جاڭ سەي (1853 - 1926)
جاڭ سەي - ئېلىمىزنىڭ ئاتاقلىق سودا - سانائەتچىسى، مىللىي بۇزژۇئازىيىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەربابى، 8951 - يىلى توڭجۇ يىپەك زاۋۇتىنى قۇرغان، ۋۇشۈي يىلىدىكى ئىسلاھاتنى قوللىغان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شاڭخەي توڭخەي دېھقانچىلىق شىركىتىنى، شاڭخەي دادا كېمسازلىق شىركىتىنى قۇرغان، توڭجۇ سىفەن مەكتىپىنى، نەنتۇڭ كۇتۇپخانىسىنى تەسىس قىلغان، 1910 - يىلى مەملىكەت ئىچىدىكى ئاساسىي قانۇن تەرەپدارلىرىنىڭ داھىيسىنى تىكلەش ئۈچۈن دۆلەت پارلامېنتىنى ئىلتىماس سۇنۇشقا تەشكىللىگەن، جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، نەنجىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا - سانائەت ۋازارىتىنىڭ باشلىقى بولغان، 1913 - يىلى دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق ۋازارىتىنىڭ باشلىقلىقىنى، قوشۇمچە مەملىكەتلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باش لىدىرلىقىنى ئۆتىگەن، كېيىن نەنتۇڭغا بېرىپ، سودا - سانائەت، مائارىپ ئىشلىرى ۋە يەرلىك ئاپتونومىيە بىلەن مەشغۇل بولغان.
ئوغلى ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ياپونىيىلەرنى تەكشۈرۈشكە بارغاندا ئۇ مۇشۇ ئىككى پارچە خەتنى يېزىپ ئوغلىغا كۆرسەتمە بەرگەن.
قەدىمكى زامانلاردا ئەرلەر ئون يېشىدىن تارتىپ ئوقۇپ، 40 ياشلارغا كىرگەندە ئەمەلدار بولاتتى. مۇشۇ 20 - 30 يىل جەرياندا، كەلگۈسىدە جاھانسازلىق قىلىش ئۈچۈن بىلىم ئەھلى بولۇشقا تىرىشاتتى. ئون يېشىدا ئۆيدىن ئايرىلىپ خەتتاتلىقنى، ھېساب - كىتاب قىلىشنى، قائىدە - يوسۇننى، ماقالە يېزىشنى ئۆگىنەتتى، راستچىللىقنى بىلەتتى. 13 يېشىدا، مۇزىكىنى، شېئىر دېكلاماتىسىيە قىلىشنى، ئۇسسۇل ئويناشنى، 15 يېشىدا قىلىچۋازلىقنى، ئوقيا ئېتىشنى، چەۋەندازلىقنى ۋە ھارۋىكەشلىكنى ئۆگىنەتتى. 20 ياشقا كىرگەندە پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشەتتى. 30 يېشىدىن باشلاپ تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەجبۇرىيەتلەنى ئۆتەيتتى. بۇ چاغدا كىشى بىلىمگە توشۇپ، دوستلىرىغا كەمتەر، باشقىلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتىدىن ئۆگىنىدىغان، مەسىلىلەرگە يولۇققاندا چوڭقۇر پىكىر قىلىدىغان بولۇپ يېتىلەتتى. جەمئىيەتتىكى ئىشلارغا قالايمىقان ئارىلاشمايدۇ، بىرەرىگە قارىغۇلارچە ئىتائەت قىلمايدۇ، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ئۇيغۇن كەلسە، ئارىلىشىدۇ، ئىتائەت قىلىدۇ، ئۇيغۇن كەلمىسە، ئارىلاشمايدۇ ھەم ھېچكىمگە ئىتائەت قىلمايدۇ. بىلىملىك ئادەملەرمۇ ئالدىراپ دۆلەت خىزمىتىنى قىلمايتتى، ھۆكۈمەتمۇ زىيالىيلارنى ئالدىراپ دۆلەت خىزمىتىگە قويمايتتى. ئاۋۋال ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قولىدا، ئاندىن يېزىلىق، شەھەرلىك مەكتەپتە، ئەڭ ئاخىرىدا ھۆكۈمەت ئاچقان مەكتەپتە ئوقۇپ زىيالىي بولغانلارنى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۇستاز تۇتاتتى. ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەشنى ئۆگىنىشكە بىر يىل، كەسىپكە سادىق بولۇش روھى بىلەن باشقىلارغا ئاسان يېقىنلىشالايدىغان ئىستىلىنى ئۆگىنىشكە ئۈچ يىل، ئۆگىنىشتە تىرىشچان ۋە ئۇستازلارنى ھۈرمەتلەيدىغان ئادەتنى ئۆگىنىشكە بەش يىل، بىلىملىكلەرنى دوست تۇتۇشنى ئۆگىنىشكە يەتتە يىل كېتەتتى. توققۇز يىل ئىلىم تەھسىل قىلغاندا، ئاندىن پۇختا ھەم چوڭقۇر بىلىم ئاساسىغا ئىگە ئىلىم ئەھلى بولغىلى بولاتتى. كامالەتكە يەتكەن ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئالدىراپ دۆلەت خىزمىتىنى قىلماسلىقىنىڭ سەۋەبى مانا شۇ. چوڭ ئەمەلدارلارنى پادىشاھ تەيىنلەيدۇ، ئەمەلدارلار ئەمەلدارلىق سورۇنىنىڭ گېپىنى قىلىشىدۇ، مەھكىمىدىكى ئەمەلدارلار ئۆز مەھكىمىسىنىڭ، ئىقتىساد بىلەن ئوزۇق - تۈلۈك باشقۇرىدىغانلار ئىقتىساد بىلەن ئوزۇق - تۈلۈكنىڭ، ئوردا ئەمەلدارلىرى ئوردىنىڭ گېپىنى قىلىشىدۇ. ئۆگىنىش بىلەن ئەمەلدار بولۇش بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ. بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شيا ئىسىملىك بىر زات، ياخشى ئەمەلدار ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن كېلىدۇ، ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن ئادەمدىن ياخشى ئەمەلدار چىقىدۇ، دېگەن. خەن، تاڭ ۋە سۇڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرلىرىدە سىياسىي ئىشلارنى ئۆگەنمەيدىغان، بىلىمنى سۆيمەيدىغان ئىلىم ئەھلىلىرى يوق ئىدى. ئۇلار ئەمەلدار بولۇشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان پەزىلىتى بىلەن قىممەتلىك ئىدى. دۆلەت زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ياكى سۇلالە ئالماشقان چاغدا يېتەرلىك بىلىمى يوق بەزى زىيالىيلار ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئارىلاشتى. كېيىنكى خەن سۇلالىسى گۈللەنگەن چاغدا، گېڭ خەن بىلەن دىڭ يۈي كېيىنكى خەن سۇلالىسىنىڭ گۈللىنىشىگە ئاجايىپ تۆھپىلەرنى قوشقانىدى. پادىشاھقا ساداقەتمەن، ئۇلۇغۋار ئىرادىلىك كىشىلەردىن تيەن چۇ، چېن دىڭلار ئەقىل - پاراسەتلىك، دانىشمەن كىشىلەردىن جۇيۇي، لۇسۇنلار يىگىرمە ياشلار ئەتراپىدا ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىنى نامايان قىلغانىدى. جۇ گې لياڭ ليۇ بېيغا مۇشاۋىر بولغاندا 20 ياشتا ئىدى. ئۇ شۇ چاغدىكى سىياسىي سەھنىدە ناھايىتى رول ئوينىغانىدى. بۇ زاتلار تۇغما ئەقىللىق بولۇپلا قالماي، كېيىنكى خەن دەۋرىدىكى ئۆگىنىش ئىستىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى. ئۇستازلار - شاگىرتلار ۋە دوست - بۇرادەرلەر ئۆزئارا ئولتۇرۇپ ئىلىم ئۈستىدە موتالىئە يۈرگۈزۈپ، ئىقلىمدىكى كەسكىن ئۆزگىرىشلەردىن بەزى نەرسىلەرنى ئالدىن پەرەز قىلالايتتى. ھازىر بىزنىڭ ئېلىمىز ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتىدۇ، پۇقرالىرىمىز تولىمۇ نامرات، دۆلەت سېنى ياروپا، ئامېرىكا ۋە ياپونىيىلەرگە تەكشۈرۈشكە ئەۋەتتى. سەن بۇ يىل 25 ياشقا كىردىڭ. مەن سەندىن بەك ئەنسىرەيمەن. سەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋۇشۈ يىلىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىشنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا، يەنى كونا ئوقۇش تۈزۈمى ئۆز ئورنىنى يېڭىچە ئوقۇتۇش تۈزۈمىگە بوشىتىپ بەرگەن چاغدا تۇغۇلدۇڭ. ھازىر زامان بەك تېز تەرەققىي قىلىپ كەتتى. سەن چەت ئەلدە بىر يىل، ئاز بولغاندا بىر نەچچە ئاي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىسەن، باش - ئايىغى چىگىش ئىشلارنى ئىگىلەيسەن، ئۆگەنگەنلىرىڭنى ئىشلىتىش ئۈچۈن قايتىشقا ئالدىرايسەن، ئۆگەنگەنلىرىڭ يېتەرسىز، بىلىم ئاساسىڭ شۇنچىلىك ئاجىز تۇرۇپ، مەقسىتىڭگە قانداق يېتەلەيسەن؟ مەن سەندىن بەك ئەنسىرەيمەن. تۈرلۈك - تۈمەن ئىشلارنى قىلىشتا، چوقۇم مۇھىم ئىشنى تۇتۇش كېرەك. ئېگىز ئىمارەت سېلىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇلىنىڭ پۇختا بولۇشىنى ئويلاش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ يېرى كەڭ، بايلىقى، مول، يول قويۇشقا تېگىشلىك ئىشلار ساماندەك. مۇشۇ ئىشلارنىڭ بىرەرى يولغا قويۇلسا، بۇ ئىشلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئىنتىزار بولغان تالانت ئىگىلىرى خۇددى ئاش - نانغا ئېرىشكەندەك بولىدۇ. ئۇرۇش توختىماي داۋام قىلىۋاتىدۇ، يۇقىرى قاتلامدا تالانتلىقلار كەمچىل، تۆۋەن قاتلامدا مادار يوق. سودا سانائەتنى يولغا قويۇشتا، ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان بولمايۋاتىدۇ، يولغا قويۇلغانلىرى كۆڭۈلدىكىدەك روناق تاپالمايۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا سودا - سانائەت بىلەن پائال شۇغۇللىنىشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ بۇ خۇددى يەرگە ناننىڭ رەسىمىنى سىزىپ ئاچلىقنى باسقاندەك بىر ئىش. پۈتۈن يەرگە ناننىڭ رەسىمىنى سىزغان بىلەنمۇ ئۇ ناننى يېگىلى بولمايدۇ.سودا - سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئېلىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى، بىزدە شۇنچىلىك قابىلىيەت بارمۇ - يوق، بۇنى ئويلىشىمىز، بۇنىڭدىن باشقا، دۆلىتىمىزنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىنى، دۆلەتنىڭ كۈچى بىلەن خەلقنىڭ ئەھۋالىنى تەڭپۇڭلاشتۈرۈشىمىز كېرەك. مېنىڭ بۇ گەپلىرىم بىمەنە گەپلەر ئەمەستۇ؟ ئەينى يىللاردا جاڭ چيەن ئەلچى بولۇپ غەربىي دىيارغا بارغاندا، بىر يۈز نەچچە دۆلەتنى ئايلانغان، ئالدى - كەينى بولۇپ غەربىي دىياردا 19 يىل تۇرۇپ يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى بىلگەن. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە پەقەت سامساق، ئۈزۈم، بېدە ۋە كۆكتات ئەكىرگەن. بۇ جەھەتتە سېنى قانداقمۇ جاڭ چيەنگە سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ سەن بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن قانداق چىقالايسەن؟ ھەرقانداق ئىشنىڭ يولى بولىدۇ. كۇڭزى، گەپ قىلغاندا ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىش، ھەرقانداق ئىش قىلغاندا ئەستايىدىل بولۇش كېرەك، دەيدۇ. سەن چەت ئەلگە چىقتىڭ، تەكشۈرۈشنىڭمۇ يولى بار. ئېسىڭدە بولسۇنكى: كەڭ دائىرىدە ئۆگەن، تەپسىلىي سورا، ئەستايىدىل ئويلان، ياخشى - ياماننى روشەن پەرقلەندۈر، سەمىمىي ئىش قىل. ئۆگىنىشتە، ھەممىلا نەرسىنى ئۆگىنىش ھاجەتسىز، بەش قولنى بىراقلا ئېغىزغا تىققىلى بولمايدۇ. مەيلى سورا، مەيلى ئويلان ياكى ياخشى - ياماننى پەرقلەندۈر، مۇئەييەن بىر نەرسىنى تاللا. تاللاشتا ياخشى كۆرگەن نەرسەڭنى ئاساس قىلما، ئۆزۈڭگە چوقۇم مۇشۇنداق تەلەپ قوي. ئىش قىلغاندا ئەستايىدىل بول، باشقىلارغا گەپ قىلغاندا، ئىناۋەتنى تەكىتلە. ئۆزۈڭگە مانا مۇشۇنداق تەلەپ قوي. ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدە چۇ بۇيۈ ئىسىملىك ناھايىتى ئابرويلۇق بىر ئەمەلدار ئۆتكەن، ئۇ كۇڭزىنىڭ يېنىغا بارغان، كۇڭزى ئۇنىڭ قەلبىگە ئۇلۇغۋار ئارزۇلارنى پۈككەن كىشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئېۋەن تاپالمىغان. بۇ بىر دوستانە بېرىش - كېلىش، چۇ بۇيۈ ئادەتتىكى ۋەزىپە بىلەن كۇڭزىنىڭ ھۇزۇرىغا بارغان، خالاس. سەن چەت ئەلگە بىر دۆلەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە چىقتىڭ. زىممەڭدىكى ۋەزىپە ئېغىر. گەپ قىلغاندا ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىش. ئىش قىلغاندا ئەستايىدىل بولۇش كېرەك، كۇڭزى مانا مۇشۇنداق دېگەن. ئۆگىنىش، سوراش، ئويلاش، پەرقلەندۈرۈش، سەمىمىي بولۇش، بۇلارنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت. ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە ئالىملارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق. سەن ئەمەلدارلار قىلىدىغان ئىشنى قىلىۋاتىسەن، ئۆزۈڭنى ئەمەلدار دەپ ئەمەس، بەلكى ئۆگەنگۈچى دەپ بىل. بولامدۇ؟ مېنىڭ گېپىمنى ئېسىڭدە مەھكەم تۇت. دۆلەتنىڭ شەنىگە داغ كەلتۈرىدىغان ئىشنى قىلما