بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1627|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[بىلۋېلىڭ] بەختلىك نىكاھ ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x

يېقىندا كورېيىدە بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش ۋە تەھلىلدىن بايقىلىشىچە، ئاجراشقان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئاجراشمىغانلارنىڭكىدىن تەخمىنەن 10.2 يىل قىسقا بولىدىكەن. ئاياللارنىڭ بولسا تەخمىنەن 7.8 يىل قىسقىرايدىكەن. بۇنىڭدىن نىكاھنىڭ ئۆمۈرگە مەلۇم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. شۇڭا، توي قىلغان ھەر بىر ئەر-خوتۇن ياكى توي قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ياش قىز-يىگىتلەر نىكاھنى قەدىرلەپ، گۈزەل ئەرئاياللىق ھېسسىياتنى ساقلىشى كېرەكتۇر. كورېيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى چيەن چىڭچۇ يېقىندا 1995-يىلىدىكى كورېيە نۇپۇسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانىنى ئاساس قىلىپ، ئوخشىمىغان نىكاھتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنى تەكشۈرۈش، تەھلىل قىلىش ئارقىلىق جورىسى بارلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاجراشقانلار، توي قىلمىغانلار، جورىسى ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ئۆمرىدىن ئوشۇق بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ گۈزەل ئەر-خوتۇنلۇق ھېسسىياتنىڭ ئۆمۈرنى ئۇزارتىشنىڭ مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئەرلەر ئىچىدىكى جورىسى بارلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 74.8 ياش بولۇپ، ئاجراشقانلار 64.6 ياش بىلەن سېلىشتۇرغاندا 10.2 ياش ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى، توي قىلمىغانلار (65.2 ) ۋە جورىسى ئالەمدىن ئۆتكەنلەر (58 ياش ) بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 9.6 يىل ۋە 16.8 يىل ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئاياللار ئىچىدە جورىسى بارلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 78.8 ياش بولۇپ، ئاجراشقانلار (71 ياش ) بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 7.8 يىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن. توي قىلمىغان (69.3 ياش ) ۋە جورىسى ئالەمدىن ئۆتكەنلەر (54.1 ياش ) بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئايرىم—ئايرىم ھالدا 9.5 يىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن.
مەنبە
http://www.qutyar.com/ud/thread-3040-1-1.html

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل1 ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2013-4-4 12:19:25 | ئايرىم كۆرۈش

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2013-7-31 09:03:35 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
来自: Android客户端

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 06:59 , Processed in 0.249805 second(s), 37 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش