بىز، ئىنسانىيەتنىڭ دىنغا بولغان ئېھتىياجى توغرۇلۇق بايانىمىزنى باشلاشتىن بۇرۇن <<دىن>> دېگەن سۆزنىڭ تەبىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
بىز تۆۋەندە تىلشۇناسلارنىڭ، دىن تارىخچىلىرىنىڭ، پەيلاسوپلارنىڭ دىن توغرىسىدىكى بايانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئولتۇرمايلا، بايانىمىزنى بىۋاسىتە باشلايمىز.
ئۇستازىمىز مۇھەممەد ئابدۇللاھ دەرراز «دىن ھەققىدە» دېگەن كىتابىدا بۇ ھەقتە تەپسىلىي ئىزدەنگەن ۋە دىننى (مەيلى قانداق دىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) يېغىنچاقلاپ، دىنغا مۇنداق تەبىر بەرگەن ئىدى.
دىن دېگەن: «ئىنساننىڭ كائىناتتا ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغان، تاللاش ئىختىيارلىقى بولغان، ئىنسانغا ئالاقىدار ئىشلارنى باشقۇرۇپ، ئۇنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئالىي مەرتىۋىلىك يوشۇرۇن بىر زات بار دەپ ئېتىقاد قىلىشىدۇر. ئىنسان بۇ خىل ئېتىقادنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇ زاتنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئازابىدىن قورقىدۇ، ھەم ئۇ زاتقا ئىتائەت قىلىدۇ ھەم ئۇزاتنى ئۇلۇغلايدۇ» قىسقا ئىبارە بىلەن ئېيتقاندا، دىن دېگەن: «تائەت-ئىبادەتكە لايىق بولغان ئىلاھقا ئىمان ئېيتىشتۇر». بۇ، دىننىڭ ئىنساننىڭ دىندار بولۇش جەھەتتىكى روھىي ھالەت نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرىلىشىدۇر. ئەمما، دىننى تاشقى ئامىل سۈپىتىدە چۈشەندۈرگەندە، ئۇنى: «ئىلاھىي كۈچ–قۇدرەتنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى نامايان قىلىدىغان نەزەرىيىۋى تەلىماتلارنىڭ، شۇنداقلا ئىلاھقا چوقۇنۇش ۋاسىتىلىرىنى دەلىللەپ بېرىدىغان ئەمەلىي قائىدە – تۈزۈملەرنىڭ يىغىندىسى» دېيىشكە بولىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە اللە تائالا يالغان دىنلارنىمۇ دىن، دەپ ئاتىغان. بۇ ھەقتە اللە تائالا مۇنداق دېگەن :«سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن» (سۈرە «كافىرۇن»، 6- ئايەت) ۋە: « كىمكى ئىسلام (دىنىدىن) غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ...» (سۈرە «ئال ئىمران»، 85- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئىسلام ئۆلىمالىرى دىنغا تۆۋەندىكىدەك تەبىر بەرگەن: «دىن دېگەن: ئەقلى ساغلام كىشىلەرنى دۇنيادا ياخشىلىققا يېتەكلەيدىغان، ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشتۈرىدىغان ئىلاھىي كۆرسەتمىدۇر.»
ساماۋى دىنلار ۋە ئۇلارنىڭ بىردەكلىكى
دىن تەتقىقاتچىلىرىغا ئايانكى دىن تۆۋەندىكىدەك ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ:
1. ساماۋى دىنلار: بۇ دىنلارنىڭ اللە تائالا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتاپلىرى بولۇپ، اللە تائالا ئىنسانىيەتكە چۈشۈرگەن ھىدايەت – كۆرسەتمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەسىلەن: يەھۇدىيلار ئۈچۈن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان تەۋرات؛ خىرىستىيانلار ئۈچۈن ئېيسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ئىنجىل ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىملەردىن ئىبارەتتۇر.
ئىسلام بىلەن باشقا ساماۋى دىنلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بولسا، ئىسلامنىڭ اللە تائالا تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە كەلتۈرۈلگەن ئەڭ ئاخىرقى رىسالە بولۇش خاسلىقى تۈپەيلى اللە تائالا ئۇنىڭ ئەسلى مەنبەلىرىنى ئىنسانلارنىڭ بۇرمىلىۋېتىشلىرىدىن قوغدىدى. ئەمما، باشقا ساماۋى دىنلارنىڭ كىتاپلىرى قوغدالمىغانلىقى تۈپەيلى، ئۇلارنىڭ اللە تائالا تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن ئەسلى بايان، مەزمۇنلىرى ئاشۇ دىنلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى تەرىپىدىن ئۆزگەرتىۋېتىلگەن ياكى يوقىتىۋېتىلگەن ئىدى.
2. يالغان (باتىل) دىنلار: يەنى بۇ دىنلارنى ئىنسانلار ئۆزلىرى پەيدا قىلىۋالغان. مەسىلەن: جۇڭگو ۋە ياپونىيدىكى بۇددا دىنى، ھىندىستاندىكى ھىند دىنى، قەدىمكى ئىراندىكى ئاتەش دىنى ... قاتارلىقلار.
ھەر بىر قوۋمگە ئەۋەتىلگەن ساماۋى دىنلارنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرى بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولسىمۇ، بىراق، اللە نى يەككە –يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلىشتىن ئىبارەت بولغان تەۋھىد بىرلىكى ھەممە ساماۋى دىنلارنىڭ ئورتاقلىقى ئىدى. مانا بۇلارنى اللە تائالا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغان: « اللە سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى ساڭا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھىي قلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار.» (سۈرە «شۇرا» 13- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) ۋە « سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا بىر خىل شەرىئەت ۋە ئوچۇق يول تەيىن قىلدۇق.» (سۈرە «مائىدە» 48- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
دەرھەقىقەت، قۇرئان كەرىمدە اللە نىڭ دىنى بىر ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، «ئىسلام» دىنىدۇر. اللە تائالا ئىسلام دىنى بىلەن بارچە ساماۋى كىتاپلارنى نازىل قىلغان؛ ئۇنىڭ بىلەن بارچە پەيغەمبەرلەرنى ئىنسانىيەتكە ئەۋەتكەن ئىدى. بۇ ھەقتە اللە تائالا مۇنداق دېگەن :« ھەقىقەتەن اللە نىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى ) دۇر.» (سۈرە «ئال ئىمران» 19- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) شۇڭلاشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرمۇ مۇسۇلمان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆز قوۋمىنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلغان ئىدى. بۇ ھەقتە اللە مۇنداق دېگەن: «ئىبراھىم يەھۇدىيمۇ ئەمەس، ناسارامۇ ئەمەس ۋە لېكىن توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى، اللە غا بويسۇنغۇچى (مۇسۇلمان) ئىدى.» (سۈرە «ئال ئىمران» 67- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
«ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ: ”ئى ئوغۇللىرىم! اللە سىلەرگە مۇشۇ دىننى (يەنى ئىسلام دىنىنى) تاللىدى، پەقەت مۇسۇلمان پېتىڭلارچە ئۆلۈڭلار (يەنى ئىمانىڭلاردا مەھكەم تۇرۇڭلار تاكى ئىمان بىلەن كېتىڭلار“ دېدى». (سۈرە«بەقەرە» 132-ئايەت)
«مۇسا: ”ئى قەۋمىم! ئەگەر اللە غا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، اللە غا بويسۇنغان (مۇسۇلمان) بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار (يەنى ھەممە ئىشىڭلارنى اللە غا تاپشۇرۇڭلار، ھەرقانداق ئەھۋالدا اللەغا يۆلىنىڭلار) دېدى. “». (سۈرە «يۇنۇس» 84- ئايەت)
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام اللە تەرىپىدىن ئىسلام (ۋەھالەنكى، ئىسلام دىنى ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ ئورتاق دىنىي ئىدى) بىلەن ئىنسانىيەتكە ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلدى، ھەمدە ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان ساماۋى كىتاپلارنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ئۇ كىتاپلار ئۆز ئىچىگە ئالغان دىننىڭ بۈيۈك ھەقىقەتلىرىنى، گۈزەل ئەخلاقىي دەۋەتلەرنى قايتىدىن تەكىتلىگەن ئىدى. قۇرئان كەرىمدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ساماۋى كىتاپلار ئۆز ئەگەشكۈچىلىرى تەرىپىدىن ئۆزگەرتىۋېتىلگەندىن كېيىن اللە تائالا قۇرئان كەرىمنى ئاشۇ كىتاپلارغا شاھىت بولغۇچى قىلىپ، ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنى ھىدايەت يولىغا يېتەكلەش ئۈچۈن نازىل قىلغان ئىدى.
