بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2130|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[پىسخىكا سىناقلىرى] دادىسى بىلەن كۆپرەك بىللە بولغان بالىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x

2009-يىلى مارت ئېيىنىڭ مەلۇم بىر ھەپتىسى ئەنگلىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۇغۇلغان 17 مىڭ بوۋاقنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان ئالىملار شۇنىڭدىن كېيىنكى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، 1965-يىلىغا كەلگەندە ئۇلار بۇ بوۋاقلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن كۈندە نەچچە سائەت ۋاقىتنى بالىلار بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇلارغا كىتاب ئوقۇپ بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكىنى، ئۇلار بىلەن بىللە دالا سەيلىسىگە چىققان ياكى چىقمىغانلىقىنى سورىدى. بۇ بالىلار 11 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەقلىي قۇۋۋىتىنى سىناش تەجرىبىسى ئىشلىدى. نەتىجە ئاخىرى مۇنداق بولدى: دائىم ئاتىسى بىلەن بىللە بولغان بالىلارنىڭ كېيىنكى چاغلاردا تەڭتۇشلىرىدىن ئەقلىي قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان ھەمدە ئاتىسى مەنسۇپ جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئاسانلا ھالقىپ، ئاتىسىدىنمۇ يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بولغان. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئاتىسى بىلەن بىللە بولغان بالىلاردا ئەقلىي ئىقتىدار ئەڭ يۇقىرى بولىدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن، بۇ خىل ئەۋزەللىك ئۇلاردا ئۇلار 42 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن سىجىل ساقلانغان.
پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتى ئانىلارغا تاپشۇرۇلغان ئائىلىدە، گەرچە ئاتا-ئانىسى تەل بولسىمۇ، لېكىن بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەنلەرنىڭ ئەقلىي كۈچىدىن ئانچە پەرقلەنمىگەن. ئالىملار يەنە مۇنداق ئەھۋالنى بايقىغان: ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئورنى (مەسىلەن: كىرىم، مائارىپ، كەسىپ ۋە ساغلاملىق قاتارلىق تۆت جەھەتتىكى دەرىجە) نىسبەتەن يۇقىرى ئاتىلار بالىلىرىغا كۆپرەك ۋاقىتنى سەرپ قىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئوغۇل ئاسانلا ئاتىسىنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىغا ئىگە بولالايدىكەن. بىراق ئانىلار كۆپرەك ھەمراھ بولغان قىز ياكى ئوغۇل بالا بولسۇن، ئەقلىي ئىقتىدارىدا زور پەرق بولمايدىكەن. تەتقىقاتچىلار گەرچە بۇنداق نەتىجىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا باشقا ئامىللارنىڭ سەۋەب بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقمىسىمۇ، يەنى تۇغما ئىقتىدارلىق بالىلارنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىسىمۇ، بۇ نەتىجىنىڭ ئىجابىيلىقىغا چىن پۈتتى . قارىغاندا ئەجدادلاردىن قالغان «ئەقىلسىز بالىنىڭ دەردىنى ئاتىسىدىن ئېلىڭ» دېگەن ھېكمىتى ھەقىقەتەن ئاساسسىز بولمىسا كېرەك.
مەنبەhttp://www.qutyar.com/ud/thread-2551-1-1.html

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 06:59 , Processed in 0.238570 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش