-
ئېييتىمەن سۆيۈملۈك *ئۇيغۇر قىزى *ساڭا... - [شىېئىرلار]2008-11-04
ئويغۇر قىزى ئىدىڭ شۇنچىلىك ئوماق،
لىكىن كۆرمۈدۈم چېھرىڭدىن ئۇنى.
خۇنۇكلىشىپتۇ كۆزلىرىڭ غۇۋا.
ئەمدى كىمدىن كۆرىسەن ئۇنى.
مۆمىن جان ئېيىتى «گۈزەللىك سەندە»
توغرا،ھەقىقىي گۈزەللىك بىر ئۆزۈڭدە.
ئىزلىمە سۈنئىيدىن گۈزەللىگىڭنى،
ئەسلى ئۇ ئىدى سېنىڭ قەلبىڭدە.
شەرمى- ھايا قىزلارغا شۇنچىلىك مۇھىم،
باشقىدىن قىلمىساڭمۇ ھايا،ئاللاھتىن قورققىن.
ئىپپەتلىك ئاياللارلا ھەقىقي گۈزەلدۇر،
نۇزۇگۇم،تۇمارسلار...روھىنى دورىغىن.
«قىز دېمەك ئايال،مىللەت دېمەكتۇر»
كۈتۈر ئۇيغۇر سەندىن چوڭ ئۈمۈدلەرنى.
ياشىغىن پاك ياشا ئۇيغۇردەك ياشا!!!...
ئەل قەلبىدە قالدۇرۇپ چوڭقۇر ئىزلارنى.
ئاخىردا دەيمەن ھەي ئۇيغۇر قىزى،
سەندە ھەممىنىڭ ئۈمۈدلۈك كۆزى.
قالدۇرما ئۇيغۇرنى داغدا،ھەسرەتتە،
روھىڭدىن تىكلەنسۇن مىللەتنىڭ ئۇلى.
ياشايمەن ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزىدەك،
كۆڭلۈمگە ئىنساپ،ئىماننى تىلەپ.
ھەقىقي گۈزەل «مۇسلىمە»بۇلۇش،
مىنىڭ ئارزۇيۇم خۇشپۇراق گۈلدەك.
收藏到:Del.icio.us
ئېييتىمەن سۆيۈملۈك *ئۇيغۇر قىزى *ساڭا..
Blog:ئەلچىن بىلوگى2009-10-19 15:16:08
引用
下面Blog引用了该文: