بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 492|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

شىركەت قۇرۇشقا دائىر سۇئال–جاۋابلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
شىركەت قۇرۇشقا دائىر سۇئال–جاۋابلار

        1- شىركەت دېگەن نىمە ؟
        شىركەت-قىممەت يارتىش(پۇل تېپىش)نى مەقسەت قىلغان ئىقتىسادىي تەشكىلات.ئېلىىزنىڭ ئالاقىدار قانۇن-قائىدىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن،پۇل تېپىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان ئىقتىسادىي تەشكىلات چوڭ جەھەتتىن بەش تۈرگە ئايرىلىدۇ1)يەككە سودا-سانائەتچى؛(2)شەخسىي مەبلەغ كارخانىسى؛(3)شېرىك كارخانا؛(4)چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى؛(5)پاي چەكلىك شىركىتى.
        بىز بۇ يەردە تىلغا ئېلىۋاتقان ‹‹شىركەت››ئاساسلىقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى كۆرسىتىدۇ.چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مۇستەققىل قانۇنىي ئىگە(قانۇنىي ئادەم)بولۇپ،شىركەتنىڭ مال-مۈلۈكى مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ خۇسۇسىي مال-مۈلۈكىدىن ئايرىپ قارىلىدۇ.
         2-شىركەت قۇرغان ياخشىمۇ ياكى يەككە سودا-سانائەتچى بولغان ياخشىمۇ ؟
         يەككە سودا-سانائەتچى – پۇل تېپىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەڭ كىچىك،ئەڭ ئاددىيسى بولۇپ،كۆپىنچە ھاللاردا مەلۇم بىر ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ تەشكىللىنىدۇ.بۇ بىر خىل تىجارەت شەكلى كىچىك دائىرىدە ئۇششاق تىجارەت قىلىدىغانلارنىڭ تاللىشىغا ماس كېلىدۇ.يەككە تىجارەتچى ئىقتىسادىي ئالاقىدە چەكسىز مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
         چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دۇنيادا ھاممىدىن بەك ئۇمۇمىيلاشقان كارخانا شەكلى بولۇپ،شىركەت ئادەتتە بىر قانچە ئادەم ياكى تەرەپنىڭ بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىشى ئاساسىدا تەشكىللىنىدۇ.شىركەت قۇرغانلار سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدىن تارتىپ سېتىش-مۇلازىمەتكىچە بولغان ھەرقانداق چوڭ تىجارەتنى رايون ئاتلاپ ئېلىپ بارسا بولىدۇ.چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە شىركەت پايچىكلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىدىكى قانۇني مەسئۇلىيىتى رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلەغ دائىرىسدە چەكلىنىدۇ.
         يەككە سودا-سانائەتچى بولۇش ۋەياكى شىركەت-كارخانا قۇرۇشنى ھەركىم ئۆز ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تاللىسا بولىدۇ.
         3 – شىركەتتىن ئېلىنىدىغان باج-سېلىق يەككە سودا-سانائەتچىنىڭكىدىن ئېغىرمۇ ؟
         بەزىلەر‹‹شىركەت قۇرساق ھۆكۈمەت ئالىدىغان باج كۆپىيىپ كېتىدۇ››دەپ ئەندىشە قىلىدۇ.ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل ئورۇنسىز خىيال.يەككە تىجارەتچىنىڭ باج-سېلىقى ۋە باشقۇرۇش ھەققى ھەر ئايدا بىرقېتىم نورمال بېكىتىپ ئېلىنىدۇ،تىجارەت بولسا-بولمىسا بۇ سېلىقنى تۆلىمەي چارە يوق.شىركەتتىن باشقۇرۇش ھەققى ئېلىنمايدۇ.شىركەتنىڭ بېجى ئەمەلىي ئوبروت(كېسىلگەن باج تالونى)قا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.كىرىم بولمىسا باج كەلمەيدۇ،تالون كېسىلمىسە باج ھېسابلانمايدۇ.كارخانىچى تاپشۇردىغان باجنى ئالدىن پىلانلىۋالالايدۇ.شىركەت تاپاۋەت بېجىنى قوش قاتلام تاپشۇرغاندەك قىلغان بىلەن،دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن جانلىق پايدىنالايدىغان شىركەتلەر ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە،گاھى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىتقىچە كارخانا تاپاۋەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلدۇرۇش ياكى كېمەيتىپ تاپشۇرۇش ئىمكانىيتىگە ئىرشەلەيدۇ.