بۇ ھەقتە اللە تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېگەن: «(ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرى (ساماۋى) كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازى قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ﷲ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان (ئەھكامى) بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن ھەقتىن بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن.» (سۈرە «مائىدە» 48- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
بىز بۇ باپتا ئىنسانىيەتنىڭ دىنغا بولۇپمۇ ساماۋى دىنلارنىڭ ئەڭ ئاخىرى بولغان ئىسلام دىنىغا موھتاج ئىكەنلىكى ئۈستىدە توختىلىمىز.
ئىنسانىيەت دىنغا موھتاج
ئىنساننىڭ دىنغا بولغان بولۇپمۇ ئىسلامغا بولغان ئېھتىياجى ھەرگىزمۇ ئىككىلەمچى ئېھتىياج ئەمەس، بەلكى، ئاساسى ئېھتىياج بولۇپ، ھاياتنىڭ چوڭقۇر يىلتىزلىرىغا، ھاياتلىقنىڭ سىر – ئەسرارلىرىغا، ئىنسان قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا مۇستەھكەم باغلانغان ئۈزۈلمەس رىشتىدۇر.
بىز تۆۋەندە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قىسقا ئىبارە بىلەن ئىنساننىڭ ھاياتىي دۇنيادا دىنغا موھتاج بولۇشىنىڭ سەۋەپلىرىنى بايان قىلىمىز:
ئىنسان ئەقلى مەۋجۇدىيەتتىكى بۈيۈك ھەقىقەتلەرنى بىلىشكە موھتاج
ئىنساننىڭ ئۆزىنى ۋە ئۆزى ياشاۋاتقان ئالەمدىكى شەيئىلەرنى بىلىشكە بولغان تەقەززالىقتىن ئۇنىڭ بىرىنجى قەدەمدە دىنىي ئەقىدىگە بولغان ئېھتىياجى بارلىققا كېلىدۇ. يەنى ئىنساننىڭ دىنغا موھتاجلىقى قەدىمدىن تارتىپ پەيلاسوپلارنى ئۆزىگە بەنت قىلىۋالغان، شۇنداقلا ئۇلار بۇ ھەقتە ئادەم قەلبىگە مەلھەم بولغىدەك جاۋاپ بېرەلمىگەن سوئاللارنىڭ جاۋاپلىرىنى بىلىشكە بولغان ئىنتىلىشلىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئىنسان تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىگە قانچىلىك بەنت بولۇپ كەتمىسۇن، ھامان بىر كۈنى ئۇ ئۆزىگە مۇنۇ سوئاللارنى قويۇشى مۇمكىن:
مەن نەدىن كەلدىم؟ نەگە بارىمەن؟ مەن نېمە ئۈچۈن يارىتىلدىم؟ مەن ياشاۋاتقان بۇ بىپايان ئالەم قانداق بارلىققا كەلگەن؟ مەن ئۆزلۈكىمدىن پەيدا بوپقالدىممۇ؟ ياكى مېنى ياراتقان ياراتقۇچى بارمۇ؟ ئۇنداق بولسا ئۇ زادى كىم؟ مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقەم زادى قانداق؟ ئاسمان – زېمىن، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك، شەيئىلەر ۋە يۇلتۇز – پلانېتلاردىن ئىبارەت بۇ بىپايان ئالەم ئۆزلۈكىدىن پەيدا بوپقالدىمۇ ياكى ئۇنى تەدبىرلىك بىر زات ياراتتىمۇ؟
