ئايرىمايدۇ مۇھەببەت باي - گادايلىق پەرقىنى ،
بېكىتەلمەس ھىچ كىشى ئۇنىڭ باھا نەرقىنى .
چىن يۈرەكتىن سويگەنلەر بىغىشلاپمۇ بىر ئۆمۈر ،
سۈرۈشتۈرمەس ئەزەلدىن سۆيگۈ-مېھرىنى ھەققىنى .
كۈلۈپ ئېيتار ئاشىقلار ئازاپنىمۇ بەخىتتۇر دەپ ،
مەشۇق بىلەن ياشىسام چۆللەردە ھەم تەخىتتۇر .
گەر كەتسىمۇ ھاياتىم جان ئىزىلەش يۇلىدا ،
ۋىسال ئۈچۈن مۈشۈ كۈنلەر ئەھمىيەتلىك دەستۇر .
ئەل ۋەتەنگە ياراملىق دەپ قارىساڭ ،
تۆھپەڭ بىلەن ۋاكالىتەن سانالساڭ .
<<ئادا بولدى سۇتۇم ھەققى >>دەپ ئاناڭ ،
ياۋىلار ئۈچۈن ئوقيا بۇلۇپ قادالساڭ .
قەدەملىرىڭ مۈشكۈللاتنى يەڭگەندە ،
شان-شەرىپنى خەلىقىڭ ساڭا بەرگەندە .
بىخ سۈرمىسۇن ۋۇجۇدىڭدا مەغرۇرلۇق ،
ئۇتۇقلارنىڭ گۇل تاجىنى كىيگەندە .
ئەجەل كەلسە قاچالمايسەن تاغلار كەينىگە،
ياشيالمايسەن پۇل-مېلىڭنى قۇيۇپ رەنىگە .
نەلەرگە قاچ ماكانىلايسەن كىتۋېتىپ قەبرىگە،
بۇ دۇنيادا ھايات دېگەن قەرىز ھەممىگە .
دىلدىن مېھر بىرىپ تۇر .سۆيگۈ بېغىڭ قۇرمىسۇن ،
جۇدۇن شىۋىرغان يىقىتىپ گۈلزارىڭنى ئۈزمىسۇن .
ئۆتمۇش بولغان كۈنلەرنى سايا قىلىپ ياشلىما ،
تەشنا يۈرەك يىتىرقاپ تەشۋىشلىنىپ تۇرمىسۇن .
سۆيگۈمنىڭ ئىشىكى ساڭىلا ئۇچۇق ،
ئۆزىگە يوق ھەتتا قىلچىلىك يۇچۇق .
<<دۇنيادا مىڭ كىشى كۆڭۈلدە بىر>>دەپ ،
سەن ئاشۇ مىڭلاردىن مىڭلارچە ئۇشۇق .
评论