ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارىلىق قېرىنداشلار .
ھەممىمىزگە ئايان ھازىر جەمىيتىمىزدە تىلفۇنلارنىڭ يۈتىشى كۆپ ئۇچىرايدىغان ئەھۋالدۇر .
كۈپۈنچە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئالما تىلفۇنغا نىسبەتەن چۈشەنچىسىنىڭ كەمچىللىكىدىن تىلفۇنى يۈتۈپ كەتكەندە تەقدىرگە تەن بىرىپ بولدى قىلىدۇ . ئەمەلىيەتتە يۈتۈپ كەتكەن ئالما تىلفۇنىنى قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بۇلىدۇ . ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق ۋاقىت ۋە ئىقتىسا سەرىپ قىلىش كىرەك . بۇ توغۇرلۇق سالوندا iCloud ئارقىلىق يۈتۈپ كەتكەن ئالما تىلفۇننى قۇلۇپلاپ قۇيۇش ۋە ماتىرياللارنى يۇيۇۋىتىش ، تىلفۇننىڭ ئورنىنى بەلگىلەش دىگەن تىمىلارمۇ يوللاندى ، بەلكىم كۆپ قېرىنداشلىرىمىز پايدىلانغاندۇ . بۇگۈن تېخىمۇ ئۈنۈملۇك ئۇسۇلدىن بىرنى سۆزلەي .
ئۇنداقتا زادى قانداق قىلىپ يۈتۈپ كەتكەن ئالما تىلفۇنىنى قايتۇرۇپ كىلىمىز ؟ ئۇنداقتا تۈۋەندىكى باسقۇچلارنى تەپسىلى كۈرۈپ چىقىڭ.
1- ئەڭ ئاۋال شۇ يۇتۈپ كەتكەن ئالما تىلفۇننىڭ سىزنىڭ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتىڭىز بۇلۇشى كىرەك . يەنى تىلفۇننى سېتىۋالغان ۋاقىتتىكى تالۇن ، تىلفۇن قېپى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار .
2- تاۋباۋ تورىدا مۇشۇ يۈتۈپ كەتكەن ئالما تىلفۇنىنى قايتۇرۇپ كىلىشكە ياردەم قىلىدىغان سودىگەرلەر بار . شۇلارنىڭ خالىغان بىرىنى ئىزدەپ ئۇلارغا تىلفۇنىڭىزنىڭ رام نۇمۇر (
IMEI) نى تەمىنلىسىڭىزلا (
بۇ نۇمۇر سىز سېتىۋالغان تىلفۇن قېپىنىڭ سىرتىدا بار بۇلىدۇ )ئۇلار سىزگە يۈتكەن تىلفۇنىڭىزدىكى تېپىۋالغۇچى ياكى ئۇغۇرلىغۇچى سالغان كارتىنىڭ بىردىنبىر پەرىقلەندۈرۈش نۇمۇر (
ICCID) نى ۋە قارشى تەرەپ ئىشلەتكەن كارتىنىڭ ماس تىجارەت نامى (移动يا联通يا电信) ئىكەنلىكىنى دەپ بىرىدۇ .
3- باسقۇچتا سىز مۇشۇ تىلفۇننى سېتىۋالغانلىق ئىسپاتى ۋە
ICCID نۇمۇرلىرى ئارقىلىق ساقچىغانىغا دىلو مەلۇم قىلىپ ، ساقچىنىڭ ھەمكارلىقىدا تىجارەت زالىغا بېرىپ
ICCID نۇمۇر ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ تىلفۇن نۇمۇرى ، كىملىك نۇمۇرى ، تۇرۇشلۇق جايى ۋە ئىسمى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئىرىشەلەيسىز .
4- يەنە ساقچىنىڭ ھەمكارلىقىدا شۇ كىشىنى ئىزدەپ تاپالايسىز .
ئەمدى
IMEI نۇمۇرى ۋە
ICCID نۇمۇر توغۇرلۇق قىسقىچە چۈشەنچە بىرىپ ئۈتەي .
IMEI نۇمۇر دىگىنىمز خەلىقئارا كۆچمە ئۈسكىنە پەرىقلەندۈرۈش نۇمۇرى . مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا بىزنىڭ كىملىك نۇمۇرمىزغا ئوخشاش تىلفۇننىڭ كىملىك نۇمۇرى . دۇنيادىكى ھەر بىر تىلفۇننىڭ IMEI نۇمۇرى بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ . بىردىن بىر بۇلىدۇ .
ICCID نۇمۇر دىگىنىمىز توپلاشتۇرۇلغان توك يۇلى كارتىسى پەرىقلەندۈرۈش نۇمۇرى . يەنە تىلفۇن كارتىسىنىڭ كىملىك نۇمۇرى دىسەكمۇ بۇلىدۇ . بۇ ئادەتتە 20 خانە بۇلىدۇ . ھەر بىرىمىز ئىشلىتىۋاتقان تىلفۇن كارتىسىنىڭ مۇشۇنداق
ICCID نۇمۇرى بۇلىدۇ . بۇ
ICCID نۇمۇرى بولسا تىلفۇن نۇمۇرغا باغلانغان . دىمەك
ICCID نۇمۇرنى بىلدىڭىز دىگەن گەپ شۇنىڭغا باغلانغان تىلفۇن نۇمۇرنى بىلدىڭىز دىگەن گەپ .
ئادەتتە
898600 دىن باشلانغىنى كۆچمە خەۋەرلىشىش كارتىسى بۇلىدۇ
898601 دىن باشلانغىنى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش كارتىسى بۇلىدۇ .
898603 دىن باشلانغىنى تىلگىراف كارتىسى بۇلىدۇ
تاۋباۋ تورىدىكى مەخسۇس
ICCID نۇمۇرنى تەكشۈرگۈچىللەر قانداق قىلىپ
ICCID نۇمۇرغا ئىرىشىدۇ ؟
چۈنكى ھەر قانداق بىر ئالما تىلفۇنىنى يېڭى سېتىۋالغاندا ياكى قايتا سېستىما قاچىلىغاندا چۇقۇم ئۇنىڭغا بىر تىلفۇن كارتىسى سېلىپ تىلفۇننى ئاكتىپلاش كىرەك ، ئۇنداق بولمايدىكەن تىلفۇننى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ .
دىمەك سىزنىڭ تىلفۇنىڭىزنى تېپىۋالغان كىشى تىلفۇندىكى ئىكران قۇلۇپىنى ئېچىش ئۈچۈن چۇقۇم سىزنىڭ تىلفۇنىڭىزغا قايتا سېستىما قاچىلاش كىرەك . بولمىسا تىلفۇنىڭىزنىڭ ئىكرانىدىكى قۇلۇپنى ئاچالمايدۇ . سېستىما قاچىلىغانكەن چۇقۇم ئۇنىڭغا تىلفۇن كارتىسى سېلىپ تىلفۇننى ئاكتىپلايدۇ . دەل مۇشۇ ئاكتىپلىغان ۋاقىتنىڭ ئۈزىدە ئالما شىركىتى ئاكتىپلانغان تىلفۇنغا سېلىنغان تىلفۇن كارتىسىنىڭ
ICCID نۇمۇرىنى مۇلازىمىتىدا ساقلايدۇ . تاۋباۋ تورىدىكىلەر دەل مۇشۇ ساقلانغان
ICCID نۇمۇرنى بىزگە تەمىنلەپ بىرەلەيدۇ .
دەرىسلىك تامام
مەنبە:
Android丨iOS سالونى
يازمىنى تارتۇقلاش