يەنە ئۆلگەندىن كېيىنچۇ؟ ئىنسان بۇ زېمىندا مەلۇم مۇددەت مۇساپىرەتتە بولغاندىن كېيىن نەگە بېرىپ توختايدۇ؟ يارالمىش قىسسىسى پەقەتلا ئىنسان بۇ دۇنياغا يارىلىپ ، ئاندىن كېيىن زېمىن قوينىغا كىرىپ كېتىش بىلەن ئاخىرلىشامدۇ؟ ھەققانىيەت يولىدا ئۆزلىرىنى پىدا قىلغان مۇئمىن – مۇجاھىدلار بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ يامان، تويماس نەپسى ئۈچۈن باشقىلارنى قۇربان قىلغان زالىم، قانخورلارنىڭ ئاقىۋىتى باراۋەر بولامدۇ- يوق؟ ھاياتلىق ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشامدۇ؟ ياكى بۇ دۇنيادا يامانلىق قىلغانلار جازالىنىدىغان، ياخشىلىق قىلغانلار مۇكاپاتلىنىدىغان يەنە بىر ئالەم بارمۇ- يوق؟
ۋە يەنە ئىنسان نېمە ئۈچۈن يارىتىلدى؟ نېمە ئۈچۈن ئىنسانغا ئەقىل ۋە تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلدى؟ نېمە ئۈچۈن ئىنسان كائىناتتىكى ھەممە مەخلۇقاتلاردىن يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە بولغان؟ نېمە ئۈچۈن ئاسمان – زېمىندىكى مەۋجۇداتلار ئىنسان ئۈچۈن بويسۇندۇرۇلغان؟ ئىنسان مەلۇم مەقسەت ئۈچۈن يارىتىلغانمۇ؟ ئىنساننىڭ ھاياتلىقتا ئۆتەيدىغان ۋەزىپىسى بارمۇ؟ ياكى ئۇ بۇ دۇنيادا چاھار پايلاردەك يەپ- ئىچىشكە يارىتىلغانمۇ؟ ئەگەر ئۇ مەلۇم مەقسەت – غايە ئۈچۈن يارىتىلغان بولسا ئۇ زادى نېمە؟ ئۇنى زادى قانداق تاپالايدۇ؟ مانا بۇ سوئاللار ھەر ۋاقىت ئىنساننى چۆرىدەپ تۇرۇپتۇ ۋە بۇ سوئاللار چاڭقىغان قەلبلەرنى قاندۇرغىدەك جاۋاپلارنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. بۇ سوئاللارغا ئادەم قەلبىنى ئاۋۇندۇرغىدەك جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن ساپ دىنغا مۇراجىئەت قىلماي بولمايدۇ. چۈنكى، دىن دېگەن ئىنسانغا باشتىلا ئۇنىڭ يوقلۇقتىن مەۋجۇدلۇققا تاسادىپى كېلىپ قالمىغانىقىنى بەلكى ئۇنى كائىناتتا ياراتقۇچى بىر زاتنىڭ ياراتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ. ۋەھالەنكى، ئۇ زات ئىنساننىڭ پەرۋەردىگارى بولۇپ، ئۇ ئىنساننى يارىتىپ ئۇنى بېجىرىم شەكىلدە قىلدى، ئۇنى راۋۇرۇس يارىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىگە مەنسۇب روھنى (يەنى جاننى) كىرگۈزدى، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇلاق، كۆز ۋە يۈرەكلەرنى ياراتتى ۋە ئۇ تۆرەلمە ھالەتتكى ۋاقىتتىن تارتىپ ئۇنىڭغا خىلمۇخىل نازۇ – نېمەتلەرنى ئاتا قىلىپ تۇردى. اللە تائالا مۇنداق دېگەن: « سىلەرنى بىز ئاجىز مەنىدىن ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى تۇغۇلغۇچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىدان) دا قىلدۇق. بىز (ئۇنى ئابىمەنىيدىن يارىتىشقا) قادىر بولدۇق، بىز (ئۇنى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە يارىتىشقا) نېمىدېگەن ياخشى قادىر بولغۇچىمىز!» (سۈرە «مۇرسەلات» 20 – 23 – ئايەتلەر)
بۇ پىپايان ئالەم ئىنسانغا ياتمۇ ئەمەس، ياكى ئۇنىڭغا دۈشمەنمۇ ئەمەس. ئۇمۇ ھەم ئىنسانغا ئوخشاش مەخلۇق بولۇپ، ئۇ ۋە ئۇنىڭدىكى مەۋجۇداتلار نىشانسىز ياكى ئۆز مەيلىچە ئايلىنىپ يۈرمەيدۇ. ئۇنىڭدىكى ھەر بىر نەرسە، ھەر بىر مەۋجۇدات ئىنچىكىلىك بىلەن، ئۆلچەملىك بىلەن يارىتىلغان ھەم شۇنداق ئايلىنىدۇ. مانا بۇلار اللە تائالانىڭ ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلغان پەزلى ۋە مەرھىمىتى. ۋە ھالەنكى، ئىنسان اللە تائالانىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن نازۇ – نېمەتلىىرىدىن ۋە بەرىكاتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ. اللە نىڭ كائىناتتىكى روشەن دەلىللىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، اللە تائالا ھەققىدە كەسكىن دەلىل – پاكىتلارنى كەلتۈرىدۇ. اللە تائالا مۇنداق دېگەن: « اللە (پۈتۈن مەخلۇقاتنى) ياراتتى، (ئۇلارنى) بېجىرىم (يەنى چىرايلىق ۋە مۇناسىپ شەكىلدە) قىلدى. مەخلۇقاتقا پايدىلىق ئىشلارنى (تەقدىرقىلدى، ئۇلارغا پايدىلىنىش يوللىرىنى) كۆرسەتتى.» (سۈرە «ئەئلا» 2 – 3 – ئايەتلەر) ۋە «شۇبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈز نىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر بار» (سۈرە «ئال ئىمران» 190- ئايەت) ئىنسان مۇشۇنداق ئەقىدىنىڭ تۈرتكىسىدە بۈيۈك مەۋجۇدىيەتكە ۋە مەۋجۇدىيەتنىڭ پەرۋەردىگارى اللە تائالاغا مەھكەم يېپىشىدۇ. بېكىنمە ھالەتتە ياشىمايدۇ. تەركىدۇنيالىق قىلمايدۇ، ۋەھىمە ئىلكىدە ئېسەنگىرەپ يۈرمەيدۇ.
دىن دېگەن ئىنسانغا، ئىنسان ھاياتىي دۇنيادىكى سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن نەگە بېرىپ توختايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ. يەنى دىن ئىنسانغا ئۆلۈم دېگەن ھاياتلىقنىڭ پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىشى بولماستىن بەلكى ئۇ قەبرە ھاياتى ئارقىلىق ئاخىرەت يۇرتىغا كۆچۈش بولۇپ، ئۇ يەردە ھەر بىر ئىنسان قايتىدىن تىرىلدۈرۈلۈپ، ھەر بىر ئادەم دۇنيادا قىلغان ياخشى – يامان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى تولۇق كۆرىدىغانلىقىنى؛ نەتىجىدە مەڭگۈ دەۋزاختا ياكى مەڭگۈ جەننەتتە قالىدىغانلىقىنى، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن ھەر قانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلى بىكار قىلىۋېتىلمەيدىغانلىقىنى؛ زومىگەر – زالىملارنىڭمۇ ئەدلىي ئىلاھىيىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ. اللە مۇنداق دېگەن: «كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ» (سۈرە «زەلزەلە» 7- 8- ئايەتلەر) ئىنسان مۇشۇنداق ئېتىقادنىڭ تۈرتكىسىدە قەلبىدە مەڭگۈلۈك تۇيغۇسى بىلەن ياشايدۇ، ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈككە يارىتىلغانلىقىنى، ئۇ پەقەت ئۆلۈم ئارقىلىق بىر ئالەمدىن يەنە بىر ئالەمگە كۆچۈپ بارىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.
دىن دېگەن، ئىنسانغا ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن مەخلۇقاتلاردىن ھۆرمەتلىك، ئۈستۈن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ. يەنى دىن ئىنسانغا ئۇنىڭ قانداق مەقسەت – غايە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى؛ ئۇنىڭ زېمىندىكى ۋەزىپىنىڭ نېمىلىكىنى؛ ئۇنىڭ بىكار يارىتىلىپ، ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلمىگەنلىكىنى؛ ئۇنىڭ زېمىندا اللەنىڭ ئىز باسارى بولۇش ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ. ئىنسان بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، زېمىننى اللە بۇيرۇغان رەۋىشتە ئاۋات قىلىدۇ، ئۇنىڭ سىر – ئەسرارلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى اللەنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن مۇسەخخەر قىلىدۇ، ئۆزگىنىڭ ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلمايدۇ، زېمىننىڭ ھالال نازۇ – نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، اللە نىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىدۇ. ۋەھالەنكى، اللە نىڭ ئىنسان ئۈستىدىكى ھەقلىرى: كىشى پەقەت يەككە – يېگانە زات اللە قىلا ئىبادەت قىلىشى، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىكى، اللە قا اللە ئىنسانىيەتكە توغرا يولغا باشلىغۇچى، بېشارەتچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئىبادەت قىلىشى ... قاتارلىقلاردۇر. ئىنسان ئىمتىھان ۋە سىناقتىن ئىبارەت بولغان بۇ زېمىندىكى ۋەزىپىسىنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلسا، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئاخىرەت كۈنى كۆرىدۇ. اللە تائالا مۇنداق دېگەن: << ئۇ كۈندە ( يەنى قىيامەت كۈنىدە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ.>> (سۈرە<<ئال ئىمران>> 30- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
مانا، ئىنسان بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ يارىلىشىشىنىڭ سەۋەپ – ھېكمىتىنى تونۇپ يېتىدۇ، ئۇنىڭ زېمىندىكى ۋەزىپىسى بەلگىلىنىدۇ. بۇلارنى ئۇنىڭغا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، مەخلۇقاتلارغا ھايات بەخش ئەتكۈچى، ئىنساننى ياراتقۇچى زات اللە بىلدۈرۈپ قويغان ئىدى.
