆت ئوغلى بارئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاراخاننىڭ ئايالى ئاجايىپ بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. بالا بىر ياشقا توشقاندا يۈزىدىن نۇر يېقىپ تۇرغان، كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ تۇرغان چوڭلا بىر يىگىت بولۇپ قاپتۇ. دادىسى بۇنىڭغا ناھايىتى ھەيران قالىدىكەن. ئۇ پۈتۈن بەگ ۋە قوماندانلىرى، ۋەزىر -ۋۇزۇرالارنى يىغىپ بالىغا ئات قويماقچى بولغاندا، تېخى ئەمدىلا بىر ياشقا توشقان بالا «مېنىڭ ئېتىم ئوغۇز بولسۇن» دەپتۇ. ھەيران قالغان جامائەت ۋە دادىسى ناھايىتى چوڭ مەرىكە ئۆتكۈزۈپ بالىغا «ئوغۇز» دەپ ئات قويۇپتۇ. كېيىنچە ئۇنىڭغا ئىنىسى كۆزخاننىڭ قىزىنى ئېلىپ بېرىپتۇ. ئوغۇز ئۇنى ياخشى كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن، يەنە بىر ئىنىسى گۆرخاننىڭ قىزىنى ئېلىپ بېرىپتۇ. ئوغۇز بۇ ئايالنى ئۆزىگە ئوخشاش مۇسۇلمان قىپتۇ. ئۇنى ئاڭلىغان دادىسى بالىسىغا قارشى لەشكەر تارتماقچى بوپتۇ، بالىسى بۇخەۋەرنى خوتۇنىدىن ئاڭلاپ ، دادىسىغا قارشى تەييارلىنىپتۇ. ئۇرۇشتا ئوغۇز غەلبە قىلىپ، دادىسى قاراخاننى ئۆلتۈرۈپتۇ. دادىسىنىڭ پايتەختى ئىنانىچ شەھىرى، شۇنداقلا تالاس، سايرام ۋە بۇخارا شەھەرلىرىنى ئىگىلەپتۇ. ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇنىڭ تاغىلىرى ۋە باشقا ئەۋلادى ئوغۇزغا تەسلىم بوپتۇ. تەسلىم بولمىغانلار شەرق تەرەپكە كۆچۈپ، ئۆز ئالدىغا ياشاپتۇ. ئۇلار كېيىنچە «موڭ - ئول»(موڭغۇل) دەپ ئاتىلىپتۇ. بىر كۈنى ئوغۇز ئالتۇن بارگاھ تىكتۈرۈپ، ئۆز غەلبىسىنى تەبرىكلەپ ناھايىتى چوڭ مەرىكە ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنى «خان»دەپ ئېلان قىپتۇ. مەرىكىدە ئۆز ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ جەڭ قىلغانلارنى «ئۇيغۇر» دەپ ئاتاپتۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ئۇ بىز بىلەن بىرلەشتى، بىزگە ياردەملەشتى» دېگەن بولىدىكەن. كېيىنكى چاغلاردا بۇ سۆز ئاستا - ئاستا شۇ كىشىلەرنىڭ كېينكى ئەۋلادلىرىنىڭ مىللەت نامى بولۇپ قاپتۇ.
