بۇرۇنقى زاماندا ئادەملەر كۆپ ئىكەن. مۇسۇلمانلار ئاز ئىكەن. شۇ زاماندا بىر پادىشا بولۇپ ئۇنىڭ كۈلقىز ئىسىملىك بىر قىزى بولۇپ، شۇ يۇرت بويىچە ۋە كائىنات بويىچە چىرايلىقلىقتا ھەم ئەخلاقلىقىدا ھەممە ئادەمنىڭ ئىچى كۆيىدىكەن. شۇ كۈنلەردە، شۇ يۇرتتىكى بىر جادۇگەر ئۇ قىزغا ئېرىشمەكچى بوپتۇ. كۈلقىزنىڭ بىر خىزمەتكارى جادۇگەرنىڭ ئادىمى ئىكەن. جادۇگەر ھېلىقى چاكىرىغا بۇيرۇپ، بىر ھايلىقنى بىرىپ ۋە بۇنى كۈلقىز غا ئىچكۈزۈۋەت، دەپ بۇيرۇپتۇ. ئەسلىدە ئۇ چاينى ئىچكەن ئادەم قارا تىكەنگە ئايلىنىپ قالىدىكەن. چاكار چاينى ئەكىلىپ دەملەپ قىزغا بىرىپتۇ. قىز بۇ چاينى ئىچىشتىن بۇرۇن « بىسمىللاھ » دىگەنلىكى ئۈچۈن قارا تىكەنگە ئايلىنىپ قالماپتۇ ۋە ئەكسىچە بۇرۇنقىدىنمۇ چىرايلىق بوپ كىتىپتۇ. ھېلىقى چاكار بولسا قارا تىكەنگە ئايلىنىپ قاپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان جادۇگەر ئاچچىقتىن يېرىلىپ ئۆلۇپتۇ .....
شۇنىڭدىن كىيىن كۇلقىز كېلىن بولغىچە، ئانا بولغىچە ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە: ياراتقان ئۇلۇغ پەرۋەردىگار ئۆزۈمنى ساڭا تاپشۇردۇم، مىنى پاناھىڭدا ساقلىغىن، دەپ دۇئا قىپتۇ....
مەن بۇنى بىر كىتاپتىن كۆرگەن........