بۇ بارلىق كادىر، ئامما ۋە ئۆسمۈرلەرگە قارىتا، خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ۋە پارتىيىنىڭ سىياسىتى توغرىسىدا تەربىيە ئېلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. ۋەزىيەت ۋە سىياسەت تەربىيىسى ئالىي مەكتەپلەرنڭ ماركسىزم نەزەرىيىسى دەرسى ۋە ئىدىيىۋى سىياسى تەربىيە دەرسلىكىنىڭ مۇھىم مەزمونى ھېسابلىنىدۇ. ۋەزىيەت ۋە سىياسەت تەربىيىسى ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەت نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرگە ئوقۇغۇچىلارنى توغرا تونۇشقا ئىگە قىلىپ، پارتىيىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ھىمايە قىلىپ، ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىشەنچىسىنى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە بولىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ياش - ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك ئېقىم ۋە سىياسىي تەربىيە دوكلاتلىرى قانات يايدۇرۇلدى. ئادەتتە ھەر ھەپتىنىڭ ئۈچى چۈشتىن كېيىنلىك سىياسىي ئۆگىنىش ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمونلىرى بولسا، خەلقئارا دكلەت ئىچى ۋە ئۆز ئۆلكىسىدىكى ئاساسىي ۋەزىيەتنى تونوشتۇرۇش، پارتىيىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېنى، سىياسەتلىرىنى ھەمدە مەركەزنىڭ ھۆججەتلىرى قاتارلىقلارنى يەتكۈزۈش قاتارلىقلار ئاساس قىلىنسى. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى قالايمىقانچىلىق مەزگىلىدە ۋەزىيەت ۋە سىياسەت تەربىيىسى باشقا سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىرىگە ئوخشاشلا ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. 11 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن مەكتەپتىكى ياش - ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دائىملىق قاراتىملىق ھالدا ۋەزىيەت ۋە سىياسەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى توغرا چۈشىنىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سوتسىيالىزم ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئۇلارنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قوللايدىغان قىلىپ، پارتىيە ئەتراپىدا ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ۋەزىيەت ۋە سىياسەت تەربىيىسىنى ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈش نى ئوتتۇرىغا قويدى. 1998 - يىلى مەركىزىي تەشۋىقات مىنىستىرلىكى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئىككى خىل دەرس پەنلىرىنى تەسىس قىلىش ھەققىدە بەلگىلىمىلەر ھەمدە يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىرنى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇش تا ۋەزىيەت ۋە سىياسەت تەربىيىسىگە قارىتا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئوقتۇرۇشتا ھەرخىل قاتلام، ھەرخىل كەسىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە ۋەزىيەت ۋە سىياسەت دەرسىنى ئۆتۈش، بۇ دەرسنى ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ھەر ھەپتىدە ئىككى سائەت ئورۇنلاشتۇرۇش، ئادەتتە مەخسۇس تېما خاراكتېرىدە ئېلىپ بېرىش، ئىمتىھان ئېلىپ باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش، بۇ دەرسنى باشقا ئومۇمىي سىياسىي پەنلەرگە ئوخشاش زۆرۈرۈ ئوقۇشلۇق دەرسى قىلىپ بېكىتىشنى كۆرسەتتى. مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ئوقتۇرۇشىغا ئاساسەن ھەرقايسى قاتلاملاردىكى مەكتەپلەر ئۆز مەكتىپىنڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ۋەزىيەت ۋە سىياسەت دەرسىنى ئوميۈزلۈك ھالدا ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزدى ھەمدە مۇناسىپ بولغان ئوقۇتۇش ئورگانلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ چىقتى. مائارىپ مىنىستىرلىكى يەنە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ۋەزىيەت ۋە سىياسەت دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى قەرەللىك ھالدا تەربىيىلىدى ھەمدە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىن ئەتتەى. بۇنىڭ بىلەن ۋەزىيەت ۋە سىياسەت تەربىيىسى قېلىپلىشىش يولىغا چۈشتى. ۋەزىيەت ۋە سىياسەت دەرسى باشقا ئومۇمىي سىياسىي دەرسلەرگە قارىغاندا قارارلىق، قاراتمىلىق، سىياسىۋىلىك، ئۆزگىرىشچان بولۇش قاتارلىق ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغاچقا، بۇ دەرسنى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان سىياسىي ساپا ۋە كەسپىي ساپانى ھازىرلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.