3
قاراخان ئوغلىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئاڭلاپ،بەگلىرىنى چاقىرىپ كېڭەش ئۆتكۈزدى. ئۇلار ئۇغۇزخان ئوۋدا (شىكاردا)يۈرگەندە ئۆلتۈرەيلى دەپ قارار قىلىشتى ۋە ئەلگە كىشى ئەۋەتىپ «ئۇلار تېز يېنىپ كەلسۇن ، مەن ئوۋغا چىقىمەن» دەپ خەۋەر قىلدى. ئوغۇزخانمۇ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئەلگە كىشى ئەۋەتىپ «ئاتام ئەسكەر ئەۋەتىپ مېنى ئۆلتۈرمەكچى، مېنى ياقلايدىغانلار كەلسۇن، ئاتام تەرەپتە تۇرغانلار ئاتام تەرەپكە بارسۇن» دەپ خەۋەر بەردى. ئەلنىڭ كۆپ قىسمى قاراخان تەرەپكە باردى، ئاز قىسىمى ئۇغۇزخان تەرەپكە قېشىغا باردى. قاراخان ئىنىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى كۆپ ئىدى. ھېچكىم ئۇلارنى خاراخاندىن يۈز ئۆرۈيدۇ دەپ ئويلىمايتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئوغۇزخاننىڭ يېنىغا كەلدى. ئوغۇزخان ئۇلارغا «ئۇيغۇر» دەپ نام قويدى. بۇ سۆز تۈركچە بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى «يېپىشقۇچى»، «ئىتائەت قىلغۇچى» دېگەن بولىدۇ. كىشىلەر ئىچىدە سۈت ئۇيۇتىدۇ، ئۇ ئويۇشتىن بۇرۇن سۇيۇق ۋە چېچىلىپ كېتىدىغان ھالەتتە بولىدۇ، ئويۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزئارا ئۇيۇشۇپ قالىدۇ. «ئۇيغۇر» دېگەن مۇشۇ «ئۇي» دىن كەلگەن دېگەن ئوخشىتىشلار بار. كىشىلەر ئارىسدا «ئىمام» ئۆلچەم قىلىنىشى كېرەك دېيىلىدۇ.«ئىمام ئولتۇرسا بىز ئولتۇرىمىز، ئىمام قوپسا بىز قوپىمىز.» بۇ ئۇلارنىڭ ئىمامغا يېپىشقانلىقى بولمامدۇ؟ ئۇلار ھەممىسى ئوغۇزخاننىڭ پېشىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ تىز پۈككەندە خان ئۇلارنى «ئۇيغۇر »دەپ ئاتىغان.
4
موڭغۇل يۇرتىنىڭ كۈن پېتىشىدا بىر تاغ بولۇپ، ئۇ « قۇتتاغ» دېيىلىدىكەن. بۇ تاغنىڭ بىر تەرىپىدە ئون ساي، يەنە بىر تەرىپىدە توققۇز ساي بار بولۇپ، ھەممىسىدە ئۇلۇغ سۇ ئاقىدىكەن. ئۇيغۇرلار ئېلى ئەنە شۇ سايلارنىڭ ئارىلى رىغا جايلاشقان بولۇپ، ئون ساي تەرەپتە ئولتۇراقلارشقانلىرى ئۆزلىرىنى «ئون ئۇيغۇر» دېسە، توققۇز سايدا ئولتۇراقلاشقانلىرى ئۆزلىرىنى « توققۇز ئوغۇز » دەپ ئاتايدىكەن. ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئاۋات، ئېتىز يايلاقلىرى كەڭ ۋەمۇنبەت ئىكەن. ئۇلار بىر يۈز يىگىرمە ئۇرۇقنى تەشكىل قىلىدىكەن. ھەر قايىسسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇپ، بىر پادىشاھلىققا بىرلەشمىگەنىكەن. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلار ئارىسىدا ئىتىپاقسىزلىق تۇغۇلۇپ، قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىشكە باشلاپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار يىغىلىپ مەسلىھەتلىشىپتۇ: بىز ئىككىگە بۆلۈنگەن ئەلمىز، ھەرقايسىسىمىز بىر كىشىنى «تۇغران»(خان) قىلايلى، كىمىكى ئۇنىڭ سۆزىگە كىرمىسە شۇ كىشى مال - مۈلۈك، ھەتتا بېشىدىن ئايرىلسۇن - دېيىشىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئون ئۇيغۇرلار «مەڭگۈ باش» ئاتلىق كىشنى تۇغران قىلىپ كۆتۈرۈپ، «ئەل ئىلتەر» دەپ نام بېرىپتۇ. توققۇز ئۇيغۇرلار بىر كىشىنى توغران كۆتۈرۈپ«كۆل ئەركىن»دەپ نام قويۇپتۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئوغلانلىرى يۈز يىللارچە تۇغرانلىق قىپتۇ ۋە كۆپ يىللارغىچە خاننىڭ نامى شۇ تەقلىدتە يۈرگۈزۈلۈپتۇ. كېيىنرەك ئۇلاردىن كىم تۇغران بولسا، شۇ كىشىنى «ئىدىقۇت » دېگەن نام بىلەن ئاتايدىغان بوپتۇ.
5
ئېگىز ھارۋىلىقلار قەدىمكى قىزىل تۇرالارنىڭ نەسلىدىن ئىكەن . . . ھون تەڭرىقۇتىنىڭ ئايالى ئىككى قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ قىزلار ناھايىتى چىرايلىق ئىكەن. بۇ ئەلدىكى ئادەملەر ئۇ قىزلارنى پەرىلەر دېيىشىدىكەن. ھون تەڭرىقۇتى :«مۇشۇ قىزلىرىم قانداق كىشىلەرگە جورا بولۇشى مۇمكىن؟ ئۇلار تەڭرى بىلەن جورىلاشسا بولىدۇ»دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، تەڭرىقۇت ھونلار ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ئادەم قەدىمى يەتمىگەن جايغا ئېگىز بىر قورغان سالدۇرۇپ، قىزلارنى قورغانغا جايلاشتۇرۇپ، «قىزلارنى تەڭرىنىڭ ئۆزى كېلىپ قارشى ئېلىشىنى ئۆتۈنىمەن» دەپتۇ. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە قىزلارنىڭ ئانىسى قىزلارنى كۆرمەكچى بولغاندا ، تەڭرىقۇت: «بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن »دەپتۇ. يەنە بىر يىل ئۆتكەندە بىر قېرى بۆرە پەيدا بولۇپ، كېچە - كۈندۈز قورغاننى ياقىلاپ ھۇۋلايدىغان بوپتۇ. بۆرە قورغاننىڭ تېمىنىڭ تۈۋىنى كولاپ بىر ئۇۋا ياساپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈۋېرىپتۇ، بۆرە زادى كەتمەپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىزلارنىڭ كىچىكى ئاچىسىغا :« دادام مېنى مۇشۇ قورغانغا جايلاشتۇرۇپ قويغاندا تەڭرى بىلەن جورا بولۇشۇمنى ئارزۇ قىلغان. بۈگۈنگە كەلگەندە بۆرە پەيدا بولدى. ئۇ بىر ئىلاھىي مەخلۇق ياكى پەرىشتىنىڭ ئۆزى» دەپتۇ ۋە قورغاندىن چىقىپ، بۆرىگە جورا بولماقچى بوپتۇ. سىڭلىسىدىن بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ئاچىسى قاتتىق چۆچۈپ كېتىپ: «بۇ ھايۋان تۇرسا، ئۇنىڭغا جورا بولىمەن دېيىش ئاتا - ئانىمىزغا قىلىنغان ھاقارەت» دەپتۇ. سىڭلىسى ئاچىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، قورغاندىن چىقىپ، بۆرىگە جورا بوپتۇ. بۇلاردىن توققۇز ئوغۇز، ئون ئۇيغۇر تۇغۇلۇپتۇ. ئۇلارمۇ بالىلىق بولۇپ كۆپىيىپتۇ.
6
قەدىم - قەدىم زامانلاردا، ئۇيغۇرلار قۇملانجا دېگەن بىر گۈزەل يۇرتتا ياشايدىكەن. يۇرتنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككى دەريا سۈيى ئېقىپ تۇرىدىكەن. ئىككى دەريا قوشۇلغان جايدا ئىككى تۈپ زور دەرەخ بار ئىكەن. تۇغلار دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچكەن دەرەخ شەمشاد، سېلىنگا دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچكەن دەرەخ ئارچا دەرىخى ئىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە كىشىلەر بۇ ئىككى تۈپ دەرەخنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاجايىپ چىرايلىق بىر بارگاھ ئۆي تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۆينىڭ تۈڭلۈكىدىن ئەتراپقا يۇپيۇرۇق نۇر چېچىلىپ تۇرغۇدەك. كىشىلەر ئۆي ئىچىگە كىرىشكە پېتىنالماي ئۆينىڭ يېنىغا كېلىپ تۇرۇشۇپتۇ. ئۆي ئىچىدىن ئاجايىپ يارقىن ناخشا - مۇزىكا ئاڭلىشقا باشلاپتۇ. كىشىلەر ھەر كۈنى كېلىپ كۈزەتكەندە ئوخشاش ئەھۋال يۈز بېرىپتۇ. بىر كۈنى، يۇرت ئاقساقاللىرى ئەلنى باشلاپ كېلىپ بۇ ئۆيگە چوقۇنۇپتۇ ۋە ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپتۇ. ئۆي ئىچىدە كۈمۈشتىن ياسالغان بەش بۆشۈك بولۇپ، ھەربىر بۆشۈكتە پاقلاندەك سېمىز بىردىن ئوغۇل بوۋاق ئېمىزگە ئېمىپ ياتقۇدەك. كىشىلەر ھەيرانلىق بىلەن بوۋاقلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپتۇ. يۇرت باشچىلىرى بەش نەپەر ئېنىگئانا بەلگىلەپ، بەش ئوغۇل بوۋاقنى ئېمىتىپ بېقىپ چوڭ قىلىشىپتۇ. بالىلار ئايىغى چىقىپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن ھەركۈنى كېچىدە ئىككى تۈپ دەرەخنىڭ قېشىغا بېرىپ چوقۇنىدىكەن. شەمشاد بىلەن ئارچا ئادەملەردەك تىلغا كىرىپ بالىلارنى تەربىيلەپتۇ، ئۇلارغا ھېكمەتلەردىن، ئۆتمۈشلەردىن ساۋاق بېرىپتۇ. بالىلار بىر - بىرىدىن زېرەك، ئەقىللىق بولۇپ چوڭ بۇلۇشقا باشلاپتۇ. پۈتۈن ئەل بۇ كارامەت بالىلارغا قايىل بولۇپ ئۇلارنى ئۆزلىرىگە باش قىلىشقا بەلگىلەپتۇ.
بەش ئوغۇلنىڭ چوڭى شۇڭقارتىكىن، ئىككىنچىسى قۇنچۇرتىكىن، ئۈچىنچىسى بۇقاتىكىن، تۆتىنچىسى ئۇرتىكىن، بەشىنچىسى بۆگۈتىكىن ئىكەن. بەش ئوغۇل مەسلىھەت قىلىشىپ ئەڭ ئەقىللىق، چىرايلىق، باتۇر بۆگۈننى خان قىلىپ بەلگىلەپ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىپتۇ، بۆگۈخان ئەلنى ئىدارە قىلغاندىن باشلاپ تەڭرى ئۇنىڭغا قۇت ئاتا قىپتۇ. ئەل - يۇرتى ئاۋاتلىشىپ، مال - چارۋىلىلىرى ھېسابسىز بوپتۇ. بۆگۈخان دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەللەرنىڭ تىلىنى پىششىق ئۆگىنىپتۇ. تەڭرى ئەۋەتكەن ئۈچ شاتۇتىغا ئۇ پۈتۈن ئەللەرنىڭ تىلىنى ئۆگىنىپتۇ ھەمدە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىنى ئۇلارنى ئەۋەتىپ ئىشلاردىن تولۇق خەۋەردار تېپىپ تۇرۇپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۆگۈخان ئوردىسىغا كىرىپ قارىسا، ئورنىدا بىر گۆدەك قىز ياتقۇدەك. ئۇ قورقۇپ كېتىپ چىقىپ كېتىپتۇ. بۇ ئىش ئۇدا ئۈچ كۈن سادىر بولغاندىن كېيىن بۆگۈخان ۋەزىرىگە مەسلىھەت ساپتۇ ۋە كىرىپ ئۇ قىز بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. قىز بۆگۈخاننى ھەر كۈنى قۇت تېغىغا باشلاپ چىقىپتۇ. ئىككسى ئۇ يەردە تاڭ ئاتقۇچە مۇڭدىشىپتۇ. شۇندىن باشلاپ تەڭرى ئەۋەتكەن ئۇ قىز بىلەن بۆگۈخان ھەركۈنى قۇت تېغىغا چىقىپ سۆزلىشىپ تۇرۇپتۇ. تالاي يىللاردىن كېيىن خوشلىشىپ كەتمەكچى بولۇپ بۆگۈخانغا: «كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقىچە بولغان پۈتۈن زىمىننى تەڭرى ساڭا ئاتا قىلدى. ھەممە ئەلنى بويسۇندۇرۇپ ئوبدان باشقۇرغايسەن» دەپتۇ - دە، كۆزدىن غايىب بوپتۇ.
بۆگۈخان ئوردىغا قايتىپ كېلىپ دەرھال قوشۇن توپلاپتۇ. شۇڭقار تىكىننى ئۈچ يۈز مىڭ ئەسكەر بىلەن موڭغۇل، قىرغىز ئېلىگە، قۇنچۇرتىكىننى يۈز مىڭ ئەسكەر بىلەن تاڭغۇتلار ئېلىگە، بۇقاتىكىننى يۈزمىڭ ئەسكەر بىلەن شەرىققە ماڭغۇزۇپ، تۆتىنچى ئاكىسى ئۇرتىكىننى ئۆز ئېلىنى قوغداشقا قالدۇرۇپتۇ.
ئۇلار ئۇزاق - ئۇزاقلارغا ئەسكەر تارتىپ، يۈرۈش قىلىپ نۇرغۇن ئەللەرنى بويسۇندۇرۇپ، نۇرغۇن ئەسىرلەرنى ، غەنىيمەت قۇرال - ياراقلارنى، مال - دۇنيالارنى ئېلىپ ئورخۇن دەرياسى بويىغا يىغىلىپتۇ ۋە ھەيۋەتلىك ئوردۇبالىق شەھىرىنى قۇرۇپ چىقىپتۇ. بۇ شەھەرنىڭ داڭقى پۈتۈن ئىقلىمغا تارقىلىپتۇ.
بىر كۈنى، بۆگۈخان ئۇخلاۋېتىپ بىر چۈش كۆرۈپتۇ، چۈشىدە ئاپئاق پەرىجىلىك، ئاپئاق ھاسا تۇتقان بىر ئاقساقال ئۇنىڭ قولىغا يوغان ۋە يۇمىلاق بىر پارچە قاشتېشىنى سوۋغات قىپتۇ ھەمدە:«بۇ قاشتېشى پۈتۈن دۇنيانى باش ئەگدۈرىدىغان ئەڭگۈشتەر، ياخشى ساقلا» دەپتۇ - دە، غايىب بوپتۇ. شۇ كېچىدە بۆگۈخاننىڭ ئاكىلىرىمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاشلا چۈش كۆرۈپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى ئۇلار كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، دەرھال قوشۇن ھازىرلاپ كۈنپېتىش تەرەپكە يۈرۈش قىپتۇ. كۆپ يۈرگەندىن كېيىن سۈيى مول، ئوت - چۆپى ئەلۋەك گۈزەل بىر يايلاققا يېتىپ كېلىپ بالاساغۇن شەھرىنى بىنا قىپتۇ.
قوشۇنلار ئون ئىككى يىل يۈرۈش قىلىپ پۈتۈن ئەللەرنى بويسۇندۇرۇپ بۆگۈخاننى قۇتلۇقلاپ ئېسىل سوۋغاتلارنى ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىشىپتۇ. بۆگۈخان قۇدرەت بىلەن ئەل سوراپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئورنىغا ئوغلى خانلىق تەختىگە چىقىپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز بوۋاق بالىلارنىڭ ھەممىدىنىڭ ئاغزىدىن «كۆچ - كۆچ» دېگەن ئاۋاز چىقىشقا باشلاپتۇ. دالادىكى مال - چارۋىلارمۇ «كۆچ - كۆچ »دەپ مەرەپ، مۆرەپ، كىشنەپتۇ. خان پۈتۈن ئېلىنى، ئەسكەرلىرىنى باشلاپ يۇرت ئارىلاپ كۆچۈشكە باشلىغاندىن كېيىنمۇ بۇ ئاۋاز توختىماپتۇ. شۇنداق قىلىپ خان بىر گۈزەل تۈزلەڭلىككە كەلگەندە بۇ ئاۋاز توختاپتۇ. ئۇلار شۇ يەردە «بېشبالىق»شەھرىنى بىنا قىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قاپتۇ.
