34 ياشلىق ئىلھام ئەنەس فوتوگىراف ئىدى . ئۇ ھىندونىزىيەنىڭ جاكارتا شەھىرىدە تۇردۇ .ھىندونىزىيەنىڭ غەربى ياۋا ئارىلىدىكى باندۇڭ شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن .كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان يېرى شۇكى ، ئۇ ئامىرىكا زوڭتوڭى ئوباماغا قۇيۇپ قۇيغاندەك ئوخشايدىكەن ، ئۇنى كۆرگۈچىلەر :ئۇ ئوباما بىلەن قوشكېزەك ئوخشايدۇ ، دىگەن ئويغا كېلىدىكەن .
ئوباما ئامىرىكىغا زوڭتوڭ بولغاندىن كېيىن ، ئىلھام ئەنەسنىڭ رەسىمى ئېنتىرنىت تورى ئارقىلىق پۇتۇن دۇنياغا تارقالدى . ئۇنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان دۇنيا تور ئەھلى ھىندونىزىيەلىك بۇ ئەرنىڭ تېگىنى بىلىشكە ناھايىتى قىزىقتى .
قىزىقارلىقى شۇكى ، ئالدىڭقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرى ئوبامانىڭ ئامىرىكىلىق ئانىسى كىنىيەلىك ئېرى بىلەن ئاجراشقاندىن كېيىن ، رورو سوترو ئىسىملىك ھىندىنوزىيەلىككە ياتلىق بولغان ، ئوبامامۇ بالىلىق چاغلىرىدا ھىندىنوزىيەدە تۆت يىل تۇرغان .بەزىلەر مۇشۇنىڭغا ئاساسەن :ئىلھام ئەنەس ئوبامانىڭ << مەخپە ئىنىسى >> بولۇشى مۇمكىن ، دەپ گۇمان قىلىشقا باشلىغان .
ئىلھام ئەنەس سالاھىتىنى يېقىندىلا ئاشكارلاپ ، مۇخپىرنىڭ زىيارىتىنى تۇنجى قېتىم قوبۇل قىلغان .ئۇ : رەسىمىم ئېنتىرنىت تورى ئارقىلىق دۇنياغا تارقالغاندىن كېيىن ، ھىندىنوزىيەدىكى تېلىۋېزىيە ئىستانسىلىرى ، ۋە ئېلان سودىگەرلىرى مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ ، مېنى ئوبامانىڭ سىياقدىشى بولۇپ ،پىروگرامما ۋە ئېلانلارغا چىقىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى . مەنمۇ ئوبامانىڭ سىياقدىشى بولۇپ پۇل تېپىشقا باشلىدىم .
چىرايىمنىڭ ئوبامانىڭكىگە قۇيۇپ قۇيغاندەك ئوخشايدىغانلىقى ماڭا كەلگەن ئامەت .ئوبامانىڭ نامى چىقىشتىن بۇرۇن ئېلان چولپىنى بۇلۇپ قېلىشىمنى خىيالىمغىمۇ كەلتۇرمىگەن ، ھازىر بېشىمغا بەخىت قۇشى قوندى ، دىگەن .
مەنبەسى :بايىنغۇلىن گېزىتى 2009-يىل 3- ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى .
评论
بىلوگىڭىز ئۇلىنىش قىلىندى.خالىسىڭىز مىنىمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويۇڭ!
http://iqbal.blogbus.com/
http://iqbal.blogbus.com/files/12361412970.jpg