         ئۇنىڭ ئۈستىگە،قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇش كارخانا ئىناۋىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى.مۇستەققىل ئىناۋەت مېخانىزمى ئورنىتىلمىغان كارخانا ئۆمرى ئۇزاققا بارمايدۇ.
         4 – شىركەت قۇرۇشتا ھۆكۈمەتكە نېمىلەرنى تىزىملىتىمىز ؟
         ‹‹شىىركەت قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە،چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇشنى ئىلتىماس قۇرغۇچىلار شىركەتنىڭ نامى،تىجارەت ئورنى،قانۇنىي ۋەكىلى،نازارەتچىسى،پايچېكلىرى،رويخەتكە تىزىملىتىدىغان كاپىتالى،تىجارەت دائىرىسى،تىجارەت قەرەلى،شىركەتنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى ئالدىن بېكىتىپ،شىركەت تىزىملىغۇچى ئورگانغا تىزىمغا ئالدۇرىدۇ.ئادەتتە بۇ مەزمۇنلار‹‹شىركەت نىزامنامىسى››دا تولۇق ئەكىس ئەتتۇرىلىدۇ.
        5 – شىركەت نامىنى قانداق بېكىتىش كېرەك ؟
        ‹‹شىركەت قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە،شىركەت نامى مەمۇرىي رايون تەۋەلىكى،خاسلىق نامى،ساھە ئالاھىدىلىكى،شىركەت تىپى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.ھازىر كۆپ قوللىنىلىۋاتقان شىركەت نامى شەكىللىرى تۆۋەندىكىچە:
  شىنجاڭ *** سودا چەكلىك شىېركىتى
  شىنجاڭ *** خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
   شىنجاڭ *** ئىمپورت-ئېكىسپورت سودا چەكلىك شىركىتى
   شىنجاڭ *** پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
شىنجاڭ ***ئۇيغۇر دورىگەرلىك پەن تېخىنكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى      
  شىنجاڭ *** بىئو-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
شىنجاڭ *****كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى   
شىنجاڭ ****مەدىنيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى
شىنجاڭ ****مەبلەخ سېلىش چەكلىك شىركىتى
خوتەن  *** يىمەكلىك سانائىتى چەكلىك شىركىتى
ئاقسۇ *** ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى
ئۈرۈمچى *** چەكلىك شىركىتى
        .........    .........
        شىركەت قۇرغۇچىلار يۇقارقى شىركەت نامى شەكىللىرىدىن ئۆز تىجارىتىگە مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرىنى تاللاپ قوللانسا بولىدۇ.
       6 – شىركەتنىڭ مۇقۇم تىجارەت ئورنى(ئىشخانىسى)بولمىسا بولمامدۇ ؟
      ‹‹شىركەت قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە،شىركەتنىڭ مۇقۇم تۇرالغۇسى بولۇشى كېرەك.نورمال ئەھۋال ئاستىدا شىركەت قۇرغۇچىلار شىركەت تۇرالغۇسىنى بىر يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك ئىجارىگە ئېلىش ئارقىلىق ھەل قىلسا بولىدۇ.
       7 – قانۇنىي ۋەكىل شىركەتنىڭ خوجايىنىغا ھېسابمۇ ؟
      قانۇنىي مەۋقەدە،قانۇنىي ۋەكىل شىركەتنىڭ خوجايىنى ئەمەس بەلكى شىركەت پايچىكلىرىنىڭ ۋەكىلى.قانۇنىي ۋەكىلنىڭ ھەركىتى پايچىكلار ھوقۇق بەرگەن دائىرىدىن چىقىپ كەتمىسىلا،قانۇنىي ۋەكىلنىڭ جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى ئۆزى قوشقان پاينىڭ نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.قانۇندا‹‹ئەڭ كۆپ مەبلەغ قوشقان پايچىكنى قانۇنىي ۋەكىل  قىلىش كېرەك دەيدىغان تەلەپ يوق.شۇڭا قانۇنىي ۋەكىلنى بېكىتكەندە،شىركەتنىڭ ئەمەلىي تىجارەت ئېھتىياجىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇش كېرەك.
      8 – شىركەتنىڭ پايچىكلار سانى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولامدۇ ؟
     چەكلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلغاندا،چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پايچېك سانى ئىككىدىن ئارتۇق بولىشى كېرەك.بۇنىڭدا شىركەت قۇرۇشنىڭ ئادەم كۈچى ۋە مەبلەغنى بىرىكتۈرۈش،خېيىم-خەتەرنى پارچىلاش مەقسىدىنى بىۋاستە ئىپادىلىگىلى بولىدۇ.يەنى پايچېكلار قانچە كۆپ بولسا،شۇنچە كۆپ ئادەم ياكى تەرەپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى،كۈچ-قۇدرىتى،مەبلەغ ۋە باشقا ئاكىتىپ ئامىللىرىنى بېرىكتۈرۈپ،بىر ئادەم ياكى كىچىك تەشكىلاتنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.
      بازار سۇبىيكىتلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ،بازارنىڭ ئاۋاتلىششىغا ئىلھام بېرىش نۇقتىسىدىن،يېڭى‹‹شىركەت قانۇنى››دا بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەققىل مەبلەغ سېلىپ چەكىلك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇشىغا يول قويۇلىدىغان بولدى.ئەمما بىر ئادەملىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە قويۇلىدىغان چەكلىمە ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم مەبلەغ سېلىپ قۇرغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن خېلىلا كۆپ.ئەڭ ئاساسلىقى بىر ئادەملىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرغۇچى شىركەتكە مۇكەممەل بۇغالتىرلىق ھېساباتى تۇرغۇزۇپ شىركەتنىڭ مال-مۈلۈكى بىلەن ئۆز ئائىلىسىنىڭ خۇسۇسىي مال-مۈلۈكىنى ئېنىق ئايرىمىسا ،شەخسىي مەبلەغ كارخانىسىغا ئوخشاشلا چەكسىز چاتما مەسئۇلىيەت يۈكلىنىپ،چەكلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن بەھرىمان بولالمايدۇ.
      9 – رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنى قانچىلىك تىزىملاتقان ياخشى ؟
      يېڭى‹‹شىركەت قانۇنى››دا،ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم مەبلەغ سېلىپ قۇرغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مەبلەغ چېكى 30 مىڭ يۈەن(خەلق  پۇلى)،بىر ئادەملىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مەبلەغ چېكى 100 مىڭ يۈەن(خەلق پۇلى)قىلىپ بېكىتىلدى.ئەمما يېڭى ‹‹شىركەت قانۇنى››دا ئەڭ تۆۋەن مەبلەغ بىر يۈەن(خەلق پۇلى)قىلىپ بېكىتىلدى.شىركەت قانۇنىي ئىگىسى تىزىملاتقان كاپىتال ۋە ئەمەلىي مال-مۈلۈك دائىرىسىدە چەكلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالدىغان بولغاچقا،كاپتال كۆپ بولسا كارخانىنىڭ ئىناۋىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.ئەمما كاپىتالنى نەچچە يۈزمىڭ،نەچچە يۈزمىليون يۈەن قىلىپ تىزىملىتىپ،شىركەتنىڭ ئەمەلىي مال-مۈلۈكى بىلەن تىزىملاتقان كاپتالى بەك چوڭ پەرقلىق بولۇپ كەتسە،قانۇن بويىچە قازالىنىدىغان گەپ.بۇنىڭ ئەكىسچە،تىزىملاتقان كاپىتال بەك ئاز بولۇپ قالسا،كارخانىنىڭ سودا ئىناۋىتىگە تەسىر يېتىپ،تىجارەتنى يۈرۈشتۈرۈش تەس بولىدۇ.شۇڭا،شىركەت قۇرماقچى بولغانلار رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنىڭ مىقدارىنى بېكىتىشتە،باشقىلارنى دوراپ مودا قوغلاشماي،ئۆزىنىڭ سودىغا قاراتقان ئەمەلىي كۈچىنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
       10 – رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنى تولۇق تەييارلىغىلى بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك ؟
