بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 988|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[دەرسلىك] دەرسلىك: CD پىلاستىنكىسىنى كومپىيۇتېرغا قانداق كۆچۈرىمىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x

CD پىلاستىنكىسىنى كومپىيۇتېرغا قانداق كۆچۈرىمىز؟


     ئەگەر سىز CD پىلاستىنكىسىدىكى ھۆججەتلەرنى ئۇدۇللا كۆچۈرۈپ كومپىيۇتېرغا ساقلاپ قويسىڭىز سىز بۇ CD پىلاستىنكىدىكى ناخشىلارنى كۆچۈرگەن بولماستىن، ناخشىلارغا ئۇلىندىغان تىزلەتمە ئۇسۇلىنى كۆچۈرۈپ قويغان بولىسىز، بۇنداق بولغاندا سىز كومپىيۇتېرنىڭ نۇر دىسكا ئوقۇغۇچىغا ئاشۇ CD پىلاستىنكىنى سالغاندا ئاندىن CD پىلاستدىنكا ئىچىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقىيالايدۇ. ئىشەنمىسىڭىز ئاشۇ سىز كۆچۈرگەن ھۆججەتنىڭ خاسلىقىنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭ، ھۆججەت چوڭلىقى ئاران 1KB كېلىدۇ.


ئۇنداق بولسا قانداق كۆچۈرىمىز؟
  • سىز Realplay نى ئىشلىتىش مەقسەتكە يىتەلەيسىز. سىز CD پىلاستىنكىنى نۇر دىسكا ئوقىغۇچقا سالغاندىن كىيىن Realplay سىزدىن CD ھۆججەتنى كومپىيۇتېرغا كۆچۈرەمسىز دەپ سورايدۇ، ئەگەر كۆچۈرىمەن دىگەننى تاللىسىڭىز CD ھۆججەتلەر كومپىيۇتېرغا كۆچۈرۈلۈشكە باشلايدۇ. كۆچۈرۈلگەن ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى RealAudio بولىدۇ.
  • WindowsXP نىڭ ئۆزىدە CD كۆچۈرۈش قورالىمۇ بار بولۇپ شۇنىڭدىن پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ. CD پىلاستىنكىنى نۇر دىسكاغا سالغاندىن كىيىن بىر ئەسكەرتىش چىقىدۇ، جەزىملەش كونۇپكىسىنى باسسىڭىز CD دىسكىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ سىزنىڭ « ھۆججىتىم \ مۇزىكام » ھۆججەت خالتىسى ئىچىگە ساقلايدۇ.
  • Windows Media Player ئارقىلىقمۇ مەقسەتكە يېتەلەيمىز. سىز كومپىيۇتېردىن Windows Media Player نى قوزغاتقاندىن كىيىن (باشلاش \ پىروگرامما \ قۇشۇمچە \ مۇزىكا \ Windows Media Player )، كومپىيۇتېرنىڭ نۇر دىسكا ئوقۇغۇچىغا CD پىلاستىنكىسىنى سالىسىز، سالغاندا Windows Media Player ئاپتۇماتىك CD پىلاستىنكا ئىچىدىكى ھۆججەتنى ئوقۇشنى باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا سىز Windows Media Player نىڭ 翻录 تىزىملىكىگە كىرىپ باھارلىق ھۆججەتنىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسىنى قويۇپلا 翻录音乐 نى باسسىڭىز بولىدۇ. ساقلاش ئورنى يوقاردىكى ئېيتىلغاندەك  « ھۆججىتىم \ مۇزىكام »  ئىچىگە ساقلىنىدۇ.
  • كومپىيۇتېرغا 超级解霸 قورالىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://www.jieba.net



مەزكۇر دەرسلىكنى ساقلىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، كۈنلەر ئۆرۈپ مۇشۇ مەسلىگە سىزمۇ يۇلىقىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
بىلىملەرنى تورىنى قوللىسىڭىز ئۈستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. رەھمەت !

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-5 18:01:04 | ئايرىم كۆرۈش
يەنە بىر ئۇسۇل ، Exact Audio Copy قورالىنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، سىناپ بېقىڭ. چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://www.mydown.com/soft/234/234511.html

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2013-4-6 16:45:15 | ئايرىم كۆرۈش
فورماتىنى mp3 كە ئايلاندۇرۇپ ساقلىسىڭىز بولىدۇ .

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-7 23:21:51 | ئايرىم كۆرۈش
akbar0409 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-6 16:45
فورماتىنى mp3 كە ئايلاندۇرۇپ ساقلىسىڭىز بولىدۇ .

قايسى خىل ئۇسۇل بىلەن فورماتىنى mp3 قىلىپ ساقلايمىز ؟

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
ۋاقتى: 2013-4-21 19:53:44 | ئايرىم كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2013-4-7 23:21
قايسى خىل ئۇسۇل بىلەن فورماتىنى mp3 قىلىپ ساقلايمىز ؟

مەن ئادەتتە TT player قويغۇچىنىڭ ياكى QQ影音 قويغۇچىنىڭ ئايلاندۇرۇش قۇرالىنى ئىشلىتىمەن . مىنىڭچە ھەر قانداق ئايلاندۇرغۇچ قۇرال دا فورماتىنى ئۆزگەرتسەك بولىشى مۇمكىن .

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 10:15 , Processed in 0.235379 second(s), 37 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش