بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 4277|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[بىلۋېلىڭ] ئاچچىقلانغاندا قايسى ئەزا ئەڭ ئېغىر زەخىمگە ئۇچرايدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كونىلاردا «يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر» دېگەن گەپ بار. بىراق، ئاچچىقلانغاندا ئۆزىنى بېسىۋالىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس. يېقىندا، «ئامېرىكا ياھۇ تورى» دا ئاچچىقلىنىشنىڭ سالامەتلىككە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئاچچىقلانغاندا تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن.

چوڭ مېڭىنىڭ ئىنكاسى ئاستىلاپ كېتىدىگەن. دائىم ئاچچىقلانغاندا، چوڭ مېڭە ئېغىر غىدىقلىنىپ نورماللىق بۇزۇلۇپ، مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ قېرىشى تېزلىشىدىكەن. يۈرەك رىتىمى نورمالسىزلىشىدىكەن. ئاچچىقلىنىش يۈرەك رىتىمىنى تېزلىتىپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ زور دەرىجىدە قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، كۆپ مىقداردىكى قان چوڭ مېڭە ۋە يۈزگە يىغىلىۋېلىپ، يۈرەكنى تەمىنلەيدىغان قان يېتىشمەي قالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن يۈرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدىكەن.

جىگەردىكى ياغ مىقدارى كۆپىيىپ كېتىدىكەن. ئاچچىقلانغاندا، ئورگانىزىملاردىن بىرخىل كاتېخولامىن ماددىسى ئاجرىلىپ چىقىپ، ئادەم بەدىنىدىكى قان شېكىرىنىڭ مىقدارىنى ئۆرلىتىپ، ياغنىڭ ئاجرىلىشىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن، بۇ قان ۋە جىگەر ھۈجەيرىسىدىكى ياغ كىسلاتاسى ئىيونىنىڭ ئاجرىلىشىنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن. ئاجرىلىپ چىققان ياغ كىسلاتاسى ئىيونىنىڭ كۈچلۈك سىتوتوكسىن خاراكتېرى بولۇپ، بەدەندە جىگەر ھۈجەيرىسىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئېھتىياجى كۈچلۈك بولىدىكەن، بىراق ئۇنىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتسە سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدىكەن.

تېرىدە سەپكۈن پەيدا قىلىدىكەن. ئامېرىكا ئالىملىرى يۈزىگە سەپكۈن چۈشكەن 5000 ئايال ئۈستىدە بىر تۈرلۈك تەتقىقات ئىشلىگەن. ئۇلار بۇ تەتقىقاتتا ئاياللارنىڭ كەيپىياتى ناچار چاغدا ھەرقانداق دورىنى ئىستېمال قىلسىمۇ، سەپكۈن ياكى داغنى داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ بولمايدىغانلىقى، لېكىن ئاچچىقلىنىشنى ئازايتىشنىڭ سەبكۈننى يوقىتىشقا پايدىسى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

ئاشقازان، ئۈچەينى زەخىملەندۈرىدىكەن. بىز دائىم بەزىلەرنىڭ «ئاچچىقتىن يېرىلىپ كېتەي دېدىم»دېگەندەك گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالىمىز. ئادەم ئاچچىقلانغاندا كەيپىيات تېخىمۇ ناچارلىشىپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەيدىكى قان ئازىيىپ، ئۇنىڭ لۆمۈلدەش سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئىشتىھا تۇتۇلىدىكەن، ئېغىر بولغاندا ئاشقازان–ئۈچەي يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ئاچچىقنى بېسىشتا تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئۇسۇلنىڭ پايدىسى بولىدىكەن:

1.دەرھال بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سۇ ئىچكەندە كەيپىيات ياخشىلىنىدىكەن ھەم ئۇ ئورگانىزىملارنىڭ ياغ كىسلاتاسى ئىيونىنى ئاجرىتىپ چىقىرىشىغا ياردەم قىلىدىكەن.

2.ئولتۇرۇۋېلىش. ئۆرە تۇرغاندا، بەدەندىكى ھورموننىڭ ئاجرىلىشى تېزرەك بولىدىكەن، شۇڭا ئولتۇرۇۋالغاندا، ھاياجانلىق كەيپىياتنى پەسەيتكىلى بولىدىكەن.

3.چوڭقۇر نەپەس ئېلىش. نەپەسلىنىش بەدەننى تىنچلاندۇرۇشقا مەسئۇل پاراسىمپاتىك نېرۋىلارنى غىدىقلاپ، سىمپاتىك نېرۋىلارنىڭ زىيادە ھاياجانلىنىش ۋە ئاشقازاننىڭ بىئارام بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن

مەنبە:رادىئو تورى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر1 ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار 1 ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2013-4-4 19:02:19 | ئايرىم كۆرۈش
تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. بەزى مەسسىلەرگە دىققەت قىلسام بولغۇدەك .

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2013-4-4 19:04:41 | ئايرىم كۆرۈش
بىلىملەر مىكرو خەت سالونىغا ھەمبەھرلەپ قويدۇم

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 06:59 , Processed in 0.298621 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش