مەزكۇر سېستىمىنى بىلىملەر تورى تور گۇرپىسى ياساپ چىقتى. ھەرقانداق شەخس، شىركەت ۋە ئورگانلارنىڭ توردا ھەقلىق سېتىشىغا، ئۆزگەرتىپ سېتىشىغا قەتئىي بولمايدۇ.
بىلىملەر تورى خەۋەر سېستىمىسى 1.5 نىڭ 1.0 دىن پەرقى:
1. بىكەت ئۇچۇرلىرى باشقۇرۇش ئەلالاشتۇرۇلدى.
2. بىكەت لوگو رەسىم ئارقا باشقۇرۇشتىن بىۋاستە يوللىنىدۇ، ھەم ئىگىزلىكىنى خالىغانچە تەڭشىگىلى بولىدۇ.
3. خالىغانچە تۈر قوشسىڭىز، ئۈچۈرسىڭىز ھەم تەھرىرلىسىڭىز بولىدۇ. بەت ئۇسلۇب بۇزۇلمايدۇ.
4. خەۋەر رەسىمىنى بىۋاستە بوشلۇققا يوللاش ئىقتىدارى قۇشۇلدى.
5. خەۋەر تەھرىرلىگىلى بولماسلىق مەسلىسى ھەل قىلىدى.
6. خەۋەر تەھرىرلىگەندە خەۋەر تۈرى ئەسلى تۈرنى ئاپتۇماتىك تاللىماسلىق مەسلىسى ھەل قىلىدى.
7. خەۋەر تۈر بېتىدە خەۋەرلەر بەت ئايرىلىپ كۆرۈندىغان قىلىندى.
8. دوستانە ئۇلىنىش كېڭىيىپ كېتىش مەسلىسى ھەل قىلىندى.
9. كۆپ كۆرۈلگەن تېمىلار ئۇزۇراپ كېتىش مەسلىسى ھەل قىلىندى.
10. رەسىملىك تېما قالايمىقان چىقىۋېلىش مەسلىسى ھەل قىلىندى.
11. ئېلان قۇشۇش ۋە تەھرىرلەش ئورنى ئەلالاشتۇرۇلدى.
12. ھەر قايسى تور كۆرچۈچلەدە بىكەت ئۇسلۇبى ئوخشاشلا رەتلىك كۆرىنىدۇ.
13. ubuntu ئىشلىتىۋاتقان تورداشلار مەزكۇر سېستىمىنى ئاچسا خەت خۇددى ھازىرقى خەتتەك نۇرمال چىقىدۇ.
14. سېستىمىغا eot ئۇلاشنىڭ ھاجىتى يوق. ھەرقانداق بىكەتتە خەت نۇرمال چىقىۋېرىدۇ.
15. خالىغانچە باشقۇرغۇچى قوشالايسىز، ئۈچۈرەلەيسىز، تەھرىرلىيەلەيسىز.
باشقا ئىقتىدارلار داۋاملىق قوشىلىدۇ ...
بىلىملەر تورى خەۋەر سېستىمىسى 1.5 نى ئىشلىتىش شەرتنامىسى
مەزكۇر سېسستىمىنى ئىشلەتكەن ۋاقتىڭىزدا بىكەت ئاستى قىسمى (لوگو ئاستى) غا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشقا
قەتئىي بولمايدۇ
بىلىملەر تورى خەۋەر سېستىمىسى 1.5 نىڭ سىناق كۆرۈش ئادىرىسى:
http://bilimlar.web-107.com/
بىلىملەر تورى خەۋەر سېستىمىسى 1.5 نى چۈشۈرۈش:
چۈشۈرگەندە بىلىملەردىكى ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرىپ چۈشۈرۈڭ. ئامال بار 迅雷 ئىشلەتمەڭ. 搜狗 تور كۆرگۈچنى تەۋسىيە قىلىمىز.
Bilimlar.com_news1.5.zip
(870.37 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2191)
ئارقا بەتكە كىرىش ئىغىزى: /admin كىرىش ئىسىم ۋە پارولى: admin
چۈشۈرۈپ بولاقنى يەشسىڭىز news بىلەن myimg دەپ ئىككى ھۆججەت قىسقۇچ چىقىدۇ. ھەر ئىككىلىسىنى بوشلۇققا يوللايسىز. news نىڭ ئىسمىنى خالىغانچە ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ. myimg چۇقۇم بوشلۇق غول مۇندەرىجىسىدە تۇرىشى كىرەك، ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋاتسىڭىز قەتئىي بولمايدۇ. بولمىسا سېستىمىنىڭ بوشلۇققا بىۋاستە رەسىم يوللاش ئىقتىدارى ئىشلىمەي قالىدۇ.
html ھاسىللاشنى ئىشلىتىمەن دىگەن تورداشلار news نىڭ ئىچىدىكى html.asp نى خاتىرە دەپتىرە ئېچىپ، ئۈستىدىكى خەۋەر سېستىمنىڭ index.asp ھۆججىتى ئادىرىسىنى ئۆزىڭىزنىڭ تور نامىڭىزغا ئالماشتۇرۋالسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن ئارقا باشقۇرۇشتىكى « html ھاسسىللاش » كۇنۇپكسى ئارقىلىق باش بەتتە html ھاسىل قىلالايسىز. بىكەتنىڭ ئېچىلىشى تىزلىشىدۇ.
دوستلۇق ئۈچۈن:
بىلىملەر تورى سېستىمىلىرى ئىزچىل ھەقسىز تارقىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇ سېستىمىنىمۇ دەل بىر كۈن مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ يېزىپ چىقتىم. شۇ جاپارىم بولسىمۇ ھەر بىر چۈشۈرۈشىڭىزدە بىلىملەردىكى ئېلانلىرىمىزنى بىردىن دەسسىۋەتسىڭىز سىزدىن بەكمۇ مىننەتتار بولغان بۇلاتتىم. {:soso_e112:}
ئەسكەرتىش: سېستىمىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەندە ئەسلىدىلا بىلىملەر تورى، 3 كوي تورى، دوستلار تورىنىڭ لوگوسى ئۇلاغلىق. مەن بۇلارنى چۇقۇم ئۇلايسىز دىمەيمەن. ئۇلاپ قويايچۇ دىگەن تورداشلار بولسا چىقىرىپ قويساڭلار خوش بۇلۇپ قالمەن. لىكىن ئېلىۋەتسەڭلارمۇ ھەرگىز خاپا بولمايمەن جۇمۇ... ئاساسلىق كىلىشمىگە خىلاپلىق قىلمىساڭلارلا بولدى.
ئەمسە چۈشۈرۈپ سىناقنى باشلىۋېتىڭلار. سىلەرگە ئامەت تىلەيمەن.
يازما مىكرو بلوگغا يوللاندى adminنىڭ مىكرو بلوگى