       ‹‹شىركەت قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە،شىركەت قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنى نەقلەشتۈرۈپ بولالمىسا،قانۇن بويىچە ئاۋۋال%20ىنى نەقلەپ،قالغان قىسمىنى ئىككى يىلغىچە نەقلەشتۈرۈشكە ۋەدە قىلىپ تىزىملاتسا بولىدۇ.يېڭى‹‹شىركەت قانۇنى››دا رويخەتكە ئالدۇرغان كاپتالنى99يىلغىچە تولۇقلىسا بولىدۇ.قانۇنلۇق ئىگلەنگەن ماددىي بۇيۇم،يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى،ئەقلىي-مۈلۈك ھوقۇقىي قاتارلىق ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغان پۇلدىن باشقا مال-مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى پۇلغا سۇندۇرۇپ كاپىتال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
       بۇنىڭدىن باشقا يەنە،بانكىدىن ئىناۋەت قەرزى ئېلىش يولى بىلەنمۇ رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنى نەقلەشتۈرگىلى بولماسلىق قىيىنچىلىقنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
       11 – شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسىنى قانداق بېكىتىش كېرەك ؟
       شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسى ئىجازەتلىك تىجارەت تۈرلىرى ۋە ئادەتتىكى تىجارەت تۈرلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ.ئىجازەتلىك تىجارەت تۈرلىرى دېگەندە قانۇن بويىچە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئايرىم تەستىقلاش تەرتىپىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ يولغا قويۇشقا بولمايدىغان تىجارەت تۈرلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.مىسال،يېمەكلىك،ئىچىملىك،دورا،ئۆي-مۈلۈك،تاشقى سودا،مېھمانساراي دېگەندەك.ئادەتتىكى تىجارەت تۈرلىرى دېگەندە ئايرىم تۈر بويىچە تەستىقلىتىش زۆرۈر بولمىغان تىجارەت تۈرلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.مىسال:كىيىم-كىچەك،گىرىم-بۇيۇملىرى،ئوغۇت،ماشىنا-ئۈسكىنە،كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى دېگەندەك.
       شۇڭا،شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسىنى بېكىتىشتە،بىرىنچىدىن:ھەممىنى يېزىشقا ئالدىراپ كەتماسلىك؛ئىككىنچىدىن:ئۆزى بىۋاستە تىجارەت قىلىش ئېھتىمالى بولغان تۈرلەرنى چالا قويماسلىق؛ئۈچىنچىدىن:قانۇن بويىچە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئايرىم تەستىقلاش تەرتىپىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ يولغا قويۇشقا بولمايدىغان تىجارەت تۈرلىرىنى تاللىغاندا،مۇناسىۋەتلىك ئىجازەتنامە،تەستىق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشنىڭ شەرت-شارائىتىنى ئوبدان ئويلىنىش كېرەك.
       12 – شىركەت قۇرۇشتا قانداق ماتىرياللارنى ھازىرلاش كېرەك ؟
       ‹‹شىركەت قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە،شىركەت قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى ماتىرياللارنى تاللاش كېرەك:
       (1)مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى(كىملىك كۆپىيىسى)؛
       (2)مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىككى پارچىدىن بىر سۇڭلۇق رەسىمى؛
       (3)شىركەتكە ئىشخانا قىلىدىغان ئورۇننىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ئىسپاتى(مۈلۈك ھوقۇقى كېنىشكىسنىڭ كۆپىيسى،ئىجارە توختىمىنىڭ ئەسلىسى)؛
       (4)شىركەتكە ئىشخانا قىلىدىغان ئورۇننىڭ ئىجارە ھەققىنى تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى(باج تالونى)؛
       (5)شىركەت بۇغالتىرىنىڭ كىملىك ۋە بۇغالتىرلىق سالاھىيەت كېنىشكىسىنىڭ كۆپىيىسى؛
       (6)رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتال ۋە رەسمىيەت ھەققى.
       13 – شىركەت قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ ؟
       ‹‹مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنىي››دا بېكىتىلگەن تەرتىپ بويىچە،شىركەتنى تىزىمغا  ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى تولۇق بېجىرىشكە يەتتە كۈندىن 20 كۈنگىچە ۋاقىت كېتىدۇ.ئايرىم تۈر بويىچە ئىجازەتنامە بېجىرىش ۋە باج تىزىملىتىش ۋاقتى بۇنىڭ سىرتىدا.
