-
اللاھ تائالا نېمىشقا ئۆلۈمنىڭ ۋاقتىنى يۇشۇرۇن ساقلايدۇ؟ - [ئۆزىمىزگە نەزەر]2009-02-19
ئاللاھ تائالا ئىنساننى ھاكاۋۇرلۇق ۋە ماددىي نوپۇزىدىن مەغرۇرلىنىپ كىتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇشنى ۋە ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن ئۇنى دائىم ئەسلەپ تۇرۇشنى، ئۆلۈمنىڭ بىر خىل ئالاھىدىلىكى قىلىپ بەلگىلىدى. ئۆلۈمنىڭ ۋاقتى يۇشۇرۇن ساقلاپ قېلىندى.. بۇ نېمە ئۈچۈن؟
ئىنساننىڭ ھەر دائىم ئۇنىڭ بېشىغا كىلىپ قېلىشىنى تەخمىن قىلىپ تۇرىشى ئۈچۈن...ئۇ، ھەر قېتىم ھاكاۋۇرلۇق قىلغاندا، بىرەر ياكى بىر نەچچە سائەتلەردىن كېيىن، دۇنيادىن ئايرىلىپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇ، شۇلارنى ئويلايدۇ-دە، ھاكاۋۇرلىقىدىن يېنىپ، ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىلىرىگە قايتىدۇ.
ئەگەر، بىزنىڭ ھەر بىرىمىز ئۆلۈم ۋاقتىمىزنى بىلگىنىمىزدە، ئاللاھقا ئاسىلىق قىلىشىمىز، ھاياتتا يولسىزلىق قىلىشىمىز، كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىشىمىز... تۇرغانلار گەپ. ئاخىرىدا، ۋاپاتىمىزغا بىر قانچە ئايلا قالغاندا، ئىستىغفار ئېيتىپ، ئاللاھدىن كەچۈرۈم سۇرايمىز... بۇ ھالدا، ھاياتنىڭ ھېكمىتى ئۆلگەن بولىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ ئۆلۈمنىڭ ۋاقتىنى يوشۇرىشى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن خەۋەر بەرگىنى... يەنى ۋاقىتنىڭ ئېنىقسىز بولىشى دېمەك، ئىنساننىڭ ھەر ۋاقىت، ھەر بىر لەھزىدە ئۆلۈمنى تەسەۋۋۇر قىلىپ تۇرۇش دېگەنلىك بولىدۇ... شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاقىللارنىڭ بىر كۈزى دۇنيادا، يەنە بىر كۈزى ئاخىرەتتە بولىدۇ... ئەگەر، بىرەر گۇناھ سادىر قىلغاندا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلامدۇ ياكى قىسقىمۇ؟ يەنە بىر قېتىم يامان ئىش قىلىپ، تەۋبە قىلىشىغىچە ئۇ ھايات تۇرامدۇ؟ ياكى يامان ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندا، ئۆلۈم پەيتى كىلىپ قېلىپ، تەۋبە قىلىشقا پۇرسەت تاپالماي قالامدۇ؟... بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى بىلمەيدۇ.
يامان ئىشلار توغرىسىدا يوقىرىدا ئېيتقان سۆزلىرىمىزنى ياخشى ئىشلار ھەققىدىمۇ سۆزلىشىمىز مۇمكىن... ئەگەر، ئۆلۈمنىڭ مۇددىتى ئېنىق بولسا، ئىنسان ياخشى ئىشلارنىمۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىقى پەيتلىرىگە قالدۇرۇپ قويىشى مۇمكىن. ئەمما، ئاللاھ تائالا ياخشى ئىشنىڭ ھايات بويلاپ داۋاملىشىشىنى، ئەجەل كىلىشتىن ئىلگىرى ئىنسانلارنىڭ ياخشى ئىشلارنى قىلىۋېلىشىنى خالايدۇ. ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆلۈمنىڭ ۋاقتىنى مەخپى قىلدى. دېمەك، ئۆلۈمنىڭ مەخپى قېلىشى ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەتكە قىلغان زور ئىنئامى ۋە رەھمىتى. ئەجەل بىلەن ئاسىلىقنىڭ بىرگە كىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، يامان ئىشلاردىن قاچىدىغان، ئەجەلنىڭ تويۇقسىز كىلىپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ياخشى ئىشلارغا ئالدىرايدىغان قىلىپ بەرگىنى نېمىشقىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولمىسۇن؟!
يازغۇچى: مۇھەممەد مۇتەۋەللىي شەئراۋى.
دىيارىم مۇنبرىدىن ئېلىندى
收藏到:Del.icio.us
评论