بۇ دۇنيادا دىنسىز، اللەقا ئىمان كەلتۈرمەي، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەي ھايات كەچۈرىدىغان ئادەم، ھەقىقەتەن ئىنتايىن بىچارە، كاتتا ئىنئامدىن مەھرۇم قالغان بەتبەخت ئىنساندۇر. بۇنداق ئىنسان ئۆزىنى ھايۋانىي مەخلۇق دەپ قارايدۇ. ئۇ، ھايات ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، بىر بىرىگە خىرىس قىلىدىغان يىرتقۇچ، ھايۋانلاردىن پەرقلەنمەيدۇ. خۇددى ئۇ، نام – نىشانسىز، ھاياتلىقنىڭ سىر – ھېكمىتىنى بىلمەي ئاشۇ يىرتقۇچ ھايۋانلاردەك مەلۇم مۇددەت ياشاپ ئاندىن ئۆلۈپ كېتىدىغان ھايۋانغىلا ئوخشايدۇ. بۇنداق ئىنساننىڭ ھېچقانداق ئادىمىيىلىك قەدرى – قىممىتى بولمايدۇ، تىلغا ئېلىپ ئولتۇرۇشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ قانداق يارالغانلىقىنى؛ ئۆزىنى كىمنىڭ ياراتقانلىقىنى؛ ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادا نېمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىنى؛ نېمە ئۈچۈن ئۆلىدىغانلىقىنى؛ ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىشلار بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ھايات – ماماتلىق، تۇغۇلۇش–ئۆلۈشتىن ئىبارەت بارچە ئىشلىرى جاھالەت ئىچىدە. اللە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ ئاخىرەت توغرىسىدىكى ئىلمى پىشىپ يېتىلدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئاخىرەت توغرۇلۇق گۇماندىدۇر، ئۇلار ئاخىرەت كۈنى توغرۇلۇق كوردۇر.» (سۈرە«نەمل» 66- ئايەت)
ئۆزىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ھەقىقەتنى، ئۆزىنىڭ يارىلىشىنىڭ سەۋەبىنى، بۇ زېمىندا ياشاشنىڭ غايىسىنى بىلمەي جاھالەت ۋادىلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرىدىغان ئادەمنىڭ ھاياتى نېمىدىگەن غېرىبلىق ھايات- ھە! بۇنداق ئىنسان دۇنيانىڭ ھەرخىل نازۇ – نېمەتلىرىگە، راھەت – پاراغەتلىرىگە كۆمۈلۈپ كەتسىمۇ، ھەر قانچە ئالىي ئۇنۋانلارنى ئېلىپ كەتسىمۇ، يۇقىرى مەنسەپلەرگە ئىرىشىپ كەتسىمۇ يەنىلا ئۇ ئىنتايىن بىچارە، بىتەلەي ئىنساندۇر. ئۆمەر ھەييامغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئېسەنگىرەپ يۈرۈشىنى تەسۋىرلەپ:
ھايات سەپىرى ئىچرە تەلمۈرۈپ يۈردۈم ھەر يان،
ۋە لېكىن، تاپمىدىم مەن نىھايەت راھەت- ئامان.
بولدى بەس! ئاخىرلاشقۇسى ئەمدى بۇ سەپەر.
بىلمىدىم نېچۈن ھاياتمەن ۋە ياكى مەنزىلىم قايان؟
دېگەن كىشى بىلەن، تولۇق ئىشەنچ بىلەن: «ئۆلۈم دېگەن بىر سەپەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ پانىي دۇنيادىن باقىي دۇنياغا كۆچۈشتۈر» دېگەن كىشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار، ئەلۋەتتە.
ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز مۇنداق دېگەن :«بىز مەڭگۈلۈككە يارىتىلدۇق. بىز ئۆلۈم ئارقىلىق پەقەتلا بىر دۇنيادىن يەنە بىر دۇنياغا كۆچۈپ بارىمىز.»
دېمەك، ئىنساننىڭ دىنغا بولغان ئېھتىياجى ھەرقانداق نەرسىدىن ئىلگىرى ئۆزىنى ۋە ئالەمنىڭ بۈيۈك ھەقىقەتلىرىنى بىلىشكە بولغان ئېھتىياجىدىن كېلىدۇ. ئۇ ھەقىقەتلەرنىڭ بېشى ۋە بۈيۈكى بولسا، اللە نىڭ مەۋجۇتلۇقى، يەككە –يېگانىلىقى ۋە كامالەت ئىگىسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەتتۇر. شۇڭلاشقا اللە نى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىش بىلەن ئالەمنىڭ سىرى ئېچىلىدۇ، ئىنسان ئۈچۈن نىشان ۋە غايە ئېنىق بولىدۇ، ۋاسىتە ۋە توغرا يول مۇئەييەنلىشىدۇ.
ئاللاھ رەمەت قىلسۇن،