7
قوچۇ ئىدىقۇتنىڭ نەسەبىنى سۈرۈشتۈرگەندە، ئۇيغۇرلار ئېلىدە قاراقۇم دېگەن تاغ بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن ئىككى دەريا باشلانغان بولۇپ، بىرىنىڭ ئېتى تۇغلا، يەنە بىرىنىڭ ئېتى سېلىنگا ئىكەن. بىر كۈنى كەچتە،كۆكتىن دەرەخكە نۇر چېچىلىپتۇ. شۇ ئەلدىكى كىشلەر كېلىپ نۇرغا قارىغۇدەك بولسا، نۇردىن دەرەخ ھامىلدار بولۇپ، ئۇنىڭدىن يۇمشاق پوقاقتەك قورساق پۇلتىيىپ چىقىپتۇ. نۇر داۋاملىق يالتىراپ تۇرغۇدەك. ئارىدىن توققۇز ئاي ئون كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، دەرەخنىڭ ھېلىقى پوقىقى يېرىلىپ ئۇنىڭدىن بەش بوۋاق ئاپىرىدە بوپتۇ. بۇ بالىلارنى شۇ ئەلنىڭ خەلقى بېقىۋاپتۇ. ئۇلارنىڭ كەنجىسىگە بۆگۈخان دەپ ئات قويۇپتۇ. ئۇ بالا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چوڭ بوپتۇ ۋە ئۆز خەلقى بىلەن بىرلىكتە تېرىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ. كېيىن ئۇلارنىڭ خانى بوپتۇ. بۇ خانلىق ئۈچ يۈز نەچچە ئەۋلادقىچە داۋاملىشىپتۇ. يۇرۇڭ تىكىن زامانىدا، تاۋغاچلار بىلەن بىر قانچە قېتىم ئۇرۇشۇپتۇ. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، جەڭگى - جېدەلنى توختىتىپ خەلىقنى ئاسايىشلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن سۈلھىلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تاۋغاچلار جىن لىيەن (金连) دېگەن مەلىكىنى يۇرۇڭ تىكىننىڭ ئوغلى گالى تىكىنگە خوتۇنلۇققا بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئولتۇراق جايى قارا قۇمدىكى بېلى بودا(别力坡答) ئىكەن. بۇ تاغ قانۇنلار تۈزىلىدىغان تاغ دېيىلىدىكەن. تاۋغاچ ئەلچىلىرى بىلەن شۇ ئەلگە كەلگەن رەمباللار «قارا قۇرۇملۇقلارنىڭ قۇردىرىتى مۇشۇ تاغقا باغلىق. مۇشۇ تاغ بۇزۇۋېتىلسە ئۇلار زەئىپلىشىپدۇ»دەپتۇ - دە، يۇرۇڭ تىكىنگە «بۇ قۇدا باجا بولۇپ قالدۇق، سىزدىن بىر نەرسە سورىماقچىدۇق، تىلىكىمىزنى يەردە قويماسسىز؟ قۇتلۇق تاغنىڭ تاشلىرى سىلىنىڭ مۇبارەك دۆلەتلىرىگە كېرەكسىز بولغان بىلەن بىزنىڭ تاۋغاچقا بەك ئەتىۋاردۇر» دەپتۇ. يۇرۇڭ تىكىن بېرىۋېتىپتۇ. تاش ناھايىتى چوڭ بولغاچقا مىدىرلىتىشقىمۇ ئىمكانىيەت بولماپتۇ. تاۋغاچتىن كەلگەنلەر ئوت يېقىپ تاشنى قىزىتىپ،سىركە ئارقىلىپ پارچىلاپتۇ - دە، ھارۋىلارغا سېلىپ يۆتكەپ كېتىپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئەلنىڭ جىمى جانىۋارلىرى پەرياد كۆتۈرۈپتۇ. يەتتە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يۇرۇڭ تىكىن ۋاپات بوپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇئەلنى نەس بېسىپتۇ. خەلق ئەمىنلىك تاپالماپتۇ. خان ۋارىسلىرى كەينى - كەينىدىن ھالاك بوپتۇ. ئۇلار ئاخىر جياۋجۇ(交州 ) غا كۆچۈپ كەپتۇ. جياۋجۇ دېگىنى بۈگۈنكى قوچۇ(火州) بولۇپ، ھەممىسى بېشبالىققا تەۋە ئىدى. ئۇنىڭ شىمالى ئاشۇ (阿术) دەرياسىغىچە بولۇپ، جەنۇبىي جيۇچۈەنگە باراتتى. شەرقىي خوتەن، قەشقەرگە(孰甲石哈)،غەربىي شىفەن (西番) گە تۇتىشاتتى. ئۇلار بۇ يەردە بىر يۈز يەتمىش نەچچە يىل ھايان كەچۈرگەن، قۇتلۇق خان - چىڭگىزخان - چىڭگىزخان گوبىدا باش كۆتۈرگەن ۋاقىتىدا بارچۇق ئارت تىكىن ئىدىقۇت تەختىدە ئولتۇرۇپ دەۋران سۈرگەنىدى. ئۇ تەڭرىنىڭ ۋەھىيىسىنى بىلىپ، ئۆز ئەل - يۇرتى بىلەن چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلدى، چىڭگىزخان ئۇنى مۇبارەكلەپ قىزى ئېل ئالتۇننى بېرىپ، ئۆز ئوغلى قاتارىدا كۆرۈپ بەشىنچى ئوغلۇم دەپ ھېسابلىدى.