       14 – شىركەت قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە قانچىلىك مەبلەغ(پۇل) كېتىدۇ ؟
تامغا ئويغۇزۇش ھەققى ئۈچۈن 810 يۈەن،تەشكىلىي ئاپپارات ۋاكالەت نۇمۇرى كېنىشكىسى بېجىرىش ھەققى ئۈچۈن 148 يۈەن،باج تىزىملىتىش ھەققى ئۈچۈن 300 يۈەن،بانكىدا  ھېساب ئېچىش ھەققى ئۈچۈن 300 يۈەن،يەككە-خۇسۇسىي كارخانىلار جەمئىيتىگە ئەزا بولۇش ھەققى ئۈچۈن 300 يۈەن خىراجەت قىلىنىدۇ.
       شىركەت قۇرغۇچىلار شىركەت ئىشخانىسىنىڭ ئىجارە بېجىنى تاپشۇرغاندا باج تالونى ئالمىغان بولسا،بىر يىللىق ئىجارە بېجىنى تۆلەيدۇ،باج نىسبىتى %19.5 پىرسەنتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
       15 – شىركەتكە چوقۇم بۇغالتىر تەكىلىپ قىلىش زۆرۈرمۇ ؟
       چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۆزىنى ئىدارە قىلدىغان مۇستەققىل قانۇنىي ئىگە بولغاچقا،ئالاقىدار قانۇن-قائىدىلەردىكى بەلگىلىمە بويىچە،چوقۇم دائىملىق بۇغالتىر تەكلىپ قلىپ،كىرىم-چىقىم ھېساباتىنى تەپسىلىي خاتىرىلىشى ھەمدە قەرەللىك ھالدا باجخانا ۋە سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا مالىيە مەلۇماتى يوللىشى كېرەك.
       ئەگەر شىركەت قۇرغۇچىلار بۇغالتىر تەكلىپ قىلىش،مالىيە ھېساباتى تۇرغۇزۇشتا قىينالسا،شىركىتىمىز بىلەن‹‹باج-بۇغالتىرلىق ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش توختىمى››تۈزسە بولىدۇ.
       16 – تاشقى سودا شىركەتلىرى قانداق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەك ؟
        تاششقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر تىجارەت كېنىشكىسى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە تۆۋەندىكى رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشى كېرەك : (1)تاسقى سودا ئىجازەتنامىسى؛(2)ئىكىسپورتتىن باج قايتۇرۇش ئىجازەتنامىسى؛(3)تاموژنا كېنىشكىسى؛(4)كارانىتىن كېنىشكىسى؛(5)ئېلىكتىرونلۇق چىگرا پورتى كارتىسى؛(6)چوڭ باج تاپشۇرغانلىق سالاھىيەت ئىسپاتى؛(7)خەلىقئارا بانكا ھېساب نومۇرى؛(8)تاشقى پېرۋوت ئىجازەتنامىسى.
         بۇ رەسمىيەتلەرنى تولۇق بېجىرىشكە 3000 يۈەن ئەتراپىدا خىراجەت كېتىدۇ.
        17 - ‹‹يىمەكلىك تازىلىق ئىجازەتنامىسى››نى بېجىرىش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز ؟
        ‹‹يىمەكلىك تازىلىق ئىجازەتنامىسى››يىمەكلىك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار چوقۇم بېجىش تەلەپ قىلىنىدىغان رەسمىيەت بولۇپ،بۇ رەسمىيەتنى بېجىرىشتە ئىككى ئادەمنىڭ ساغلاملىق كېنىشكىسى،ۋاكالىتەن ساتماقچى بولغان يىمەكلىكنى ئىشلەپچىقارغان كارخانا بىلەن تۈزۈشكەن توختام ۋە شۇ كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش رەسمىيىتىنى تەييارلاش كېرەك.
        شىركىتىمىز بۇ رەسمىيەتنى بېجىرىشكە 1500 يۈەن ھەق ئالىدۇ.
        18 – بىر تۈرلۈك سانائەت مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىش ئۈچۈن قانداق رەسمىيەتلەرنى تەييارلاش كېرەك ؟
        (1)تىجارەت كىنىشكىسى؛(2)ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى؛(3)تىجارەت ئىجازەتنامىسى؛(4)ماركا؛(5)مەھسۇلاتنىڭ ئىجارە ئۆلچىمى؛(6)سىزىقلىق بەلگە؛(7)سۈپەت بىخەتەرلىك ئىسپاتى.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر1 ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 06:51 , Processed in 0.296641 second(s), 39 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش