• ئاھ ، مىنىڭ مىللىتىم - [ئۆزىمىزگە نەزەر]2008-11-01

    ئاھ ، مىنىڭ مىللىتىم
    رۇزى سايىت
    1
    نەسەبتە كۈللى ئالەم ئىتراپىلىق مىللىتىم باردۇر ،
    ئۇغۇز پۇشتى _مۇقامى كاتتىلىقتا زىننىتىم باردۇر .

    يۈسۈپ ، مەخمۇت كىتابىغا يىزىلغان نىي باھادارلىق ،
    يەنە تاڭ قامۇسىدا قەيىت ئەجىرلىك مېنىتىم باردۇر .

    يىپەك ، قاشتاش ، گىلەم ، بۇغداي ، بېدە ، قەغەز . . . گە بىز ھەغدا ،
    (بۇنى جاڭ چىيەنمۇ تەستىقلايدۇ تۆھپەم ، قىممىتىم باردۇر .)

    قەدىم تۆھپە _ يىراق ئۆتمۈشكە تالىق ، ماختىناي قانداق ،
    قۇياشلىق تاڭدا يۈكسەلمەككە تاغدەك ھىممىتىم باردۇر .

    مىنىڭ بۇ مىللىتىم شۇنداق '' قېرى'' ، ياق ،نەۋجىۋان مىللەت ،
    بۇ مىللەتنىڭ بۈگۈن ، ياق ، ئەتىسىدە تەم _ تېتىم باردۇر .

    مىنىڭ بۇ مىللىتىم '' پەگاغا '' چۈشكەن ، <<تۆر>>گىمۇ چىققان ،
    بۇ ھەقتە سۆزلىسەم شان شەۋكىتىم گاھ ئىللىتىم باردۇر .

    ئۆزىنىڭ مىللتىنى يەرگە ئۇرماس ھىچ كىشى زىنھار ،
    مېنىڭ بۇ ''تىللىشىم''دا تەكتى ھۆرمەت ، خىزمىتىم باردۇر . . .
    2
    بۇ مىللەت شەنىنى يايغان جاھانغا ئۆم ئۇيۇشقاقلىق ،
    ھالا ئەمدى چېچىلدى قۇم كەبى ، تەستەك قۇيۇشماقلىق .(1)

    ھەسەتلىك دىل ، ھەسەتلىك گەپ ، ھەسەتلىك كۆز . . . شۇڭا دائىم ،
    ئارام تاپمايدۇ ''كولاش'' تا ، تېخى كۆپ تويۇشماقلىق .

    خىيالىدا ئىلىم _ئىرپان ئەمەس جاڭجال ، رىيا ، پىتنە . . .
    ئەدەپ ئەخلاقنى يەم قىلدى قىزىل كۆزلۈك ئۇرۇشقاقلىق .

    كىچىكلەر چوڭلارغا بىھۆرمەت ، ئەپۇنى خالىماس چوڭلار ،
    ئۇدۇم بوپ قالدىغۇ چۈجە _ خۇرازدەك تەڭ تۇرۇشماقلىق .

    '' مۇھەببەت سۆيگۈدە گۈللەيدۇ ئالەم ، زىتلىشىش نەسلىك ،
    بۇ نەسلىك يولنى تار قىلغاي '' نى ھېچ ئويلاپ قۇيۇشماقلىق .

    كىشىنىڭ چىن ۋاپا ، ئىخلاستىن ئارتۇق غەمخۇرى نەدە ،
    بۇ مىللەت ئۇشبۇ غەمخورلۇق بىلەن سۆھبەت قۇرۇشماقلىق .

    ئىلىم _ پەن راك بىلەن ئەيدىزگە تاپتى _ تاپقۇسى مەلھەم ،
    بۇ مىللەت خەۋپى راك يەڭلىغ مىجەزىنى تۇنۇشماغلىق .
    3
    بۇ مىللەتتە '' ساقاللىقلار '' ناماز خانلىققا يۈزلەندى ،
    '' ساقالسىزلار '' لاغايلاشقا ، مەمەدانلققا يۈزلەندى .

    ئۇيۇنپەزلەر سوقۇپ تاش بىرلە تاشنى كۆڭىلىنى ئاچسا ،
    ''كارا OK'' ، '' تانسىكەش'' نىڭ ۋاقتى بىزمانلىققا(2)يۈزلەندى .

    جاھان نەدە ، ئۆزى نەدە ؟ بۇنى ئويلايدىغانلار ئاز ،
    ئەجەپ ئىش ، پەيلى خۇيىدا بەخىرامانلىققا كۆندى .

    پاسۇن - مودا كىيىم ، چاچ نۇسخىسى سۆھبەتتكى ماۋزۇ ،
    ياسانماقنىڭ غېمى ھالى پەرىشانلققا يۈزلەندى .

    ''يېرى كەڭ ، بايلىقى مول ، خەلقى ئەمگەكچان'' ئاتالغان يۇرت ،
    ھۇرۇنلىقتا كۈنى ، ئىسىت ، خەيرى - ئېھسانلىققا يۈزلەندى .

    بۇ مىللەت ئىلمۇ...ئىرپان ، كەشىپ ئىجادتا تۆھپىكار مىللەت ،
    نېمىشقا ئەمدى ''ئەقلى كالتە ئىنسان'' لىققا يۈزلەندى ؟

    بۇ مىللەتنىڭ غېمىدە تۇرسا دەۋران ، يۆلىسە ھەدەپ ،
    نېمىشقا يۆلىگەنچە سالپۇ سەرسانلىققا يۈزلەندى ؟ . . .
    ***********************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用

    下面Blog引用了该文:
  • Blog:نىمروھ تور مەھەللىسى
    2010-01-04 21:24:09

bilimliklar blogi