بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 7719|ئىنكاس: 7
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[يېقىنقى زامان تارىخى] روسيەدە بايقالغان ئۇيغۇر خان ئوردىسى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
چېلخوركۆلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى قورغىنى بولۇپ بۇقورغانغا نۇرغۇن سىرلار يوشۇرۇنغاچقائىزچىل ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ مۇنازىرىسىنى قوزغاپ كەلگەن . كۆل سۈيى سۇس يېشىل رەڭدە بولۇپ، لېكىن كۆلگە نەزەرسالغىنىڭىزدا كۆل سۈيى قېنىق رەڭدە كۆرنىدۇ بۇخىل ھادىسنىڭ سەۋەبى كىشلەرگە سىر بولۇپ تۇرماقتا .2007-يىل 8-ئاينىڭ 13-كۈنى روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن موناكو پادىشاھى ئالبېر 2-گە ھەمرا بولۇپ روسىيەدىكى تۇۋائاپتونۇم جومھۇرىيىتىنىڭ پايتەختىدىكى قىزىل ئايرۇدورۇمىغا قونغاندىن كېىن تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ چېلخور كۆلىگە بارغان چۈنكى ئۇيەردە بورباجىن ئۇيغۇرقەدىمىي قورغىنى خارابىسى قېزىلىۋاتاتتى .خەۋەردەئېيتىلىشىچەبورباجىن قورغىنى 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ياسالغانكەن . بورباجىن دېگەن سۆز خام خشلىق ئۆي دېگەن مەنىدە ئىكەن . قورغان چېلخور كۆلىىدىكى بىرئارالغا جايلاشقان بولۇپ تۇۋاجۇمۇرىيەت مەركىزى قىزىلنىڭ شەرقى جەنوبىغا 250كىلومېتېر كىلىدىكەن .بۇقورغان 1891-يىل روسيەلىك مەشھۇر شەرقشۇناس ئالىم دىمتىر تەرپىدىن بايقالغان بولۇپ، قورغان 1995-يىل روسيە تەرىپىدىن دۆلەتلىك قوغدىلىغان تارىخى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.بۇخەۋەرئىتايىن زوردەرجىىدە كىشلەرنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىغان بولۇپ بۇ ھەقتە روسيە ئاخبارات ۋاستىلىرىى قورغان خارابىلىكىنى قېزىپ تەكشۈرۈش ئەترىتنىڭ 600نەپەر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن تەشكىللەنگەن غايەت زور ئەترەت بولۇپ روسيە تارىخىدىكى ئەڭ زور ئارخلوگىيلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى ئىكەنلىكى ھەتتا روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭمۇ ئۇشتۇمتۇت زىيارەت قىلغانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىم خەۋەر بەرگەن .بورباجىن دا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قورغىنى بولىدۇ؟جۇڭگولۇق ئۇيغۇر لار نىڭ قەدىمى قورغىنى روسيەگە قېچېپ بېرۋالغانمىدۇ؟ناۋادا بۇ راس بولسا نېمەئۈچۈن كۆلدىكى يىگانە ئارالغا قورغان سالىدۇ ؟بۇقورغاندىكىلەر كېيىن نېمەسەۋەبتىن غايىپ بولغان ؟دېگەندەك بىر قاتار سوئاللار تېخى ئېنىق جاۋاپ بېرىشىنى كۈتۈپ تۇر ماقتا . چېلخور كۆلىدىكى قورغان توغىرىسىدا روسىيىە تورى مۇنداق خەۋەر بەرگەن .بۇقورغاننى كۆكتۈرۈك خانلىقىنىڭ (خەنزۇچىدا ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دەپ ئېلىنغان )2-خا قانى مويۇنچۇر 8-ئەسىردە سالدۇرغان بۇلۇپ مويۇنچۇر مىلادى 750-يىلى ئەسكەر باشلاپ تۇۋانى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قورغان سالدۇرغان ،قورغاننىڭ قوروتاملىرىنىڭ ئېگىزلىكى 10مېتېر ئەتراپىدا بولۇپ قورغانىنىڭ مەركىزى تۇرا ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ شاھ تۇرىدىغان ئورۇن ئىكەن .قۇرغاننى سالغۇچىلار تۈمەنلىگەن كېسەكلەرنى يۆتكەپ كېلىپ قورغاننى سالغان ئىكەن.قورغاننىڭ قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بۇلۇپ ئىچى نەچچىلگەن تۆت چاسا ھويلىدىن تەركىپ تاپقان موكەممەل بىرسىرلىق قۇرلۇش توپى ئىكەن شەكلى ھىندىستان ئۇسلۇبىدىكى بۇددا ئىمارەتلىرىگە ئوخشايدىكەن . ئەينى چاغلاردا بۇيەردىكى قۇمچاق دەرياۋادىسىدا 17يۈرۈش قورغان بولغان بولۇپ بورباجىن قورغىنىنىڭ تۈزۈلۈشى بۇقورغانلارغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بولۇپ قورغاننىڭ لايھىلىنىشى سوغدى مەدەنىيتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىكەن .بۇقورغاننىڭ لايھىلەپ سېلىنىشغا سوغدىلارنىڭ قاتناشقانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن . سوغدىلارئەينى دەۋىردە يايلاق مىللەتلرىنىڭ سودا سېتىق ئىشلىرىنى قىلغان كىشلەردۇر.كىشلەر ھازىر بۇقورغاننى پادىشاھنىڭ يازلىق ئوردىسى دەپ قارىماقتا .بۇقورغاننى سېلىشىتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر خانىدانىلىقىنىڭ پايتەختى قارا بالاخاسۈن (خەنزۇچىدا ka la ba la ha sunدەپ ئاپتۇ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى مەن مۇ بىلمەيدىكەنمەن )دا بولۇپ بۇخارابە ھازىر موڭغۇلىيە جومھورىيتى چىگرىسى ئىچىدە بولۇپ بورباجىن قورغىنىغا ئىككى كۈنلۈك يول ئىكەن (بەلكىم ئاتلىق يول بولسا كېرەك ). 1891-يىلدىن باشلاپ دې.ئا.كېلېمىزى قارابالاخاسۈن نى تەتقىق قىلغان بولۇپ بورباجىن قورغىنى 100پىرسەنت كۆك تۈرۈك ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ ئوردىسىنىڭ لايھىلىنىشىگە تەقلىد قىلىنغانكەن . بۇنوختىنى 100يىل ئىلگىرىلا ئالىملار ئىنتايىن ئېنىق ھالدا شەرھىلىگەن .مويۇنچۇر مەڭگۈ تېىشىغا يېزىلغان خاتىرىگە ئاساسلانغاندا ئەينى دەۋىردە ئۇيغۇر خاندانلىقى غەرىبتە ئالتاي تاغلىرىدىن باشلىنىپ جەنۇبتا تەكلىماكان قۇملۇقىغىچە شەرقتە خېلۇڭجىياڭ ،نېنجىياڭ دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان غايەت زور زېمىنغا خوجا بولغان .چېلخور كۆلى ۋە بورباجىن قورغنىمۇ دەل موشۇ زېمىنىنڭ ئىچىدە بولۇپ ، ئۇيغۇر خاقانىنىڭ بۇيەردە خان ئوردىسى سېلىشى ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن . شۇڭلاشقا روس ئالىمىلىرىنىڭ بۇقورغاننى ئۇيغۇرلارنىڭ قورغىنى دەپ ئاتىشى خاتا بولمىسا كېرەك .بۇقورغان خارابىلىكىنى قېزىش خىزمىتى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاياغلىشىدىغان بولۇپ بۇقورغان توغرىسىدا ئاشكارلانغان خەۋەرلەر تېخى كۆپ ئەمەس ئەمما روسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى بىر پارچە رەسىمنى ئاشكارلىغان بولۇپ بۇبىر پارچەمەڭگۈ تاشنىڭ رەسىمى بولۇپ مەڭگۈ تاشقا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا خەتلەر ئويۇلغانكەن .ئەمما نېمە مەزمۇن ئىكەنلىكى تېخى ئاشكارلانمىغاچقا بۇھەقتىكى خەۋەرلەرنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ .روسىيىدىكى تۇۋالار توغرىسىدا : تۇۋالارنىڭ ئاتا بوۋىسى بىر تارمىقى تېلى (ئۇيغۇر)-تۈرۈك،يەنەبىر تارمىقى سىيانپى -موڭغۇللاردۇر .تۇۋا تىلى ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى تۈرۈك تىلى گۇرۇپىپىسنىڭ شەرقى ھون تارمىقىدىكى ئۇيغۇر تىل گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇرتۈرۈك تارمىقىغا تەۋە ئىكەن .

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل1 ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2011-1-11 03:39:15 | ئايرىم كۆرۈش
ۋا.....ما ئاداش كىرىپلا تىما دىگەننى ياغدۇرۋەتكىلى تۇردىغۇ.....

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2011-1-11 04:07:28 | ئايرىم كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش 6530904 نىڭ يازمىسى

ھە سىزمۇ يوللىمامسىز مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى {:soso_e112:}

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
ۋاقتى: 2012-3-5 19:32:17 | ئايرىم كۆرۈش
6530904 يوللىغان ۋاقتى  2011-1-11 03:39
ۋا.....ما ئاداش كىرىپلا تىما دىگەننى ياغدۇرۋەتكىلى تۇرد ...

بۇرادەر، ياخشى تىمىنى ياقتۇرمىدىڭىزمۇ ،ياكى ..... ياقتۇرمىدىڭزمۇ ؟ باشقىلارنىڭ ئەمگىگىنى ھۆرمەت قىلىڭ،

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
ۋاقتى: 2012-3-10 20:42:19 | ئايرىم كۆرۈش

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
داق يەر
ۋاقتى: 2012-3-11 19:32:16 | ئايرىم كۆرۈش
ئادەمنىڭ پەيزىنى ئۇچۇرۇپ شۇنچە ئەھمىيەتلىك تېمىغا ئىككى ئېغىز بىرنىمە دىيىشتە يوق غىژ-غىژغا چۈشۈپ قاپسىلەرغۇ ئاغىينىلەر ؟ ئۆزەڭلارنىڭ بىلىملەر تورىدا ئىكەنلىگىڭلارنى ئۇنتۇپ قالمىڭىزلە جۇمۇ  ، بىلىملەر تورىغا كىرگەنگە تۇشلۇق  پىكىر قىلىڭىزلە

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
7#
ۋاقتى: 2013-2-23 22:47:05 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن بۇ!داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭلا  جۇمۇ!

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
8#
ۋاقتى: 2013-2-24 00:02:53 | ئايرىم كۆرۈش
تۇۋاجۇمۇرىيەت مەركىزى قىزىلنىڭ شەرقى جەنوبىغا 250كىلومېتېر كىلىدىكەن .بۇقورغان 1891-يىل روسيەلىك مەشھۇر شەرقشۇناس ئالىم دىمتىر تەرپىدىن بايقالغان بولۇپ،

قىزىل دىگەن نام شۇ يەردىمۇ  بامىكەن؟{:soso_e132:}

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 07:59 , Processed in 0.256259 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش